يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 6027|ئىنكاس: 34

سىز سۆيىدىغان ئايال كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىز  سۆيىدىغان ئايال كىم؟



قاراڭغۇ  تۈن. چېركاۋنىڭ تۆۋبىخانىسىدا بىر ئەر يۈكۈنۈپ تۆۋبە قىلىۋاتاتتى....
........
ـــ ئىي پەرۋەردىگارىم، مەن بىر توي قىلغان ئەر، ئەمما مەن باشقا بىر ئايالنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم...
ـــ سىز ھازىر ياخشى كۆرۈپ قالغان ئاشۇ ئايالنى ھاياتىمدىكى بىردىن -بىر ۋە شۇنداقلا ئاداققى  سۆيگىنىم دەپ جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟
ـــ شۇنداق.
ـــ ئەمىسە ئاجرىشىپ كېتىپ، ئاشۇ ئايالنى ئېلىڭ.
ـــ بىراق، ھازىرقى ئايالىممۇ شۇنداق مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئىشچان ئايال ئىدى... مەن بۇنداق قىلسام ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك ياكى ئەخلاقسىزلىق بوپ قالارمۇ؟
ـــ نىكاھدا مۇھەببەت بولماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ ئادالەتسىزلىك ھەم ئەخلاقسىزلىق! سىز ھازىرقى ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرمىسىڭىز؟ سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزمۇتلەق توغرا!
ـــ بىراق ئايالىم مېنى سۆيەتتى.... بەكلا...
ـــ ئۇ پەقەتلا ئايالىڭىزنىڭ بەختى.
ـــ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلسام... ئۇ بەكمۇ ئازابلىنىشى مۈمكىن. ئۇنى قانداقمۇ بەختلىك دېگىلى بولسۇن....
ـــ نىكاھدا ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى بار، ئەمما سىز نىكاھدا مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالدىڭىز، چۈنكى سىز باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز... "ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بەخت، يوقۇتۇش ئازاب." دەپ ئاڭلىمىغانمۇ؟ شۇڭلاشقا ئازابلىنىدىغىنى سىز بولۇشىڭىز كېرەك.
ـــ ئەمما،  مەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلسام، يوقاتقىنى ئۇ بولۇشى ، ئازابلىنىدىغىنىمۇ ئۇ بولۇشى كېرەكقۇ؟
ـــ خاتالاشتىڭىز، سىز پەقەت  نىكاھىڭلاردىكى سۆيۈلگۈچى ئوبيېكت. سىز يوق بولغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ سۆيگۈسى مۇقەررەركى باشقا بىرىگە بېغىشلانغان بولاتتى. ئايالىڭىز ھېلىھەم ئەنە شۇ سۆيگۈسىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق، شۇڭلاشقا بەختلىكى ئۇ، بەختسىزى سىز بولۇشىڭىز كېرەك.
ـــ ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا بىر مېنىلا سۆيىدىغانلىقىنى دېگەن، مېنىڭچە ئۇ سۆيگۈسىنى باشقىلارغا بېغىشلىيالمايدۇ...
ـــ بۇنداق گەپلەرنى سىزمۇ دېگەن بولغىيتىڭىز؟
ـــ مەن......
ـــ سىز ئاۋۇ ئۈستەلدىكى 3 تال شامغا قاراڭ. قايسىسى بەكرەك يورۇقكەن؟
ـــ بىلەلمىدىمغۇ؟ ھەممىسىلا ئوخشاشتەك؟
ـــ ئەشۇ 3 تال شامنى 3 ئايالغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، سىز پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز خالاس. سىز ئەشۇ 3 تال شامنىڭ ئىچىدىن ئوخشىمايدىغان، يورۇقراق بىرىنى تاپالمىدىڭىز يەنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئايالنى تاپالمىدىڭىز دېگەن گەپ. ئەجىبا سىز نەچچە مىليون ئايالنىڭ ئىچىدىن ئاشۇ ئايالنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىردىن-بىر ھەم ئاداققى سۆيگىنىڭىز ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلدىڭىز؟
ـــ مەن.........
ـــ سىز ھازىر ئەشۇ شاملارنىڭ  بىرىنى ئەكىلىپ ئالدىڭىزغا قويۇڭ ۋە دىققەت قىلىڭ، قايسىسى بەكرەك يورۇقكىن.
ـــ ئەلۋەتتە مۇشۇ ئالدىمدىكىسى يورۇق كۆرۈنىدۇ-دە؟
ـــ ئەمىسە ئۇنى ئەسلى جايىغا قويۇپ قويۇپ، ئاندىن يەنە قاراپ بېقىڭ...
ـــ مەن يەنىلا قايسىسىنىڭ بەكرەك يورۇق ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدىم...
ـــ ئەمەلىيەتتە، بايا سىز قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزنى سىز ھازىر ياخشى كۆرۈپ قالغان ئايال دېيىشكە بولىدۇ. مۇھەببەت يۈرەكتىن تۇغۇلىدۇ دېگەن گەپ بار، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان چېغىڭىزدا، ئۇنى كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس يۈرىكىڭىز بىلەن كۈزىتىسىز ھەم ئۇنىڭ ھەممىدىن يورۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز... ئەسلى جايىغا قويۇپ قويغاندا بولسا ئۇنىڭ باشقا شاملارغا ئوخشاشلا ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنداقتا سىزنىڭ بىردىن-بىر، ئاداققى سۆيگىنىڭىز زادى نېمە؟
ـــ ..... بىلدىم. سىز ئاجراشماڭ دېمەكچى شۇنداقمۇ؟
ـــ بىلگەن بولسىڭىز دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. قايتسىڭىز بولىدۇ.
ـــ مەن ھازىر كىمنى ھەممىدىن بەكرەك سۆيۈش كېرەكلىكىنى بىلدىم. ئۇ دەل مېنىڭ ھازىرقى ئايالىم ئىكەن.
ـــ پەرۋەردىگار سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي~ ئامىن~!
ـــ ئامىن~


ئىلاۋە:
بۇ قىسقا ھىكايىنى توردىن كۆرۈپ، تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئەسلى ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ خۇلاسە خاراكتىرلىك پىكىرلىرى بار ئىكەن... ئەمما ئۇ يېرىنى تەرجىمە قىلمىدىم. مېنىڭچە ئۇنداق خۇلاسىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۆزى چىقىرىۋالغىنى تۈزۈك.
======================================
مەنبەئە: بىرسىنىڭ  QQ  بوشلۇقى...

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىسى نىمانچە راۋان چىققان بۇنىڭ، كۆزۈمگە سامسىغا قاتقان پىيازنىڭ ئاچچىقى كىرىپ كەتتى ھەقىچان، مەن يىغلىمىدىم جۇمۇڭلار

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا ئىبرەتلىك ھېكايە ئىكەن.

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
1
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:23:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەيلىككەنمەن.....بىسمىللاسىغا ئېسېل تېمىدىن ھوزۇر ئالدىم.
تېمە ئىگىسىگە تەشەككۇر!!!!

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن مەزمۇنلۇق ھە؟ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق تېڭىرقاش ئچىدە تۇرۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ئمكان بولسا بۇتىمىڭىزنى باشقا تور بەتلەردىمۇ ئلان قىلغان بولسىڭىز.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:45:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ تېڭىرقاپ يۈرگەنلەر نۇرغۇن ...ئەمما ھەممە ئادەمگە بۇ ئادەمدەك ھەقىقەتنى كۆرسىتپ بېرىدىغانلار ئۇچراۋەرمەيدۇ
تەرجىمىسى بەك راۋان چىقىپتۇ جۇمۇ سامسىپەز ، دىمىگەن بىلەن كۆپكە ماھىر سىز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:16:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،ئىبرەتلىك ھىكايە ئىكەن ،ئانارنىڭ گىپى بەك ئورۇنلۇق بۇلۇپتۇ ،ھازىر ئۇندق سەممىي مەسلىھەت بېرىدىغان ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئادەم ئۇچۇرمايدۇ جۇمۇ ....بولسا مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق شۇنداق سەممىي دوستلار بىلەن ئۇچىراشساق دەيمەن ....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا كۆز ئالدىدىكى بار بەخىتنى قەدىرلەشنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە ئۆز ئايالىغا ھالال جۈپتىگە سادىق بولۇش تەكىتلىنىپتۇ.
ئايال كىشى بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ ئۇنىڭغا بارلىق مۇھەببىتىنى بېغىشلايدۇ. ئەگەردە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالسا كېيىن باشقا بىرەرسىگە كۆڭلىنى بەرمىكى خېلىلا تەس. ئەرلەر مۇھەببەتكە سادىق بولۇشتا ئاياللاردىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئەرلەر سىرىتقى گۈزەللىككە بەكرەك ئىنتىلىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:34 دە يوللىغان
ئەرلەر مۇھەببەتكە سادىق بولۇشتا ئاياللاردىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئەرلەر سىرىتقى گۈزەللىككە بەكرەك ئىنتىلىدۇ ...


گۈزەل نازىنىن، يۇقۇرى مەرتىۋە، نام-شۆھرەت، تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر دەل ئەرلەرنى ئازدۇرىدىغان ئەشۇ ئىبلىسلىقلارنىڭ پەقەتلا بىر نەچچە تۈرى. دىمەك، ئەرلەرنىڭ ساداقىتىنى سىنايدىغان يەنە نۇرغۇن سىناقلار كۈتۈپ تۇرماقتا ھەم ئەرلەرگە ئورا كولاپ تۇرماقتا.
بەزى ئەرلەر بۇ توزاقلاردىن ئۆتەلمەي ئائىلىسىنى، خىزمىتىنى، دوست يارەنلەر ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ئىشقىلىپ ئەڭ مۇھىم نەرسىلىرىدىن ئايرىلدى.
ئەمما يەنە نۇرغۇن ئەرلەر مۇشۇنداق ئېغىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلدى.
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەرلەرنىڭ ساداقىتى ئاياللارنىڭكىدىن تۆۋەن دەپ ئېيتىش ھەمدە مۇتلەقلەشتۈرۋېتىش تازا ئادىللىق بولمايدۇ.
ئەگەر مۇشۇنداق سىناقلارغا ئاياللار ئۇچرىسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تولۇق ئۆتەلەيدىغانلارنىڭ قانچىلىك بولار.
مېنىڭ بۇلارنى سېلىشتۇرغۇم يوق. ھەمدە بۇ مۇھىممۇ ئەمەس، ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. ھالال جۈپتىدىن يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان پاسىقلىقلىرىنى ھالال جۈپتى كۆرمىگەن بىلەن ياراتقۇچىسى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ھەممىمىز ئۆزىمىز سۆيىدىغان ئادىمىمىزنى قەدىرلەيلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيىدىكى تىرىشچان ئاياللىرىنى جاپادا قويۇپ سىرىتتا ئاشنا ئوينايدىغان ئىپلاسلارنى كۆرسەم "كونا بورىغا" يۆگەپلا ئوت قويۇۋەتكۈم كېلىدۇ.
سايە، مەن مۇتلەقلەشتۈرۈپ دېمىدىم.ئەلۋەتتە سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك باھادىر ئەرلەرمۇ نۇرغۇن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:26 , Processed in 0.108567 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش