يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 891|ئىنكاس: 4

ياخشى ئايالنىڭ 7 سۈپىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى سىز لايىق ئىزدەۋاتقان بويتاق يىگىت بولۇڭ، مەيلى توي قىلىپ بولغان، ئۆزىڭىزنى، نىكاھ تۇرمۇشىڭىزنى ۋە يولدىشىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرماقچى بولغان ئايال بولۇڭ، تۆۋەندىكى ياخشى ئايالنىڭ 7 سۈپىتىگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇشىڭىزنى سورايمەن. ھەرقانداق ئايال ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدىغان بۇ يەتتە سۈپەت سىزنى رازى بولغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشتۈرىشىگە ئىشىنىمەن.
1.ۋاتىلداق بولماسلىق .
ياخشى ئايال كوت-كوت بولمايدۇ. بەلكىم سىز ۋاتىلداش ئارقىلىق يولدىشىڭىزنى سىزنىڭ دېگىنىڭىزگە كۆندۈرىمەن، دەپ ئويلايسىز. لېكىن ماڭا ئىشىنىڭلاركى خانىملار-- ئۇنىڭ پايدىسى يوق. ئەكسىچە، دائىم ئۇنىڭ ئەكس ئۈنۈمىنى كۆرۈپ قالىسىز.
2. قوللاش.
سىز ئۇنى قوللامسىز؟ قوللاش قانداق بولىدۇ؟ سىز قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈشكە ئامراقمۇ، ياكى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشكە، ئۇنى ئۆزى ۋە خىزمىتى، پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىشەنچكە تولدۇرۇشقىمۇ؟
ئەگەر سىز ئېرىڭىزنى قوللاپ بەرسىڭىز، ئۇ سىزنى تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى توغرا كۆرمىگەن ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ توغرا كۆرمىگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەن بىللە، ئۇنى قوللاڭ، ئۇنى ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر قىيىنچىلىقى بولسا، سىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ.
3. ئېرىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلاڭ.
خانىملار، ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان نەپرىتىنى قوزغاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى ھاقارەتلەش، تەنقىدلەشتۇر. ئەكسىچە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى ماختىشىڭىز ئۇنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ
4. ئېرىڭىزنىڭ ياتاق ئۆيدىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇڭ.
چاتاق يېرى، نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئېرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئادەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئەقەللى تەلىپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي ئېھتىياج خۇددى قورساق ئېچىش، ئۇسساشقا ئوخشاش فىزىكىلىق ئېھتىياجلارغا ئوخشاش مۇھىم بولۇپ، ئۇ مۇۋاپىق قاندۇرۇلمىغاندا ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ جىددىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئايال كىشى جىنسىي تۇرمۇشقا ئۆزىنىڭ ئەمەس، ئېرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىشى ھەم توغرا چۈشىنىشى كېرەك.
5. ھۆرمەتلەش.
ياخشى ئايال ئېرىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ. ھۆرمەتلەش قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟ ئادەتتە ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ياكى ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقى ئۇنىڭ ئېرىگە گەپ قىلغاندىكى پوزىتسىيەسىگە قاراپ بىلىنىدۇ. كونىلار «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟» دەپ ناھايىتى ياخشى دېگەن، شۇنداقلا ھەربىر ئايال كىشى بۇنى ھەرۋاقىت يادىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. بۇ دېگەنلىك گەپ قىلغاندا ئېھتىيات قىلىڭ، دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت شۇ سۆزنى دېگەن چاغدا يولدىشىڭىزنىڭ ھېسسىياتىغا دىققەت قىلىڭ.
6. پىكىر ئالماشتۇرۇش.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش. ياخشى ئايال ئۆزىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ ھەم بۇنى ياخشى يوسۇندا ئېرىگە ئىپادىلەپ بېرىشنىمۇ بىلىدۇ. ئىناق ئەر بىلەن ئايال بىرلىكتە بىرەر مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىشى، ئەر ئايالىنى شۇ مەسىلىدە مېنىڭ مەيدانىمنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. گەرچە ئايالى ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىدە ئەرنى قەتئىي قوللىمىسىمۇ (شۇنداق تونۇشقا كەلتۈرۈڭ، يەنى ئايالىم مېنى قوللايدىكەن، دېگەن قاراشقا).
7. خوشال ئۆتۈش.
يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ خوشال قىياپىتىڭىزنى كۆرسىتىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ناچار بولغانلىق سەۋەبىدىنلا ئەتراپىڭىزدىكى ھەممىسىنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئادەم بولۇپ قالماڭ. ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولۇشى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشىگە پايدىلىق. ھازىر سىز قارار چىقىرىشىڭىز كېرەك—يا كەيپىياتىڭىزنى تۈزەپ خوشال بولۇڭ، زادى خوشال بولمىسىڭىز، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭمۇ كەيپىنى ئۇچۇرماڭ.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:54:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى تېما يوللاپسىز خۇشچىراي، قولىڭىزغا دەرت، يۈرىكىڭىزگە ئەلەم يەتمىسۇن!
   ياخشى ئايالنىڭ ئۆلچىمى بۇ يەتتە تۈرلۈك بولغىنى بىلەن، ئاددىيدەك بىلىنگەن بىلەن مۇشۇ خىل يولنى تۇتۇپ مېڭىش ئاسان ئەمەسكەن. شۇنچىلىك تىرىشىپ ياشايدىكەنمىز. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن.

  بۇلار ھەممىسى تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار. بولۇپمۇ 4-ئامىل. بەزىدە راستىنى دېگەندە سەل قاراپ ئۆتكۈزىۋىتىدىكەنمىز، ئەمما ئەرلەرنىڭ ئېھتىياجى ھامان يۇقىرى بولىدىكەن. ئايال بولغۇچى شۇنى قۇبۇل قىلىپ، جايىدا ئېلىپ مېڭىش ئەر-ئايال ئىككىيلەنننىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدەك ھەر خىل تېمىلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تولۇقلاپ، كۆز قارىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرساق بولغىدەك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشچىراينىڭ گۇناھىنى تونۇشى ياخشى جۇمۇ .
يۇقۇرقى ساننى ئېيتماق ئاسان بولغان بىلەن ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ئورۇنلىماق رېئال تۇرمۇشتا ئاسانغا چۈشمەيدۇ، خۇددى قەھۋە ئېيتقاندەك نۇرغۇن جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزىمىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، قېنى مۇنبەردە مۇشۇنداق ياخشى بىلىملەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتەلىسەك بۇ بىزنىڭ نەتىجىمىز ئەمەسمۇ؟

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمىدىگەن ياخشى تىما-ھە ؟مەندىمۇ نۇرغۇن يىتەرسىزلىك باركەن ئەمەسمۇ ،بەزى ئشلارغا
ھەقىقەتەن سەل قاراپتىمەن رەخمەت سىزگەخۇش چىراي.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەتتە خىل سۈپەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگە ئايال، ھەممىدە يېتىشكەن ئېسىل ئايال بولغىدەك.
------------------------------------------------
1.ۋاتىلداق بولماسلىق .
ياخشى ئايال كوت-كوت بولمايدۇ. بەلكىم سىز ۋاتىلداش ئارقىلىق يولدىشىڭىزنى سىزنىڭ دېگىنىڭىزگە كۆندۈرىمەن، دەپ ئويلايسىز. لېكىن ماڭا ئىشىنىڭلاركى خانىملار-- ئۇنىڭ پايدىسى يوق. ئەكسىچە، دائىم ئۇنىڭ ئەكس ئۈنۈمىنى كۆرۈپ قالىسىز.
------------------------------------------------
ۋاتىلداق بولمىدىم دەپ بەك جىمغور گەپ قىلماس بوپ كەتسىمۇ ئەر كىشىنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. ھەممە بىلىدىغۇ ئاياللارنىڭ ئەزەلدىن كوت-كوتلىقىنى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:36 , Processed in 0.050326 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش