يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 749|ئىنكاس: 2

گىرىم قىلىش ۋە تېرە ئاسراشقا سەل قارىماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئىشەنچلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىڭ .
گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا مەھسۇلات نامى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ساقلىنىش ۋاقتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاكالەت نومۇرى، ئىجازەت نومۇرى، مەھسۇلات لاياقەتنامىسى، تازىلىق ئۆلچەم نومۇرى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئىسمى ۋە زاۋۇت ئادرېسىنىڭ ئېنىق يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقىغا، بەلگىلەنگەن قاپتىكى مەھسۇلاتنىڭ ئېغىرلىق مىقدارىنىڭ توغرا بولۇشىغا، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ، تەركىبى، ئۈنۈمى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئېنىق يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.

2. يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاپ قالماڭ. ئەگەر يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلىغاندا، چىراي سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى پاكىز سۇدا يۇيۇۋېتىپ ئۇخلاڭ.

3. يۈزنى پاكىز يۇيۇڭ. يۈزنى پاكىز يۇيمىغاندا قالدۇق ماددىلار يۈز تېرىسىدىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى توسۇۋېلىپ، تېرىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا يۈزنى چۇقۇم ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇپ، تېرىدىكى قالدۇق ماددىلارنى تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتىش كېرەك.

4. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى توغرا تاللاڭ. ھەددىدىن زىيادە قويۇق ياكى قۇرغاق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش تېرە ئۈچۈن زىيانلىق. شۇڭا ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، ئۆز تېرىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.

5. لەۋ سۈرۈخ سېتىۋالغاندا، مايلىق لەۋ سۈرۈخنى تاللاڭ. پارقىراق، رەڭلىك لەۋ سۇرۇخنىڭ لەۋنى ئاسراش رولى يوق. ئۇلتۇرا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈۋېلىپ ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە تېرە راكىغا گرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن . چۈنكى لەۋنىڭ تېرىسى بەدەندىكى باشقا جايلارنىڭكىگە قارىغاندا ناھايىتى نېپىز بولغاچقا ، قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن.

6. گىرىم قىلىشتا ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ .
جىگدە يېلىمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىشقا پايدىسى بولغاندىن باشقا، باش قىچىشىش، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار.
ئوسمىنىڭ قاش ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش رولى بولۇپلا قالماستىن، ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى قاشقا قويۇپ بەرگەندە قاش ئەتراپىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، قاپاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا قاش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، قاش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سۈرمىنىڭ كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئاسراش، روشەنلەشتۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش روللىرى بولۇپلا قالماستىن، سۈرمىنى دائىم ئىشلىتىپ بەرگەندە كىرپىكنى ئۆستۈرگىلى، قارايتقىلى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلىغىلى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاغرىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالغىلى بولىدۇ. يەنە سۈرمىنىڭ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش رولىدىن پايدىلىنىپ، كۆز ياشاڭغۇراش، ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشتىن بولغان قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
خېنىنىڭ تەبىئىيىتى ئىسسىق بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ–تىرناقنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار بولغاندىن تاشقىرى، قول–پۇتتا كۆرۈلگەن بوغۇم ئاغرىقى، بارماقلار غەيرىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



مەنبە:شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:46:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېقىندىن بېرى يۈز تېرەمنى ئاسىراشقا خېلى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالدىم ھەم ئۈنىمىنىمۇ كۆردۈم. خۇشچىراينىڭ ئەھمىيەتلىك بۇ تېمىسىنى ئوقۇپ يەنىمۇ دىققەت قىلسام بولدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، رەھمەت خۇشچىراي!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:13:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك گىرىم قىلىشنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايدىغانلار دىققەت قىلمىسىمۇ بولغىدەك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:14 , Processed in 0.045140 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش