يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 845|ئىنكاس: 4

<پىسخىك قەپەس >كە مەھبۇس بولماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
0
يازما
1

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇم بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ئۆزىدە كېسەل باردەكلا ھېس قىلىپ،كۈتۈپخانىغا بېرىپ بىر پارچە تىببىي ئوقۇشلۇقنى ئېلىپ،ئۆزىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەكچى بوپتۇ.ئۇ راك كېسىلىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىنى ئوقۇغاندا. ئۆزىنى راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ چۈچۈپ كېتىپتۇ.
ئارقىدىن ئۇ يەنە قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەكچى بۇلۇپ، بۇ ئوقۇشلۇقنى يەنە ئوقۇپتۇ. كىم بىلسۇن كىتاپقا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تىزىدا سۇ يىغىلىپ قالغاندىن باشقا، ئبىر مۇنچە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ چىقىپتۇ.
ئۇ ئىنتايىن جىددىلىشىپ كېتىپتۇ. ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن -بۇياققا مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئۇ:"تېببىي ئىنىستىتۇتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدىغۇ، مەن بىر ئادەمدە ھەممە كېسىەل بار تۇرسا ،پەقەت مېنى داۋالىسىلا،دىپلوم ئالالايدىكەنغۇ"دەپ ئويلاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ  قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدىغانلىقىغا دىئاگنوز قويماقچى بولدى.ئۇ تۇمۇرىنى تۇتتى، بىراق تۇمۇرىنى تاپالمىدى.ئارقىدىنلا تۇمۇرىنىڭ مىنۇتىغا 140قېتىم سوقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. يەنە يۈرۈكىنى سىلاپ باقتى، لېكىن يۈرىكىنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى  بايقىيالمىدى. بايقىيالمىغانسېرى ئۇنى ۋەھىمە باستى،يۈرەك ئۆزىنىىڭ جايىدا تۇرۇشى كېرەكتىغۇ،ئەجەبا مەن ئۇنى تاپالمىدىما دەپ ئويلىدى.
ئۇ كۈتۈپخانىغا كىرگەندە خۇشال ھېس قىلغان بولسا، چىققاندا بىسسەرەمجان ھېس قىپتۇ.
ئۇ دوختۇرغا كورۈنمەكچى بۇلۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ. ئۇ دوختۇرنى كورۈپلا "مەن نېمە كېسىەل بولغىنىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ مەن ئۇزۇن ياشىيالمايمەن. مېنىڭدە تىزىغا سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسىلى يوق "دەپ زارلاپ كېتىپتۇ.
دوختۇر ئۇنىڭغا دىياگنۇز قويۇش ئۈچۈن، ئولتۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپتۇ.  ئاندىن رېتسىېپ قەغىزىگە بىر نېمىلەرنى يېزىپتۇ. ئۇ رېتسېپ قەغىزىگە قارىمايلا يانچۇقىغا سېلىپ دورىخانىغا بېرىپتۇ. دورىپۇرۇش قەغەزنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە:
-بۇ دېگەن دورىخانا ، ئاشخانا ئەمەس،-دەپتۇ.
ئۇ ھەيران بۇلۇپ رېتسېپ قەغىزىگە قارىسا:
-كالا سىڭىرىدىن  بىر تەخسە. پىۋىدىن بىر بوتۇلكا،ئالتە سائەتتە بىر قېتىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە 10چاقىرىم يول مېڭىپ بەرسۇن ،-دەپ يېزىقلىق تۇرغۇدەك.
ئۇ كورسەتمە بويىچە ئىشلەپ ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. بۇ خادىم دەل داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ،ئۆزىنى روھىي مەھكۇملۇق بولغان<پىسخىك قەپەس>تىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.
مۇنداق قىزىقارلىق پىسخىك ھادىسىلەر بار: تۇيۇقسز ئۆزىمىزدىن سوراپ قالىمىز:<نەرىم ئاغرىيدۇ> ئارقىدىنلا ئۆزىمىزنى تەكشۈرىمىز. بىر قىسىم  ئانچە جىددىلەشتۈرۈۋەتمەيدىغان ئاغرىقلارغا نىسبەتەن، دىققەت نەزىرىمىزنى ھەقىقي ئاغدۇرۇپ،ئۇنى ھەقىقي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ ،كېسەللىك ئەھۋالىنى ناھايىتى تېزلا 10ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىمىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:59:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېھراي سىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مۇنبىرىمىزدە پىسخېكىغا دائىر مەسىلىلەرگە تورداشلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:14:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا مېھراي !
مۇنبىرىمىزگە گۈللەرنىڭ سەرخىللىرى يىغىلىۋاتىدۇ جۇمۇ ...
يۇقارقى< پىسخىك قەپەس > ھەقىقەتەنمۇ بىزدە بەك ئېغىرمىكىن دەيمەن ، ئەتراپىمدا شۇنداق دوستلىرىم خېلىلا بار ، ئەقەللىيسى قىيىنئاپام رادىئو ئاڭلىسىلا ئۆزىدە شۇ خىل كېسەل بار دەپ دىئاگنوز قويىۋېلىپ مېنى تازا كۈلدۈرىدۇ ،يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تېلىفوندا سۆزلەپ ئاران تەسەللىي بېرىپ خاتىرجەم قىلىپ قويىمەن .
رەھمەت مېھراي ، ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىزنى ئۈزۈپ قويمىغايسىز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا قايسى بىر ماتىريالدىن شۇنداق نەرسە كۆرۈپ قالغان ئىدىم  "ئەزالىرىڭىزدىكى بەزى ئۆزگۈرۈشلەردىن كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى بىلىۋالالايسىز  " دەپتۇ . بىر بىلىپ باقاي دەپ تەپسىلى ئوقۇسام مېنىڭدىن بىرمۇنچە كېسەل تېپىپ  ،ھازىرلا دوختۇرغا بارمىسام بولمايدىغان قىلىۋەتتى ،ئاستا ماتىريالنى ياپتىمدە ،ھېچنېمە كۆرمىگەن بولۇۋالدىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىدە ئاددىي ئاغرىقلار سېزىلگەن ھامان دوختۇرنىڭ قېشىغا يۈگرەيدىغانلارنىڭ پىسخىكىسدا كۆپىنچە ھالدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ئۆزىدىكى كىچىك ئاغرىقلارنى ئېغىردەك ھېس قىلىپ روھىي جەھەتتىن كېسەل بولۇپ قالىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 08:49 , Processed in 0.049092 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش