ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى ئاكا - ھەدىلەر ، ئىنى - سىڭىللار .
مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بوپ كىرىشىم يۈزىسىدىن سالام بىرەي دەپ ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئۈزەم ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن ، داۋاملىق ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇشقا تويمىغان مەكتەپ بالىسى .....
يەتتە قىزلىرىمغا كىرگىنىمدىن خوشالمەن ، ھەممىڭلارغا شاتلىق يار بولسۇن .....
قۇرۇق كەلگۈچە دەپ كونا شىئىرلىرىمدىن بىرنى ئېپ كەلدىم ،يەنە جۇلالىق ھەدەمگە ۋەدە قىلغان جازانى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن ، شىئىرلىرىمنىڭ ياخشىلىرى تور دۇنياسى بىلەن تەڭ دېڭىزغا چۈكۈپ كەتتى ،ئۈزەممۇ سەۋىيىسى تايىنلىق ھەۋەسكاردىن ، ياخشىسىمۇ تايىنلىقتى ئەمدى، يەنە يازاي دىسەم ھازىرچە نە ئىلھام نە پىلھام يوق ، شۇڭا ناچار بولسىمۇ ياخشىغا تاۋاپ قىلىپ كۈرۈپ قويارسىلەر .....
خىيالىم قوينىدا ياشىسام ...
يايرىسام زەپ تاتلىق خىياللار ئارا ،
ئازاپلىق رىئاللىق كەتتى سۈمۈرۈپ .
كۈلكەمگە تىلەكنى كۆمگەنتىم تالاي ،
يىغام كەپ تامامەن ئاپتۇ سۈپۈرۈپ .
شامال بوپ پىچىرلاپ تاتلىق خىياللار،
روھىمنى قالغانتى بىر چاغ پەپىلەپ .
دېرىزەم تۈۋىدىن كەتمەيدۇ ھۇقۇش ،
مەنزىلىم يولىدا ئۈنلەپ - ئەركىلەپ .
ئامەتكە تىۋىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىم ،
ئاپەتنىڭ رىشتىسى تۇتاشتى مەھكەم .
بەختنىڭ قوينىدا ياشاي دىگەندە ،
بەختسىز ئەتىگە ئۇلاشتى ئەتەم .
خىيالىم قوينىدا ياشىسام بىر كۈن ،
رىئاللىق چۈشلەنى قىلىدۇ بىتچىت .
ئاجايىپ ئالەم بۇ سىھىرگە تولغان ،
مەن ئۇنى يۈرەكتىن سۆيگەنتىم ، ئىسىت .