يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 858|ئىنكاس: 7

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆھبىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېك بىلەن ئاندېرىي بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى، ئۇلارنىڭ مىجەزى كېلىشكەچ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى ئائىلە دائىم بىللە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىشتى.
بىر كۈنى، بۇ ئىككى ئايال قەھۋەخانىدا بىللە ئولتۇرماقچى بولۇشتى.
ــ تۈنۈگۈنكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بىز گۈزەل ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزدۇق، سىلەر قانداقراق ئۆتكۈزدۈڭلار؟ ــ دېدى جېكنىڭ خوتۇنى.
ــ دىمەيلا قويۇڭ، ئاخشام تازا قاملاشمىغان ئىش بولدى. ئاندېرىي ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تامىقىنى يەپ بولۇپلا، ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. سىلەر قانداق ئۆتكۈزدۈڭلار؟ ــ دېدى ئاندېرىينىڭ خوتۇنى ئاچچىقىدا.
ــ سىز ئۈچۈن بەك ئەپسۇسلىنىمەن، ئاخشام يۈز بەرگەن ئىش ھېلىھەم كۆ ئالدىمدا، جېك ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا مېنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتى، ئۇ خۇددى بىز يۈرۈۋاتقان چاغلاردىكىدەك سىرتقا چىقىپ مەن بىلەن رومانتىك كەچلىك غىزا يىمەكچى بولدى. كەچلىك غىزادىن كېىيىن بىز قول تۇتۇشقىنىمىزچە بىرەر سائەتچە سەيلە قىلدۇق، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇ يەنە شام ياقتى، بىر شام نۇرى ئاستىدا بىرەر سائەتچە مۇڭداشتۇق، بەك رومانتىك بولدى.
دەل شۇ ۋاقىتتا جېك بىلەن ئاندېرىيمۇ مۇڭدىشىۋاتاتتى.
ــ تۈنۈگۈن ئاخشامنى قانداقراق ئۆتكۈزدۈڭ؟ ــ سورىدى جېك.
ــ ناھايىتى ياخشى، ــ دېدى ئاندېرىي ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا، ــ ئۆيگە كەلسەم خوتۇنۇم مول كەچلىك غىزا تەييارلاپتۇ، مەن كەچلىك غىزانى يەپ بولۇپ تازا قانغۇچە ئۇخلىدىم، سەنچۇ؟
ــ ئاخشام تازىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش بولدى، ئاخشام ئۆيگە قايتىپ كەلسەم خوتۇنۇم تاماق قىلماپتۇ، قورساق ئاچ بولغاچقا ئىلاجىسىز خوتۇنۇم بىلەن بىللە سىرتتا تاماق يېدۇق، كالا گۆشىنىڭ ئۇنچە قىممەتلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ھەميانىمدىكى بارلىق پۇلۇم شۇنىڭغا كەتتى.، كىرا قىلغۇدەك پۇلۇپ قالمىغاچقا، ئامالسىز ئۆيگە پىيادە قايتتۇق. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە توك توختاپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاران تەستە شام تېپىپ ياقتىم. ھەممىدىن ئاچچىقىم كەلگىنى شۇكى، خوتۇنۇم تولا كوتۇلداۋېرىپ، مېنى زادى ئۇخلاتمىدى.


تەرمىلەر ژۇرنىلى، 2010-يىل 12-سان.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
392

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرمىلەرنىڭ  ئەسەرلىرى ئادەمنى خېلى ھوزۇرلاندۇرىدۇ .تۇلا ھىكايىللىرىنىڭ ۋەقەلىكى ئاددى مەزمۇنى بەك چوڭقۇر .
بەش يىلدەك بۇپتۇ قالدۇرماي ئۇقۇپ كىلىۋاتقىلى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما سلىشتۇرمنى كۈرۈڭ ئەمدى ،، بەك ياخشى سىلشتۇرما بوپتۇ ...

پۇل تىپىش   http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمداق ئۇماق ئەر ئاياللار بۇ ،قىزىق ھىكايىكەن ...تەرجىمىسمۇ ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ .

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ماۋۇلارنى قارا  نىمانچە قىززىق ئىككى تەرەپتە ئىككى ئوقۇم ```

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت  ھاياتلىقنىڭ  تىزگىنىكىدۇر.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:27:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق سېلىشتۇرما بوپتۇ، ئايال كۆڭلىدە بۇنى ئېرىم ئالاھىتەن ئورۇنلاشتۇردى، دەپ قاتتىق خۇشال بولۇپ دوستىغا تازا ماختىنىپتۇ-دە

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئاياللارنىڭ كوڭلى مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە ئشتا خوش بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:17 , Processed in 0.055637 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش