قوينىڭ كۆزى (مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى 1)
«بالا بالا بولغىچە ئانىسى موما بوپتۇ» دېگەن بىكار گەپ ئەمەس. ۋاي بۇ بالىنى چوڭ قىلماق، بەزىلەر «بالا باقماق قانچىلىك ئىش، قورسىقىنى تۇيغۇزۇپ قويساڭ ئۇخلاۋېرىدۇ ياكى ئويناۋېرىدۇ» دەپ گەپ ساتىدۇ. شۇ بۇرادەرلەر ھېچبولمىغاندا بىر كۈن ئانا ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا ئىدى!
تىلسىز بالىلاردا ئۇچرايدىغان بەزى ئاغرىق – سىلاقلارچۇ تېخى! مەسىلەن، بالىنىڭ تىلىنى چايناپ، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىشىنى ئالايلى، راست، بۇ نارەسىدىنىڭ جېنىغا پاتىدىغان، ئۇنى يىغلىتىپ قاقشىتىدىغانمۇ ئاغرىق ئەمەس، بىراق، ئۇ نارەسىدىنىڭ ئاغزىدىن توختىماي شۆلگەي ئېقىپ، كىيىمىنى ھېلىدىن – ھېلى يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈپ، ئويغاق ۋاقىتتا ئانا قولىغا ياغلىق تۇتۇپ بالا يېنىدىن تۇرماي ئولتۇرالامدۇ؟ ئەگەر ئانا بالىسىنىڭ يېنىدا مىدىر – سىدىر قىلماي ئولتۇرسا، نارەسىدىنىڭ يۆگەكلىرىنى كىم يۇيىدۇ، ئۆينى كىم يىغىشتۇرىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىغا كىم تاماق ئېتىدۇ؟ ئۇنداقتا بالىنىڭ تىلىنى چايناپ، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىشىنى توختىتىش مۇمكىنمۇ؟ مومام رەھمىتى ئەنە شۇ ئاغرىققا يولۇققان نارەسىدىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ياش ئانىلارغا: «مال سويۇۋاتقانلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، قوي تىلىنىڭ ئۇچىنى كەسكۈزۈپ، ئوڭ كۆزىنى ئويدۇرۇپ، شۇنى بالىنىڭ باش – كۆزىگە دوملاپ، ئاندىن ئىشىكىڭلارنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويۇڭلار» دەپ مەسلىھەت بېرەتتى.
مەنمۇ بالىلىرىمنى تەربىيىلىگەندە بۇ ئۇسۇلنى قوللاندىم دەپ ئېيتالمايمەن. ئەمما نەۋرىلىك بولغىنىمدىن بېرى بۇ ئۇسۇل بەكمۇ ئەسقېتىۋاتىدۇ. نەۋرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مومامنىڭ ئاشۇ ئەرزىمەس دورىسى بىلەن ساقايدى. بۇنى باشقىلارنىڭ قوللىنىپ قويغىنىنىڭ زىيىنى يوقمىكىن دەيمەن.
مۇشۇنداق ئاغرىققا بەزىلەر قوينىڭ ئوڭ كۆزى ۋە تىلىنىڭ ئۇچىنى قايناق سۇدا چايقاپ بالىغا ئىچكۈزىدىكەن. مېنىڭ پىكرىمچە يۇمران ئورگانىزملىق بالىنى داۋالىغاندا ئۇنچىلىك قاراملىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئۇنىڭسىزمۇ ھازىر ھەر خىل يۇقۇملۇق ئاغرىقلار ئازمۇ؟ يېڭى سويۇلغان قويدا قانداق ئاغرىقلار بار، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا بىردىنبىر ئۇسۇل، مەن يۇقىرىدا ئېيتقان مومامنىڭ داۋاسىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ بالىغا ھېچقانداق زىيىنى يوق.
مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى» كىتابىدىن ئېلىندى.
ئاپتورى: كامال ھېسامىدىنوف (قازاقىستان)
«يەتتە قىزلىرىم» غا تەييارلىغۇچى: قىسمەت