يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1160|ئىنكاس: 2

ئېرىڭىز مۇزلاپ كەتكەندە ئىسىقلىق ئاتا قىلىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغۇر خەلقىدە مۇنداق بىر ماقال بار :«خوتۇن قانىتى ئەر ، ئەر قانتى ئات >» . ئەرلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى يۆلەنچۈكىمىز ، ئەرلەر بولسا بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق ،ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلىمىز . بالىلىرىمىزمۇ دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى خاتىرجەم ، بەختلىك ھېس قىلىدۇ ، قورقمايدۇ . نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ئورتاق بىر گەپنى ئاڭلىدىم ( ئۆزۈممۈ شۇنىڭ ئىچىدە): ئەرلەر بولمىسا ،ئادەمنىڭ تاماق ئەتكۈسمۇ كەلمەيدۇ.دېمەك ئەر كىشى ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى ، ئائىلە -ئەرنىڭ بەخـت يېغى ، ئەر -مۇقەددەس قەلىب ئۆيىدۇر . ئايال روھىيىتىنى ئەر قەلبىدە ئىپتىخار سېزىدۇ . ئايالنىڭ ھەر كۈنى قارايدىغىنى ئەينەكلا ئەمەس. بەلكى ئەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆز شەكلى ،ئوبزارى ۋە باھالىشى .
ئەر ئائىلە، خوتۇن ، پەرزەنتنىڭ غەمگۈزارى . «ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى » دېگەن تەمسىل مىنىڭچە ئەرلەرنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنى تېخىمۇ ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق مۇھىم بىر ئادەمنى خۇشال ۋە بەخىتلىك قىلىش ئايال كىشىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇليىتىدۇر .سىرىتتا مۇزلاپ كەتكەن كىشى تەقەززالىق بىلەن ئۆيىگە قاراپ چاپىدۇ،چۈنكى ئۆيدە ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ، موزلاپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئىسسىتىپ قويىدىغان ئايالى بار . ئەرلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت . قايسى بىر ئەر بۇنداق ئىسسىق چىرايغا قاراشنى خالىمايدۇ ؟ قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلىسىنى تاشلاپ قويۇپ باشقا جايلاردىن ئىللىقلىق ئىزدەشنى خالايدۇ ؟
كۈلەر يۈز ،شېرىن سۆزگە ئەر ئىسسىنۇر ،
ئىسسىنسا بۇ ئىنسان ئەسىر ، قۇل بولۇر .  

                                          -يۈسۈپ خاس ھاجىپ

مەنبە :خوتۇنلارغا 101 تەكلىپ

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىملىق دەرس . ئېسىمدە ساقلىۋالدىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 01:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ بۇرۇندىن بۇ جەھەتتە بەكلا دىققەت قىلاتتىم، ئەمدى تېخىمۇ دىققەت قىلاي ، رەھمەت زۇمىرەت، بولسا بۇ ماكانغا قايتا يىغىلغان بولساققۇ بەك ئوبدان بولاتتى، ئالاقىلاشقىلى بولسىدى ، زۇمرەت بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان دوستلارنىڭ  مۇنبەرنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:47 , Processed in 0.042585 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش