.
ئانا، بۈگۈن (2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى) ۋاپاتىڭىزنىڭ يەتتە يىللىق خاتىرە كۈنى.
سىز ھايات چېغىڭىزدا، ئىشقا ماڭسام ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئامانلىقىمغا، ئىشلىرىمنىڭ بەرىكىتىگە دۇئا قىلىپ ئۇزىتاتتىڭىز، ئىشتىن قايتسام، ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قارشى ئالاتتىڭىز، باش كۆزلىرىمنى يىرىك قوللىرىڭىز، ياق، يۈرىكىڭىز بىلەن سىيلايتىڭىز. تارتىشقىنىمغا قويماي، ئالدىمغا تاماق قوياتتىڭىز. «بولدى، قورسىقىم توق» دېسەم، «بالام، مېنىڭ بارىمدا بولسىمۇ يە، ئەتە-ئۆگۈن زورلايدىغان مەن يوق» دېسىڭىز، ئېرەنشىمەپتىمەنكەن ئانا!
يەتتە يىل ئۆتتى. نى-نى كۈنلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، ئاچ-توقمۇ قالدىم. روناق تاپسام سىزنى ئەسلەيمەن، ئانامنىڭ دۇئاسى دەپ. يىقىلىپ چۈشسەم، ئەتراپىمغا قارايمەن، ئانام يۆلەۋالاتتى دەپ. ئەمما سىز يوق، كۆزلىرىمگە يىغا يامىشىدۇ…
مانا ئەمدى سىز يوق، مېنى تاماققا زورلايدىغان، ئەتىگەن-ئاخشىمى «قېلىن كىيىندىڭمۇ» دەپ تەكشۈرىدىغان سىز يوق. ئاھ ، قانداق قىلاي يىتىملىككە!!!
بۈگۈن ۋاپاتىڭىزنىڭ يەتتە يىللىق خاتىرە كۈنى. تۇپراق بېشىڭىزنى يوقلىيالمىدىم، روھىڭىز قانچىلىك قورۇنغاندۇ – ھە؟! ياقا يۇرتتا تۇرۇپ، دۇئادا بولسىمۇ سىزنى ياد ئېتىۋاتىمەن، ئانا…
ئانا، سىز 1985-يىلى دادام ۋاپاتىدىن تاكى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (چارشەنبە) گىچە بىزنى شۇنداق مىھرىبانلىق بىلەن تەربىيىلىدىڭىز، دادامنىڭ يوقلۇقىنى پەقەت چاندۇرمىدىڭىز، (چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە) بىر نەچچە قېتىم ياخشى كىشىلەردىن ئەلچى كىرسىمۇ، بالىلىرىمنى ئۆگەيگە قاراتمايمەن، بىر ئۆمۈر ئابدۇرۇسۇل ئاخۇننىڭ تاھارىتى بىلەن ئۆتىمەن، دەپ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىڭىز. كىشى جاپا تارتار، سىزدەك تارتماس.
يەتتە بالىنى (بىز ئەسلى 17 بالا بولۇپ، ھازىر يەتتىمىز ھايات) بېقىپ، تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقۇچە، قارا چاچلىرىڭىز قار چۈشكەن تاغلار كەبىي ئاقلىققا ، پاكلىققا تولدى. ھاياتنىڭ كاتاڭلىرىدا يىقىلغىنىڭىزدا بىرەر قېتىممۇ ۋايجانلاپ قويغىنىڭىزنى، بالىلارنى دەپ مۇشۇنداق بولدۇم، دەپ ۋايسىغىنىڭىزنى ئەسلىيەلمەيمەن.
دادام ئۆيلۈك قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بەش بالىنى سىز بىر قوللۇق ئۆيلۈك قىلدىڭىز، ئوقۇتتىڭىز. سىزنىڭ تۈگىمەس تۆمۈر تاۋىقىڭىز يوق، بارى-يوقى پەقەت نەچچە مولا يېرىڭىز، نەچچە ئېغىز كونا ئۆيىڭىز بار ئىدى. ئەنە شۇ تەۋەللۇقاتلار بىلەن، بىزنى جەمئىيەتتە تۆتنىڭ بىرى قىلىپ چىقتىڭىز، بىزنى ئەدەپلىك. جىگەرلىك ئەزىمەتلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتىڭىز. جەمئىيەتتىكى بىر-بىرىنىڭ ياقىسىنى سىقىشىۋاتقان ئۇرۇق – تۇغقانلارنى كۆرگىنىمدە، سىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىڭىزنى، زەپەردەست ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.
ھايات قانۇنىيىتىگە قارشى چىقالمىدۇق. 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (چارشەنبە) تاڭ سەھەردە ئىگىمىز ئامانىتىنى ئېلىپ كەتتى، يىغلاپ قالدۇق…
ھەيرانمەن، 6 – سەزگۈ دېگەنگە ئىشىنىپمۇ قالىمەن، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى بالىلار بىلەن بىرسىنى يوقلاپ كېلىشكە ۋەدىلەشكەنىدۇق. نېمىشقىكىن بىلمىدىم، بۇ سەپەرنى پەقەتلا كۆڭلۈم تارتمىدى، «بارغىم كەلمىدى، ئاغىنىلەر، سىلەر بېرىپ كېلىڭلار» دېدىم، ئۇلار كەتتى. ئەتىسى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە، ئانام رەھمىتى جان ئۈزدى، دوختۇرخانىغا زۇكام كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كىرگەن ئانام جان ئۈزدى، ھەرنامىزىدا «ئاسان ئاغرىق، ئاسان ئۆلۈم بەرگەيسەن، قۇرۇق تۆھمەتتىن يىراق قىلغايسەن» دەپ تىلەيدىغان ئانام جان ئۈزدى، بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن قۇربان بېرىپ ياشاپ كەلگەن ئانام جان ئۈزدى، يەتتە ناتىۋاننىڭ بەختى جان ئۈزدى… ئانا !!!
ئانامنىڭ جەسىتىنى بالنېستتىن ئېلىپ چىقتۇق، كۆنگەن ئادىتىم بويىچە ئانامنى كۆتۈرمەك بولدۇم. توۋا، ئىلگىرى ھېچقانچە كۈچىمەيلا يەردىن ئۈزىۋالىدىغان ئانامنى بۈگۈن مىدىرلىتالمىدىم، كۆزلىرىم ياشقا تولدى…
يەرلىك كولىنىپ بولدى، مېيىت نامىزى ئوقۇلدى، مەھەللە جامائىتى مەھەللىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئانامنىڭ مېيىتىنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ ماڭدى… مېيىتنى ئىچ قەبرىگە ئاكام ئىككىمىز ئېلىپ كىردۇق، جامائەتتىن بىرى «يۈزىنى ئېچىپ قويۇڭ» دېدى، ئانامنىڭ يۈزىنى ئاچتىم، نېمىسىنى ئېيتاي، ئانام كۈلۈمسىرەپ ياتاتتى، تاس قالدىم، «ئانام تىرىككەن» دەپ ۋارقىرىۋەتكىلى. ئاللاھدىن تىلەپ كەتتىم، كۇپىرانە خىياللاردا تىلەپ كەتتىم، «يەرلىكنىڭ ئۈستى ئۆرۈلۈپ چۈشسىكەن، مەڭگۈ ئانام بىلەن بىللە ياتسام» دېگەنلەرنى تىلەپ كەتتىم، ياشلىرىم ئانام رەھمىتىنىڭ يۈزلىرىنى يۇياتتى. جامائەت «ئۇنداق قىلماڭ، يامان بولىدۇ» دېيىشمەكتە ئىدى…
شۇنداق قىلىپ پاسىبانىمدىن ئايرىلدىم، 19 يىل ئاۋۋال بالىلىقتا دادامدىن ئايرىلغان بولسام، ئەمدى يىگىتلىكىمدە ئانامدىن ئايرىلدىم…
مەنبە:
قىسمەت بلوگى
يازما مەنزىلى:
http://www.qismet.me/ulugh_ana.html