يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 733|ئىنكاس: 4

ئانىنىڭ ئاجىزلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:43:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساڭا ئاق-قارىنى ئايرىشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما، ھەر بىر ئىشتا سەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرالمايمەن.
ساڭا چىرايلىق كۆينەكلەرنى ئېلىپ بېرەلەيمەن، ئەمما، گۈزەل پاك قەلبىڭگە كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
سېنى نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرالايمەن، ئەمما، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىش سالماسلىقىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
ئانىلىق قەلبىمدە سېنى سۆيىمەن، لېكىن، مېنى ئانا ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىتىشكە ئامالسىزمەن.
جامائەت بىلەن بارنى تەڭ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمەن، لېكىن، سېخى ھاتەملەردىن بولۇشقا مەجبۇرلىيالمايمەن.
باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما،بىراۋغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارلىقى.
قانداق دوستلىشىشنى ئۆگىتىمەن، ئەمما، قانداق دوست تاللاش ئۆزۈڭدىن.
شەھۋەتتىن، يامان ئادەملەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيمەن، ئەمما شەرم-ھايانى ساڭا «چاپلاپ» قويالمايمەن.
ساڭا ئەخلاق ھەققىدە تەلىم بېرىمەن، لېكىن ئەخلاقلىق بولۇش ئۆزۈڭدىن.
ساڭا تاماكا ۋە ھاراقتىن ھەزەر ئەيلەشنى ئۆگىتىمەن، لېكىن، ساڭا ۋاكالىتەن ئۇ نەرسىلەرگە «ياق»دېيەلمەيمەن.
«زەھەر»گە يېقىن يولىماسلىقنى ئاگاھلاندۇرىمەن، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى سەندىن ئايرىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.
ساڭا ئۇلۇغۋار غايىنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىمەن، ئەمما، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مېنىڭ قۇربىم يەتمەيدۇ.
باشقىلارغا سەمىمىي ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭنى ئۈمى قىلىمەن، ئەمما ھەممىگىلا «ئىللىق چىراي» ئېچىشقا زورلىيالمەيمەن.
سېنى ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكىدىن كۆپ ئادەم بولسۇن دەيمەنۇ، «مۇكەممەل ئادەم» قىلىشقا ئاجىزمەن.
سېنى سۆيىمەن بالام، ئەمما، »جەننەت»نى ئەھدى قىلالمايمەن.
سەن ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن، ئەمما، دۇئالىرىمنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
ساڭا ھايات ھەققىدە سۆزلەپ بېرەلەيمەن، ئەمما، ھاياتىڭنىڭ «شەجەرىسى»نى مەن يازالمەيمەن.
سېنى سۆيىمەن، ئەبەدىل ئەبەت... دېگىنىم ھەق-ھەقىقەت قوزام!


ئېھتىبار قىز دۆلەت
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2010-يىل 6-سان.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ئۇ بەكمۇ ئۇلۇغ ئىنسان،  مەن ئانامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن،ئانام دائىم ماڭا< مەن سىزنىڭ ھەم ئانىڭىز ھەم ھەدىڭىز ھەم دۇستىڭىز ، نىمە سىرىڭىز بولسا ماڭا دەڭ مەندىن باشقا دوست ئىشەنچىلىك ئەمەس> دەيدۇ.......
ئەجىرىڭىزگە رەخمەت جۇلالىق مۈمكىن بولسا مۇشۇنداق ياخشى تىملارنى كۆپرەك يوللاپ
قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقايسىز!!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبەسسۇم، ئەكىلىڭە قولىڭىزنى!

مېنىڭ ئاپاممۇ دائىم ماڭا شۇنداق دەيدۇ. ھازىرقىدەك ياخىشى كۈن كۆرەلشىمدە ئاپامدەك سىرداش دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەك پەخىرلىنىمەن!

  بۇ ھەدەمنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى بۇ يەردە كۆرگىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن!

جۇلالىقنىڭ ئادەمگە زوق بېغىشلايدىغان ئېسىل تېمىسىغا كۆپ رەھمەت!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزلىرىمغا دائىم:
- مەن ھەم سىلەرگە ئانا ھەم ھەدە ھەم بىردىن بىر ئىشەنچىلىك دوستۇڭلار، ھەر ۋاقىت شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ دۇنيادا سىلەرنى ھەقىقى سۆيىدىغان، ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بار دىسە ئۇ دەل سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار،-دەيمەن.
يۇقۇرقىلارنى ئوقۇپ قىزلىرىمغا دائىم دەيدىغان شۇ سۆزلەر يادىمغا كەلدى.
ئوماق قىزلىرىم، پەرىشتىلىرىم سىلەرنى بىر ئۆمۈر، ئەبەدىل -ئەبەت سۆيىمەن!

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:48:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىككى قىزىم چوڭ بولغاندا << مەن ھەم سىلەرگە ئانا ھەم ھەدە ھەم بىردىن بىر ئىشەنچىلىك دوستۇڭلار، ھەر ۋاقىت شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ دۇنيادا سىلەرنى ھەقىقى سۆيىدىغان، ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بار دىسە ئۇ دەل سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار،>>-دەيمەن.
مەن قىزلىرىمنى چۇقۇم ھايالىق ھەم بىلىملىك قىلىپ تەربىلەشكەتىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:00 , Processed in 0.060425 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش