ئەجدادلار نەسىھىتى
سالاملىشىش قائىدىسى
تونۇش ياكى ناتونۇش ئىككى كىشى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۆزئارا سالاملىشىشلىرى ئىنتايىن زۆرۈر. تونۇشلار ئۇچراشقاندا سالاملىشىپلا قالماي، بىر-بىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنىمۇ سوراشلىرى لازىم.
بىر كىشى ئىككىنچى بىر كىشىگە سالام بەرسە،ئۇنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي. سالامنى تولۇق «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دەپ ئېيتقاي. «ئەسسالام ئەلەيكە»دېيىش توغرا ئەمەس. «سالام ئەلەيكۇم» ياكى «سالام» ياكى «ئەلەيكەس سالام »ياكى «سالام بەردۇق» دەپ دېيىشكە بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولۇپ، بۇنى «ئەلەيكۇل سالام»،«ئەلەيكەس سالام» ياكى پەقەت «ئەلەيكۇم»دەپلا قويۇش توغرا ئەمەستۇر.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولسۇن»دېمەكتۇر.«ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولسا «سىزگىمۇ تىنچ ئامانلىق بولسۇن »دېگەنلىكتۇر.
سالاملاشقاندا باشنى ئەگمەستىن ، ئىككى قولىنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچرىشىپ قالغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم –ئايرىم سالام بېرىپ يۈرمەي، ھەممىگە قاراپ بىرلا سالام بەرسە شۇ كۇپايە قىلىدۇ. ياش جەھەتتىن كىچىك
كىشى چوڭ ياشتىكى كىشىگە، مېڭىپ كېتىۋاتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام بېرىشى لازىم. كەمسىتىپ كۆزگە ئىلمىغاندەك، ھىجىيىپ سالام بېرىش ئەدەبسىزلىك سالام سەمىمى بولسۇن.
سالام ئالغان كىشى بېشىنى قىمىرلىتىپلا قويماسلىقى كېرەك. سالامنىڭ جاۋابىنى ھۆرمەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاڭلىتىپ دېيىش كېرەك. ئەگەر بىر كىشى تۇنۇشىنى يىراقتىن كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ئىلاجىسىنى قىلالمىسا، شۇ جايدا تۇرۇپ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، سالام ئىشارىسىنى قىلسا بولىدۇ.
قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە ،قولنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ سالاملىشىش ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. ئۇزاققىچە بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن كىشىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىشلىرى كېرەك.
(مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن رەتلىگەن «ئەجدادلار نەسىھىتى»ناملىق كىتابدىن ئېلىندى)
كوچا-كويدا ئۆزىنى تۇتۇش
كوچىدا ئەدەب بىلەن يۈرۈش، كىيىملىرىگە مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. ئاغزىنى ئېچىپ ، كۆرۈنگەنلا نەرسىگە ھاڭۋېقىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس.
بازاردا ۋە ئادەملەر كۆپ يىغىلغان جايلاردا ئېھتىيات بىلەن مېڭىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىپەرۋالىق بىلەن چامداپ باشقىلارنىڭ پۇتلىرىنى دەسسىۋېلىش ياكى باشقىلارنى ئىتتىرىپ سوقۇۋېتىش، شۇنىڭغا ئوخشاش نالايىق ھەركەتلەر بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىش ياخشى ئەمەس. ئە
گەر ئىككى ئەر ياكى ئىككى ئايال ئۆزئارا سۆزلىشىپ تۇرغان بولسا،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر يولدا ياشانغان بوۋاي-مومايلار كېتىۋاتقان بولسا، ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ كەينىدە مېڭىش لازىم. ئىشى ئالدىراش بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن چەتنەپ ، يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك.
ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان يول ئۈستىدە سۆزلىشىپ تۇرىۋېلىپ، يولۇچىلارغا دەخلى قىلىش توغرا ئەمەس، چەترەك جايدا تۇرۇپ سۆزلىشىش لازىم. يول ئۈستىدە پۇتلىشىپ تۇرغان تاش، تىكەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرگەندە ،ئۇلارنى چەترەك يەرگە ئېلىپ تاشلىسا، باشقا يولۇچىلارغا پايدىلىق ئىش قىلغان بولىدۇ. كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرۈش، مىشقىرىش ۋە مەينەت نەرسىلەرنى تاشلاش تەربىيەسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. كوچىدا ياشانغان كىشىلەر، ئاجىز ئادەملەر ياكى كىچىك بالىلار ئۇچراپ قالسا، ئۇلارغا ياردەملىشىش كېرەك. ئۇلارنىڭ يۈكلىرى بولسا، دەرھال قولىدىن ئېلىپ ياردەم بەرگەن كىشى ناھايىتى ئالىيجانابلىق قىلغان بولىدۇ.
يول ياقىسىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغان كىشى ئەدەب-قائىدىگە رىئايە قىلىشى لازىم. يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خوتۇن-قىزلارغا چېقىلىش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ئەدەبسىزلىكتۇر.
بىرەر كىشى يېنىغا كېلىپ ئولتۇرسا، ئەدەب دائىرىسىدە چىرايلىق سۆزلىشىپ ئولتۇرۇش كېرەك. ئىغۋا، پىتنە –پاساتلاردىن تىلىنى يىغىش لازىم. بىرەر كىشىنىڭ تېيىلىپ ياكى پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش كېرەك.
بېيىت:
ھەممە ئادەمگە سەن ياخشى قىلىق قىل ،
تىلىڭنى خۇش،چىرايىڭنى ئىللىق قىل.
نىچۈك سۆز بولسا سەن ياخشى ئىشتكىن ،
قۇلاقىڭغا ھالقا قىلىپ بېكىتكىن.
(مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن رەتلىگەن «ئەجدادلار نەسىھىتى»ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى)
رۇخسەت سوراش ئەدەبلىرى
بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلىشىشنى خالىسىڭىز ،ئىشىكتىن كىرگۈچە ئىشىكنى چېكىپ، ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت ئېلىڭ.
ئۈن-تىنسىز ھېچقانداق شەپە چىقارماي، ئىشىكنى ئېچىپ، ئۆيگە كىرىش ئەدەبسىزلىك ۋە تەربىيىسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاۋۋال ئىشىكنى ئاستىراق چېكىڭ، ئۆيدىن ھېچقانداق تاۋۇش چىقمىسا، بىر ئازدىن كېيىن يەنە چېكىڭ. ئەنە شۇنداق ئۈچ قېتىم چېكىلگەندىن كېيىنمۇ
ئۆيدىن جاۋاب بولمىسا، ئۆيدە ئادەم يوقلۇقى ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھېچكىمنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقابولىدۇ. شۇڭلاشقا ،بۇنداق چاغدا ھەدەپ ئىشىكنى تاراقلىتىۋەرمەي ،ئارقىڭىزغا قايتىڭ. ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئىشىكنىڭ ئۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ « سىز كىم؟ »دەپ سورىسا، «مەن»دەپلا جاۋاب بەرمەي، ئۆز ئىسمىڭىزنى تولۇق ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ، نېمە ئىش توغرۇلۇق كەلگەنلىكىڭىزنى ئۇنىڭغا دەڭ. چىرايىىڭز ئوچۇق، سۆزىڭىز مۇلايىم بولسۇن .
ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كىرىپ سۆزلىشىشنى تەكلىپ قىلسا، ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇڭ. ئىشىڭىز بەك ئالدىراش بولسا ،ئۈزرە ئېيتىپ ، ئۇنىڭ تەكلىپى ئۈچۈن رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ .ئۆي ئىگىسى ماقۇل كۆرسە، شۇ يەردىلا مەقسىتىڭىزنى دەڭ. كېرەكلىك جاۋابلارنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن خوشلىشىپ قايتىڭ.
(مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن رەتلىگەن «ئەجدادلار نەسىھىتى»ناملىق كىتابدىن ئېلىندى)
(داۋامى بار )
[
Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:57 دە تەھرىرلىگەن. ]