يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 2

تاڭسىڭنىڭ غەرپكە نومغا بېرىش جەريانىدىكى پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى توققۇز يەردە توققۇز 81 خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ ئاران تەستە تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىگە ھەقىقىي نومنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ...

تاتھاگاتا: بارماقدېسكا ئالغاچ كەلدىڭلارمۇ؟
تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى: .........
تاتھاگاتا يەنە سوراپتۇ: ئۇنداقتا كۆچمە دېسكىچۇ؟
............................
تاتھاگاتا: iPad بولسىمۇ بولىداۋا؟!...
............................
تاتھاگاتا ئۇھسىنغان ھالدا: ئۇنداقتا سىلەر ئەسلى كەلگەن يولۇڭلار بىلەن قايتىڭلار، مەن سىلەرگە QQ دا يوللاپ بېرەي.
تاڭسىڭ: ما ئىشنى... بالدۇرراق دېگەن بولساڭ سېنىڭ QQ رىڭنى قوشۇۋالساملا تۈگەيدىغان ئىشكەنتۇققۇ بۇ؟ ئادەمنى بىر ئۇزۇن يول ماڭدۇرۇپ، تازىمۇ بىر...
تۆتەيلەن قايتاي دەپ تۇرىشىغا تاتھاگاتا يەنە سوراپتۇ: سىلەردە MP3 بارمۇ؟
تۆتەيلەن تەڭلا: ياق...دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
تاتھاگاتا ئەجەپلەنگەن ھالدا: ئۇنداقتا شۇنچە ئۇزۇن يولدا زېرىكمەي قانداق كەلدىڭلار؟
تۆتەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىۋېتىپ: يول بويى جىن-ئالۋاستىلارنى ئۇرۇپ دەرىجە ئۆرلەپ كەلدۇققۇ؟!
.....................

N خىل مۈشكۈلاتلاردىن كېيىن...
تاڭسىڭ قايتقاندىن كېيىن تاتھاگاتانىڭ QQ سىنى قوشۇپ ھۆججەت قوبۇللاشنى باشلاپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن تاتھاگاتادىن تېلىفون كەپتۇ.
تاتھاگاتا: ۋەي، تاڭسىڭجانما؟ سىلەنىڭ تور تۆمۈر يولنىڭ 56K لىقىما؟
تاڭسىڭ: شۇنداق، ئۆتكەن يىلى تاتقان تورتى...
تاتھاگاتا: سۈرئەت بەكلا ئاستا، بولدى، سىلەر يەنە بىر كېلىڭلا، بۇدا بارماقدېسكا ئەكىلىشنى ئۇنتۇماڭلا ماخما؟


شۇنىڭ بىلەن تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى باشلاپ، توققۇز يەردە توققۇز 81 بىر خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ يەنە بىر قېتىم تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.
تاتھاگاتا: بارماقدېسكا ئەكەلدىڭلىما؟
تاڭسىڭ: ئەكەلدۇق.
تاتھاگاتا: سىغىمى قانچىلىك؟
تاڭسىڭ: 2G
تاتھاگاتا: نوم بەك چوڭ، بارماقدېسكا كىچىك كەپ قالغۇدەك، بېرىپ 4G لىقتىن بىرنى ئەكىلىڭلا...
...........................................

شۇنىڭ بىلەن تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن 1000G لىق كۆچمە دېسكىدىن بىرنى ئېلىپ مېڭىپتۇ، خىيالىدا: ئاناڭنى، بۇدا قانچىلىك چوڭ نوم بولسىمۇ زادى ئەكىتىمىز!!! دەپ ئويلاپتۇ ۋە يەنە توققۇز يەردە توققۇز 81 خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ تاتھاگاتانىڭ ھوزۇرىغا كەپتۇ.
تاتھاگاتا: سىلەر يەنە كەپسىلەرغۇ؟
تاڭسىڭ: ئۆزەڭ چوڭراق بارماقدېسكىدىن بىرنى ئېلىپ كەل دېمىدىڭمۇ؟ بىز 1000G لىق كۆچمە دېسكىدىن بىرنى ئەكەلدۇق.
تاتھاگاتا: سىلەر قايتىپ بېرىپ QQ نى ئېچىپ باقمىدىڭلاما؟
تاڭسىڭ: بىز قايتىپ بېرىپ ئۇدۇللا كومپيۇتېر بازىرىدىن كۆچمە دېسكا سېتىۋېلىپ يېنىپ كەلدۇققۇ؟
تاتھاگاتا ئۇلۇغ تىنىۋېتىپ: ھەممىڭ كالۋا نېمىلەكەنسەنغۇ؟ مەن QQ دا سىلەرگە سۆز قالدۇرۇپ قويغان، نومنى ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ مۇلازىمېتىرغا چىقىرىپ قويدۇم، خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرىۋالساڭلار بولىۋېرەتتى...
.................................................

تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن، تاتھاگاتانىڭ مۇلازىمېتىرىنى ئېچىپ چۈشۈرۈشكە باشلاپتۇ، چۈشۈرۈپ يېرىمىغا كەلگەندە ۋىروسخور ياغاچ ئات باركەن دەپ چۈشۈرۈشكە يول قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆتەيلەن يەنە ھېلىقى 1000G لىق دېسكىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ ھەمدە كۆڭلىدە: ئاناڭنى، بۇرۇنلا بىلگەن بولساق كۆچۈرۈپلا كېلەركەنمىز، بۇدا زادى نېمىلا بولسۇن كۆچۈرۈپ كەلمىسەك ھېساب ئەمەس دەپ ئويلاپتۇ. توققۇز يەردە توققۇز 81 بىر خىل مۈشكۈلاتتىن كېيىن ئۇلار يەنە يۈز كۆرۈشۈپتۇ.
تاتھاگاتا: سىلەر قەغەز ئەكەلدىڭلارمۇ؟
..................................................
تاتھاگاتا يەنە: ھەي...بۇدا مۇلازىمېتىرغا ۋىرۇس يۇقۇپ توك يولى تاختىسى پۈتۈنلەي كۆيۈپ نوملارمۇ يوق بوپتۇ، شۇڭا سىلەر يەنىلا بىر نۇسخا كۆچۈرىۋېلىپ كەتسەڭلا بولغۇدەك.
.................................................

تاڭسىڭ ۋە تۆت شاگىرتى بۇدا ئالدىنقى قېتىملىق تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قەغەز ۋە بارماقدېسكىلارنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ، ھەمدە يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا QQ دا تاتھاگاتادىن ئوبدان سورىۋېلىپ مېڭىپتۇ. توققۇز يەردە توققۇز 81 بىر خىل مۈشكۈلاتتىن كېيىن ئۇلار يەنە تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ھەر ئېھتىمالغا قارشى تاڭسىڭ ئاۋال گەپ باشلاپتۇ.
تاڭسىڭ: ياغاچ ئاتنى تازىلاپ بولدۇڭلارمۇ؟
تاتھاگاتا: ياق، توردىن چۈشۈرگەن 360 تازا ياخشى چىقماي قالدى...
تاڭسىڭ: ئۇنداقتا بىز كۆچۈرۈشنى باشلىساق بولىدىكەندە؟
تاتھاگاتا: بولىدۇ.

تاڭسىڭ ۋە تۆت شاگىرتى 10 يىلغا يىقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نومنى ئاخىرى كۆچۈرۈپ بوپتۇ ھەمدە تاتھاگاتا بىلەن خوشلاشقىلى بېرىپتۇ.
تاڭسىڭ: بىز 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ نومنى تولۇق كۆچۈرۈپ بولدۇق، ئەمدى ئۇلۇغ تاڭ ئېلىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋاتىمىز.
تاتھاگاتا: ...................ھەقاسىڭنىڭ كاللىسى ئىشلەمدۇ يا؟ ياندىكى ئىشخانىدا پرىنتېر، فۇيىنجى ھەممىسى تۇرسا ئىشلەتمەي نېمىش قىلىشتىڭ؟؟!!!



ئاپتورى: XJCFAN.com
بۇ تېمىنى قىسمەت ئاكامنىڭ رۇخسىتىسىز ئەكەلدىم. مېنى تىللىۋەتمىگەيسىز!


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 14:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي~~ ئامال يوق. تاڭ سېڭنىڭ غەرپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن بېرىپ- كېلىش راسخودىنى تاڭ ھۆكۈمىتى كۆتۈرىدۇ،  كاماندروپكا پۇلىنىدىن ئەنسىرىمەيدۇ-دە... نېمىلا دېگەن بىلەن تاڭ سېڭ تاڭ پادىشاھى بىلەن قول بېرىشىپ، ئاغا-ئىنى بولۇشقان تۇرسا...  شەخسىي ئىش بولىدىغان بولسا تاتىھاگاتانى كاساياسىغا يۆگەپ تازا سالماي.... نېمە ئادەمنى موتورولا قىلىسەن... دەپ.....

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:57:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھې ھې ھې بەكلا قىزىقارلىق چىقىپتۇ جۇمۇ، خىزمەت ھارغىنلىقىنى يىنىكلىتىدىغان مۇشۇنداق كۈلكىلىك تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز........

رەببىم اللاھ، دىنىم ئىسلام، كىتابىم قۇرئان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 04:58 , Processed in 0.067281 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش