يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: peacelife212

ئۈرۈمچىلىكتىن رەنجىمەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يۇرتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش رېتىمى بولىدۇ. شەھەر تەرەققى قىلغانسېرى بەزى ئىشلاردا قولايلىقلار بولسىمۇ كۆپىنچە ئىشلاردا قىيىنچىلىقلار كۆپ.
مەيلى قانداقلا يۇرتتىكىلەر بولسۇن ئۇلاردىن ماڭا ئادىمىگەرچىلىك قىلمىدى ياكى ئىشلىرىمغا ياردەم قىلماي ئۆزىنى چوڭ تۇتتى دېگەندەك ئورۇنسىز ئاغرىنىشقا بولمايدۇ.
"تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز" ھەممىمىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان يەرنى ياخشى كۆرىمىز. ھەم ئۆز يۇرتىمىزدا قەدرىمىز بولىدۇ.
ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالسام ھەممىڭلارنى "مېنى ئاۋارە قىلدى" دەپ ئىچىڭلاردا تىللىغىنىڭلارغا پەرۋا قىلماي يوقلاپ كېلىمەن.:lol

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 15:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدىن كورلىغا خىزمەت سەۋەبىدىن كەلگەن بىر تونۇشمىز   بۇ كورلا نىمانچە قىممەتچىلىك دەپ كەتكەن ....

تىمىڭىزنىڭ بىشىدىكى بىر كويغا ئۈچ 5 كويغا ئۈچ دىگەنلەرنى مەن تولا ئاڭلايمەن  ...
بىزنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىمۇ ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قالسىڭىز ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويۇپ ۋاقتى بولسا بىرىڭلار دەپ سۆزلەپ قاپتىكەن بىر كۈنى ``

مەن مۇشۇ خوتەنگە بىرىپ جۇلالىق ھەدەمنى ئاۋار قىلىپ كىلەيمىكىن ..

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 15:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا 5 - ئايدا بارىمەن ئۈرۈمچىگە بىر 2 كۈنلا تۇرامەنمىكىن ئىشىمنىڭ كۆپلىكىدە كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ كىملەر بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى ئويلىشىپ باقسام بولغۇدەك ;P ;P

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 14:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى مۇنبەردە ئوقۇغان بولغۇيتىم ئەسكە ئالالمىدىم ، ۋاپادارىم دەپ بىر ئەزا يوللىغان <<ئۈرۈمچىدىن زېرىكتىم >> دېگەن شېئىرنى ئوقۇغان ئىدىم ....

ئۇزۇن كەتكەن رەستىلەر ،
مىغىلداقلىق ئادەملەر ،
مۇز چىرايدىن بەزىلەر ،
ئۈرۈمچىدىن زېرىكتىم .
...................

مېڭىشىڭمۇ پۇل ئىكەن ،
تۇرىشىڭمۇ پۇل ئىكەن .
پۇلغا ۋىجدان ساتاركەن ،
ئۈرۈمچىدىن زېرىكتىم .


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4،5 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىممۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتۇپتۇ، تۇرپان ئۈرۈمچىگە يېقىن بولغاچ بېرىپ كېلەيچۇ زېرىكىپ قالدىم دەپمۇ بېرىپ قويىمىز، ئىدارىدىن تەربىيلەش باركەن دەپمۇ بېرىپ قويىمىز. ئىككى سائەتلىكلا يول بولغاندىكىن. ماشىنىغا چىقىپ ئەمىرىكىنىڭ سوقاش فىلىمىدىن بىرنى كۆرۈپ بولغىچىلا باردىغان ئىش، كىنو تۈگىمەي تۇرۇپ بېرىپ قالمىساقتى دەپ شوپۇردىن ئاستا مېڭىڭ دەپ قويىشىمىز بار.
ئۈرۈمچى دىگەن بۇ شەھەر ماڭا بېرىدىغان تەسىرى باشقا كىشلەرگە بەرگەندەك ھەرگىز سوغۇق ۋە مېھىرسىز ئەمەس.
ئۈرۈمچى قاينام تاشقىنلىققا شۇنداقلا ئاجايىپ رىقابەت ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر شەھەر. ئالدى بىلەن 26 مىليون نوپۇسنى بېقىپ كېتىۋاتقان بۇ شەھەرگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمەن.
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى  ئاران 630مىڭ (ئاتمىش ئۈچ تۈمەن ئەتراپىدا).
شۇنچىۋالا نوپۇس، شۇنچىۋالا ئىدارە، شۇنچىۋالا ئېھتىياج ۋە تەلەپنى قاندۇرۇپ، تەڭدىن تولا نوپۇسنى مۇقىم ئولتۇراق ئۆي، مۇقىم كىرىم ۋە تەڭ نىسبەتەن يۇقۇرى بېقىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان قىلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىن قانداقمۇ ئاغرىنغۇسى كەلسۇن!
ئۈرۈمچىنىڭ شارائىتلىرى ھەقىقەتەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەر ۋە بىۋاستە قاراشلىق تەرەققىيات رايونلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئەشۇ چوڭ شەھەر، رايونلاردا تېخى يوق ئەۋزەل شارائىت ۋە كاپالەتلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە بار. مەھەللە كومىتىتلىرى قەرەللىك ھالدا نوپۇسلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش ۋە بىر قىسىم نەپىقە، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاھالىلارنىڭ تۇرمىشىنى ياخشىلاپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەگەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىدەك ئەۋزەل مەبلەغ شارائىتى، يەرلىك كارخانىلار تەرەققىيات پىلانى  ۋە چەتئەل ھەمكارلىق لاھىيەلىرى قاتارلىق ئەۋزەل شارائىتلار ئۈرۈمچىدە بولسا ياكى تېخىمۇ كۆپ بولسا ئىدى، ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك تەرەققىي قىلغان بولار ئىدى.
ئەمما زور كۆپ قىسىم جەھەتتىن بۇ شەھەرگە قايىل بولماي بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى كىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى ھەرگىز ئۇلارنىڭ مېھماندوست ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بېسىمى باشقا شەھەردىكىلەردىن كۆرىنەرلىك يۇقۇرى. تۇرپاندا كۆزنەك ئورۇندىكى بىنا ئۆينىڭ بىر كىۋادىراتىنى 2700 يۈەن دىگىنىگە ئىنجىقلاپ يۈرسەم، ئۈرۈمچىلىكلەر كىۋادرىتى 4،5 مىڭ يۈەنلىك ئۆيلەرنى ئەرزان توختىتىدى دەپ سېتىۋېلىپ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۋاتقىلى نەچچە يىلدىن ئاشتى. ئۇلارنىڭ مۇئاشى ئوخشاشلا دۆلەت مالىيەسدىن ئاجرىتىلغاچقا ھەرگىز چوڭ شەھەردە مائاش يۇقۇرى بولىدۇ دىگەندەك بەك يۇقۇرى ئەمەس، (ئىدارىنىڭ قىسمەن تەمىناتى ۋە يىللىق مۇكاپات سوممسىدىن باشقا) . ئۇلارغا بىزنىڭ مۇئاشىمىزدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق مائاش بەرسىمۇ ئارانلا شۇ تۇرمىشىدىن ئېشىنىدۇ ( بۇ پەقەت ھۆكۈمەت مائاشى بىلەنلا كۈن كەچۈرۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى مەمۇرلار سودا خارەكتىردىكى قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ). بىزنىڭ تۇرپاننى مىسالغا ئالساق، شەھەردىن 70 كىۋادراتلىق ئۆينى بىر ئايلىقىنى 5،6 يۈزيۈەنگە ئېلىپ ئولتۇرالايمىز. ئۈرۈمچىدە 20 كىۋادرتقا يەتمىگەن ئۆيگىلا ئايلىقىغا 6،7 يۈز يۈەن خەجلەيدىغان ئىش. يىڭى توي قىلغانلار كۆپ ھاللاردا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاندىن بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ ( ئەرزان بولغاندا كىۋادرتى 4000 يۈەندىن يۇقۇرى ئەلۋەتتە).
شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي بېسىم باشقا يۇرتتىكىلەردىن يۇقۇرى بولىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا مېھماندوستلۇق بىلەن مۇسۇلماندارچىلىقنى يەتكۈزۈشۈپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمايدۇ. ھەپتىدە بىرەر قېتىم خىزمەتداشلار ئائىلە ئولتۇرىشى، دوستلار يىغىلىشى، ساۋاقداشلار ئۇچرىشى قاتارلىقنى ئۆتكۈزۈپ تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش بېسىملىرىنى تەڭشەپ ماڭىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئىدارە ئورگانلىرى ئۈرۈمچىدە، تەربىيلەش مەركەزلىرى ئۈرۈمچىدە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 90 پىرسەنتى ئۈرۈمچىدە.
دىمەك، ئۈرۈمچىدە يەرلىكلىشىپ قالغان بىرەر تۇققىنىمىز بولسا، بىزمۇ خاتىرجەم بارىمىز ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمىزدا ئۇلارغا جاپا سېلىپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ يۇرتتىن كېلىدىغان ئۇرۇق تۇققان، دوست يارەنلىرى بىر ئىككىيلەنلا ئەمەستە . شۇنداقتىمۇ ئۇلار كۆپ ھاللاردا بېسىم ، ئالدىراشلىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قولايسىزلىقلارنى بىلىندۈرمەي ياخشى كۈتىۋېلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
مىسالغا ئالساق ۋە تەھلىل قىلساق بۇ پەقەت ئۈرۈمچى كىشلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر تەرىپى خالاس. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۈرۈمچى كىشلىرىدىن ئاغرىنىش توغرا كەلمەيدۇ.
بولمىسا سىزمۇ بىر مەزگىل " ئۈرۈمچىلىك" بولۇپ بېقىڭ .
كەمىنە كۆپ ئوقىمىغان قارا قوساق كىشى بولغاچ، كاللامدا ئويلىغانلىرىمنى توغرا، بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكىم بولىشى مۇقەررەر. ئۈرۈمچى ۋە باشقا يۇرتتىكى دوستلار توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
تۇرپانغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن. (كىلىڭلار دىسەم بىر شودۇي ئادەم كىلىۋالماي، ئىككى ئۈچ بولۇپ كەلسەڭلار دىمەكچى :lol )

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
1
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ئۆلمەس ئەسەر، قايتا ئوقىغىنىمدىن يەنىلا مەمنونلۇق ھېس قىلدىم. بەكمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئەسەر.
تەشەككۇر!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
80 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
372
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 01:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا سايە مىھماننى چاقىرىپ قۇيۇپ ئارقىدىن ئەسكەرتىش بېرىپ قويغىنڭىز قىزىق بوپتۇ :lol

مەن   ئۇخلاي ....ئاللاھغا ئامانەت دوستلار

Rank: 8Rank: 8

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
516

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىپ سورۇنلارنى ئابرويى بىلەن قىزىتىپ يۈرگەن پەرھات خەنزۇ بىر سورۇندا شۇنداق دېگەن ئىدى:
مۇشۇ ئۈرۈمچىلىكنى پاخلان سويۇپ مېھمان قىلغۇم كېلىدۇ، نېمە دېگەن مېھماندوست كىشىلەر - ھە بۇ ؟ بىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي بىرى كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان جەنۇب-شىماللىقلار بېسىۋالسىمۇ دېگەن ۋاقىتتا سىزنى كۈتۈپ تۇرغان، بۈگۈن بىرىنى ئۇزاتسا ئەتە بىرنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ مائاشى قانداق يېتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالىسىز، مېنىڭچە بولغاندا ئۈرۈمچىلىكلەرگە ئايدا بىر تۈمەندىن مائاش بەرسە تېخى ئاز! زادىلا قاقشاشمايدۇ، يەنە تېخى مېھماندارچىلىقتىن كېيىن سىزنى قوندۇرۇۋاتقان، تاكسىلاردا چۈشكۈنىڭىزگە ئاپىرىپ قويۇۋاتقان ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرېسې  ئۈرۈمچي  كېم بېلەن كېم نېڭ  ئېشې تورداشلار:P:P:P

Rank: 1

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:41:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايە سىزمۇ تۇرپانلىقمۇ؟ مەنمۇ شۇ ، تۇرپانغا تورداشلارنى چاقىرىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ تەييار، بىر شودۈي كەلسىمۇ مەيلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:38 , Processed in 0.118229 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش