يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 599|ئىنكاس: 4

بەخت بىر خىل قابىلىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:46:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختنىڭ ئىگە بولۇش ئەمەس، بەلكى بىر خىل قابىليەت ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى ھېس قىلدىم. ئىلگىرى بىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈش، خىزمەت ۋە يۇقىرى ئۆرلەشكىلا قابىليەت كېرەك، دەپ قارايتتۇق. توغرا ئۇلارغا ھەقىقەتەن قابىليەت كېرەك. لېكىن توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا قابىليەت كېرەك بولىدىكەن، قابىليىتى يوق كىشىلەر ئوخشاشلا قابىليەتلىك بولالمايدىكەن.
بىر قىزنى تونۇيتۇم، كەسىپتە يامان ئەمەس كىچىك بىر تىجارەتچى بولۇپ، ياشاشنى بىلمەيتتى، قانچىلىك پۇل تاپسىمۇ <<تاپالمىدىم>> دەيتتى. باشقىلارغا دەرد  تۆكۈپلا قالماستىن، يەنە ئېرىغىمۇ توختىماي دەرد تۆكەتتى. ئينىڭ ئېرى چىن ئەپەندى شۇ رايوندىكىلەر ئېتىراپ قىلىدىغان <<ياخشى ئەر>> ئىدى. باشقىلار ئۇنى دائىم قولىدا تۆت - بەش سۇلياۋ خالتا كۆتۈرگەن ھالدا سەي- كۆكتات، توخۇ، بېلىق سېتىۋېلىپ ئۆيگە ماڭغان ھالىتىنى كۆرەتتى.
باشقىلار چېن خانىمنىڭ ئېرىنى بەك ياخشى دىيىشىدىكەن. بۇ ئايال ئەكسىچە: <<ئۆزى ئاچپاقا بولغاچقا، تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ>>، << باشقا قابىليىتى يوق، شۇڭا پەقەتلا شۇ تاماق ئېتەلەيدۇ>> دەپ ئاغرىنىدىكەن. سىرتتا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا بولسا، ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن توي قىلغىنىنى گويا ئۆمىرىدىكى ئەڭ نەس باسقان ئىشتەك سۆزلەيدىكەن.
چېن خانىم كېيىن تىجارەتتە مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن زىيان تارتىپتۇ. چېن ئەپەندىنىڭ خىزمىتى مۇقىم بولغاچقا، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسىگە ئايلىنىپتۇ، بۇ ئائىلە پۈتۈنلەي چېن ئەپەندىگە تاينىيدىغان بوپتۇ. چېن خانىم باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن بىر بالا تۇغۇپ ئانا بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن زېھنى بىلەن بالىغا قاراپ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان بوپتۇ. ئەتىراپتىكى قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئېرىنى ماختاشنى ئۆگىنىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ بەختىنى تاپقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىشىپتۇ.
بەختنىڭ شەكلى بولمايدۇ، بەخت بىر خىل تۇيغۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ بەختى ئوخشاش بولمايدۇ. بالىنىڭ بەختى ئۆزگىرەلەيدىغان قونچاققا ئىگە بولۇش، ئانىنىڭ بەختى بالىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتىشى، ئېرىنىڭ بەختى خوتۇنىنىڭ خۇشال يۈرۈشى، خوتۇنىنىڭ بەختى ئېرىنىڭ پاكىز ئاق كۆينەك كىيگىنىنى كۆرۈش.
يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەن ئاستا-ئاستا بىر قىسىم قائىدىلەرنى بىلىشكە باشلىدىم. بەخت گۈلگە ئوخشىمايدۇ، بەلكى يوپۇرماققا ئوخشايدىكەن. گۈل گەرچە چاقناپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئېچىلىش ۋاقتى بەك قىسقا، بىر مەزگىل ئېچىلىپ ئارقىدىن خازان بولىدىكەن. لېكىن يوپۇرماق ئۇنداق ئەمەس، ئۇ گەرچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن بىلەن، لېكىن تۇراقلىق، ئۇزاققىچە تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ.ياخشى سۆيگۈ چوقۇم يوپۇرماققا ئوخشاش، پەقەت بىرلا خىل رەڭدە تۇرىدۇ ھەم چىدامچان بولىدۇ.
بەخت بىر خىل تەبىئىي تالانت ھەمدە بىر تۈرلۈك تەربىيە. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، باشقىلارغا ئىشەنگەن، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار بىلەن ھېساپلاشمايدىغان كىشىلەر ئاسان بەختلىك بولىدۇ.

مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى 2011-يىللىق 2- سان

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 18:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەخت بىر خىل تەبىئىي تالانت ھەمدە بىر تۈرلۈك تەربىيە. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، باشقىلارغا ئىشەنگەن، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار بىلەن ھېساپلاشمايدىغان كىشىلەر ئاسان بەختلىك بولىدۇ

راست كىچىككىنە ئىشنىمۇ ئەزۋەيلەپ ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ يۇرۇيدىغان ئۆيلەردە ئۇرۇش - تالاش تۈگمەيدۇ``

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز ئالدىدىكى بەخىتنى ھېس قىلالمىغان ۋە ئۇنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئايال ئەڭ بەخىتىسىز ئايالدۇر.
بەخىتنىڭ قوينىدا تۇرۇپ بەخىت سەن نەدە؟ دەپ توۋلايدىغان ئەخمەقلەرگە ھەيرانمەن!؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلسەنەم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:46 دە يوللىغان
لېكىن يوپۇرماق ئۇنداق ئەمەس، ئۇ گەرچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن بىلەن، لېكىن تۇراقلىق، ئۇزاققىچە تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ.ياخشى سۆيگۈ چوقۇم يوپۇرماققا ئوخشاش، پەقەت بىرلا خىل رەڭدە تۇرىدۇ ھەم چىدامچان بولىدۇ  ...


بەخىت توغۇرسىدىكى بۇ ئوخشىتىش جايىغا چۈشۈپتۇ .

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 04:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلماي تۇرۇپ توي قىلغاندىن كىيىنكى بەخىتنى تۇتۇش توغرۇلۇق ئۆگىنىۋالدىم ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 03:38 , Processed in 0.046006 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش