يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 599|ئىنكاس: 4

بىز نامرات ئەمەس، كۆڭلىمىز نامرات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
72 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ھازىرقى يېڭى توي قىلغان ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ ئائىلىسىگە شۇنداق كىرىپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىرەر قەدىمى ئوردىغىمۇ ۋە ياكى بولمىسا بىرەر سارايغىمۇكىرىپ قالغانلىقىڭىزنى تۇيمايلا قالىسىز، نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۇجرىسىدا ئىسىل گىلەملەر، ئىسىل تىكىلگەن پەردىلەر، داڭلىق ماركىلىق تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، كىرىسلو، نازۈك پار-پۇر جانان قاچىلىرى رەت-رىتى بىلەن تىزىلغان. لىكىن، بۇ چىرايلىق بىزەلگەن سارايدەك <ئىچى پال-پال تىشى غال-غال> ئۆيلەردىن ئىنساننىڭ مەنىۋى ئوزۇقىنى قاندۇرىدىغان، بىرەر مىللەتنىڭ مەدىنيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدىنىي مىراس، كىتاپ ئۈستىلى تۇرماق، بىرەر پارچە كىتابنى ئىزدەپ تىپىشىڭىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇنى <دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەنلىك بىلەن باراۋەر> دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، ھەم بۇ ئۆيلەرگە يۈرەكلىك بىلەن ساراي دىگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا بىز بىلەن دۇنياداش ، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئات-ئىشەك، كالا-قويلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان < ئېغىل> دەپ ئىسىم قويساق ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغانلىق ئەمەس. ( 2008-2-24 )
كۆڭۈل نامراتچىلىقى ئىنساننى ۋە شۇنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئايلانغان مىللەتنى ئامەت باغچىسىغا ئەمەس، بەلكى ئاپەت خارەكتىرلىك كۈن تەرتىپسىز كەلگەن قىيامەتكە باشلايدۇ. ( 2009-4-16 )


ئاپتورى: <غ> ئۇيغۇرى.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھازىرقى ھەقىقى تۇرمۇشىمىزنى  دەپسىزغۇ - !!!
رەھمەت جۇمۇ سىزگە - !!!

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:27:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى  يىزىپسىز  .  ئاپىرىن  سىزگە !  ھەممە ئادەم  سىزگە  ئوخشاش  ئويلىسا  نىمە  دىگەن  ياخشى  !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا دەيسىز!!!  ھازىرقى جەمىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ دەۋىردە بىچارە ئاتا -ئانىلار باشقىلاردىن تۆۋەن قالماسلىق ئۈچۈن قىز-ئوغۇللىرىنىڭ تويىغا بەس-بەستە دۇنيا راسلىماقتا،بەزى بىر قىزلىرىمىز( پالانچى مۇنداق ماركىلىق سۈيۈق كىرىستاللىق تىلىۋزۇر ئاپتۇ،مەن ئاشۇنىڭدىن قالسام خەقلەر مىنى نىمە دەيدۇ!!!  يىگىتىم مىنى كومپىيوتىر ئىلىڭ دىدى، ئىلىپ بەرمىسەڭ بولدى مەن بۇ توينى قىلمايمەن.....) دىگەندەك ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇپ ،ھەشەمەتچىلىكنىڭ تىخمۇ ئەۋجە ئىلىشىغا تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينىماقتا،ھەي نىمە دەيمىز ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى قىرنداشلىرىم،ئاللا ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە دىققەت قىلىپ باقتىم. يۈز ئائىلىنىڭ بىرەسىدە كىتاب ئىشكابى بولسا باركى بولمىسا يوق. شۇ ئائىلىنىڭ خانىمىدىن قايسى كىيىم يېڭىدا مودا بولدى ئۆيىڭىزگە قانداق پەردىلەرنى ئاساي دەۋاتىسىز؟ دېسە دەرھال جاۋاب بېرەلەيدۇ. يېڭىدا قايسى كىتابلار نەشىردىن چىقىپتۇ؟ دەپ سورىسىڭىز بۇ سوئالىڭىز جاۋابسىز قالىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى تېراگىدىيىمىز......
ئالدى بىلەن بىزەيدىغىنىمىز قەلبىمىز، قەلبىمىزنى بىلىم گۈللىرى بىلەن بېزىسەك ئۇنىڭغا ھېچنەرسە تەڭ بولالمايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:52 , Processed in 0.179921 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش