يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 2

گۈزەل ئەخلاق جەننەتنىڭ يولىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 02:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل ئەخلاق جەننەتنىڭ يولىدۇر .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئەخلاقتۇر»دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ گۈزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: «مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن»دەپ كۆرسەتكەن.
مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزالى«مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەب قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: «يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن».
گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ قولدىشىدۇر  
گۈزەل ئەخلاق ئىماننى تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىلدۇر. دەرىجە جەھەتتە ئەخلاق بىلەن ئىمان بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىدۇر»دەپ كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنداق ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ»دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان، بۇ ۋاقىتتا ساھابىلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن"يارەسۇلەللاھ! ئۇ قانداق ئادەم" دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قوشنىسى ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادەم» دەپ جاۋاب بەرگەن.
قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ! بالكونىغا يايغان كىرنىڭ سۈيىنى ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنىلىرىغا ياكى يولغا ئېقىتىپ كىشىلەرگە ئازار قىلىدىغانلار بىلەن ماشىنىسىنى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان ياكى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يۇندا ياكى ئەخلەتلەرنى تۆكىدىغان، ئۆيىگە كىرىپ، چىقىش جەريانىدا قوشنىلىرىنى راھەتسىز قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى ئىمانىمىز كامىل دەپ ئېيتالامدۇ؟ ئەگەر"ھەئە" دېسە، ئۇلار يالغانچىلاردۇر!
ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.  
ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»دېگەن سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپقاندەك، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ غايىسى قىلىنغان ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلىقىنى تولۇقلاش ئارقىلىق قايتىدىن قەد كۆتىرىشكە نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى ياكى چۆكىشى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باغلىق.
مىسىرلىق ئاتاغلىق شائىر ئەھمەد شەۋقى مۇنداق دەپ يازغان:
ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر
ئايرىلغانلار ئەخلاقتىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــەر.
ئەخلاق ئەنە شۇنداق مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.

مەنبە - مەرىپەت مۇنبىرى

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2149

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 02:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى تەستىقلاپ بولۇپلا ۋاقتىغا قارىسام ئارمان تاشقىن تېمىنى يوللاپ ئىككى مىنۇت ئۆتمەيلا تەستىقلىۋېتىپتىمەن .
لېكىن شۇنداق ئالدىراپ تەستىقلىغىدەك تېما ئىكەن، رازى بولدۇم!

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:28:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بەش ۋاق نامازنى ئۇقۇپ ، ئۆزىنى جاھاندىكى ئەڭ دىنايىتى كۈچلۈك ئادەمدەك كۆرسىتىپ ،بىرەر سورۇنغا بارسا كىيمىگە پاتماي كېرىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان ،ئاشۇ ئۇقۇغان نامازنى ،تۇتقان روزىللىرنى كۆز -كۆز قىلىپ ،قورساقتىكى ئۇماچنىڭ تاينى يوق ھەدىسە ،ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆزىنى ئاجايىپ .ئۇلۇغ كۆرسىتىدىغان ،باقسا كۆرسە يوغان سۆزلەپ ،باشقىلارنى كەمستىىپ ،باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىغان ،ئاچچىقى يامان ،ئېغىزىدىن سەت گەپلەرنى چىقىرىپ باشقىلارنى تىللايدىغان ...مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قايسى تۈرگە كىردىغىننى ئېنىق چۈشىنىۋالدىم ،دېمەك ناماز ئۇقۇش ،روزا تۇتۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ ،يەنىلا ئەڭ مۇھىمى ئەخلاقلىق ،كەڭ قورساق ،ئەپۇچان ،سىلىق -سىپايە ،مۇلايىم بۇلۇش ئەڭ مۇھىم !
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېمىكەن،تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:44 , Processed in 0.054074 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش