ئۆزىڭىزنى تونۇڭ
بۇتارىختا رېكوت ياراتقان بىر قېتىملىق ئەسىر چوڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى.تەنھەرىكەتچىلەر سانىمۇ 300مىليوندىن ھالقىپ،تارىخىتىكى ھەرقانداق بىر رېكورتنى بۇزدى.مۇسابىقە مۇساپىسى ئىنتايىن جاپالىق، ئەمما تالىشىدىغىنى بىرلا دەرىجە سانىنىڭ كۆپ بۇلۇشىدىكى سەۋەپ،يەڭگۈچى تارىختىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.
مۇسابىقە باشلاندى.تۇنجى ئۆتكەلدىكى توسالغۇ ئۆزىلا نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىنى شاللىۋەتتى.بىر قىسملىرى توسالغۇدىن قورقوپ چېكىنگەن بولسا،يەنە بىر قىسمى قىينلىقى يۇقىرى ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەي شاللىنپ كەتتى-دە،ئارانلا مىڭدىن بىر ئادەم،يەنى 300 مىڭ ئەتراپىدىكى ئادەم قېپقالدى.
كېيىنكى ئۆتكەل كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق بولۇپ،مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سۇ ئېلىۋېلىشىغا يول قۇيۇلمايتتى.پەقەت ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە جىسمانىي كۈچىگە تايىنپلا پۈتۈن مۇساپىنى يۈگۈرۈپ تاماملىشى كېرەك ئىدى.بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەن مڭنىڭ ئىچىدىن بىرى تاللانغان غالىبلار قۇرغاق ئىسىسىق چۆل جەزىرىدە ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن جان تىكىپ تىركەشمەكتە.ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىرى بىر-بىرلەپ يىقىلماقتا....پۈتۈن قۇملۇق مۇساپىنى غەلبىلىك تاماملىيالىغانلار ئارانلا ئىككى-ئۈچ يۈزگە يېقىن ئادەم بولۇپ،بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلەرنىڭ مىڭىدىن بىرىگە توغرا كېلەتتى.
تېخىمۇ قىيىن سىناق تېخى ئالدىدا ئىدى.قۇملۇقتىن چىقىپلا تەنھەرىكەتچىىلەرنىڭ دۇچ كەلگىنى ھېچقانداق يول بەلگىسى يوق كېسشمە يوللارئىدى.تەنھەرىكەتچىلەر جەزمەن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ تاللىشى كېرەك ئىدى.يولنىىڭ توغرا تاللنىشى ئازراق ئۈمىدتىن دېرەك بېرەتتى.خاتا تاللاش ئىلگىرىكى بارلىق تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىپ،تەلتۆكۈس مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ باراتتى.
ئەقىل-پاراسىتى تولۇپ-تاشقان بىرتوپ ماھىر يولنى توغرا تاللىيالىدى.ئۇلار ھالسىزلانغان تېنىنى سۆرىتىپ ئەڭ ئاخىرقى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشماق بولاتتى. ئۇلار مىليونلىغان رەقىبنى يېڭىپ چىققانلىقىنى،پەقەت ئەڭ ئاخىرقى مۇشۇ مۇساپىگە بەرداشلىق بېرەلىسلا، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلىشەتتى.
بىر ماھىر بارلىق كۈچ-غەيرىتىنى يىغىپ،جان تىكىپ ئالغا تاشلاندى-دە،ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتۈپ بىردىنبىر غەلىبە قازانغۇچىغا ئايلاندى.شۇ ھامان ھەممە ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى.ئۇ ئەڭ ئاخىرقى يەڭگۈچى،ئۈزۈل-كېسىل غەلىبە قىلغۇچى تارىختىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئىدى.
ھېكايىدىكى ئەسىر چوڭ مۇسابىقىسى تارىختىكى ئەڭ قىيىن مۇسابىقە،غەلىبە قىلغۇچى جەزمەن ئۆزىنىڭ جاسارىتى،جىسمانىي كۈچى،چىدامچانلىقى،قەتئىلىكى، ئەقىل-پاراسىتى،شۇنداقلا يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي قوزغاتقان بولۇشى كېرەك.ئەلۋەتتە،بۇ خىل خاسلىقلار ھەربىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەممىسىدە بار.شۇڭا،غەلىبە قىلغۇچى ھەرقايسى جەھەتلەردىن 300 مىليون رەقىبىدىن ئۈستۈن تۇرغاندىلا چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
ئەسىر چوڭ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قازانغۇچىسنى ئۆز كۆزىىڭىز بىلەن كۆرگىڭىز بارمۇ؟ بۇتەس ئەمەس،ئەينەكنىڭ ئالدىغا بارسىڭىزلا ئۇنى كۆرەلەيسىز.
ھەئە،سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا،سىز تۇغۇلغان ئاشۇ دەققىنىڭ ئۆزىدىلا باشلانغان بۇ كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيونى دەل سىز. ھېچقانداق شۈبىھلەنمەڭ.سىز ئەڭ مۇككەممەل شارائىتقا ئىگە،سىز ئاللىقاچان 300 مىليون ھەمراھىڭىزدىن ھالقىپ،بىردىنبىر غەلىبە قازانغۇچىغا ئايلىنىپ بولغان. سىزدە سىزنى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان چەكسىز يوشۇرۇن ئىقتىدار بار.ئاشۇ مەشھۇر ھېكمەتتە دېيىلگەندەك:"سىز تۇغۇلغاندا، تەڭرى سىزگە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننىڭ بېلىتىنى ھەدىيە قىلغان".
سىز ئەڭ قالتىس،سىزدە ئەڭ كاتتا غەلىبە قىلغۇچىغا ئايلىنالايدىغان بارلىق يوشۇرۇن پەزىلەت ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى مۇجەسەم.سىز خالىسىڭىزلا،مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايسىز.