يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 772 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 1

بىر تامچە ھەسەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تامچە ھەسەل

بىر يولۇچى كېتىۋېتىپ شەيتانغا يولۇقۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمىشقا جاھاندىكى جىمى رەزىللىكنى قىلىدىغانلىقىنى ئاغرىنىپ تۇرۇپ سوراپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۇۋالچىلىققا قېلىۋاتقانلىقىغا چىدىمىغان شەيتان ھېلىقى يولۇچىغا دەپتۇ:
ــ بىردەم تەخىر قىلسىلا، جاھاندا زادى كىمنىڭ رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېلىلا بىلىپ قالىدىلا!
شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئادەم سىياقىغا كىرىپ ياندىكى دۇكاندىن ئازراق ھەسەل سېتىۋېلىپ، ئۇنى دۇكاننىڭ ئىشىكىگە سۇۋاپ قويۇپتۇ ۋە ئۆزى غىپپىدە دالدىغا مۆكۈۋاپتۇ.ھەسەل سۇۋالغان ئىشىككە ھەش-پەش دېگۈچە غەژژىدە چىۋىنلار ئولۇشۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن يوغان بىر ئۆمۈچۈك چىۋىنلارغا قاراپ ئېتىلىپ كەپتۇ. ئارقىدىن بىر قۇش ئۆمۈچۈككە تاشلىنىپتۇ. شۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئوۋچىنىڭ بىلىكىدىكى بۈركۈت ھېلىقى قۇشنى ئولجا ئالماقچى بولۇپ، ئىشىككە قاراپ ئوقتەپ ئۇچۇپتۇ. بۈركۈتنى قۇرغۇيمىكىن دەپ قالغان دۇكاندار تارازا تېشىنى بۈركۈتكە قارىتىپ ئېتىپتىكەن، بۈركۈت شۇ يەردىلا تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوۋچى دۇكاندارنى دۇمبالىغىلى تۇرۇپتۇ. ئاڭغىچە ساقچى كېلىپ دۇكاندارنى ئېلىپ مېڭىپتۇ.
شەيتان بۇ ھالنى كۆرۈپ تۇرغان يولۇچىغا دەپتۇ:
ــ ئەمدى چۈشەنگەنلا؟ مەن ئىشىككە پەقەت بىر تامچە ھەسەللا سۈركەپ قويدۇم، خالاس!

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى.
2009-يىل 5-سان.

مەشغۇلاتتا؛ جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەزىلىلىكنىڭ مەنبەسى يەنىلا شۇ شەيتان...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:31 , Processed in 0.049527 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش