يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 1022|ئىنكاس: 3
go

بىر بەختىڭ ___سۈرىتىڭ

Rank: 3Rank: 3

توردا
97 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
243 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەر يۇرتنىڭ خاسلىقى ،ئارزۇ-ئىستەك ۋە كۆنۈكمىلىرى بار .مانا بۇ خاسلىقنى بىز «مىللىيلىك»دەيمىز.بۇ مىللىيلىكنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئاساسەن ئاياللار توشۇيدۇ ، پەرزەنتلىرىنىڭ روھىغا ،يۈرىكىگە سىڭدۈرىدۇ . مانا بۇ ئامان قالغان «مىللى قەدىرىيەت» دېيىلىدۇ .
نەزەر سالغىن ، دۇنيا خەلقلىرى ئەڭ كاتتا مۇنبەرلەردە ،قەددىنى جاھان كۆرىدىغان جايلاردا ، ئۆزىنىڭ مۇبارەك كۈنلىرىدە مىللىي تىلى ،مىللىي كىيىملىرى ۋە مىللىي مەدىني مىراسلىرىنى نامايىش قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ « مېنىڭ نەسىل-نەسەبىم تازا ،زاتىم ،تارىخىم ئېنىق»دېگىنىدۇر .بىللىي غورور دېگەن شۇ ،بالىجان !
دۇنيا ئىزچىل جاراڭلاۋاتقان بىر كۈي ، ھەر مىللەت ئۇنىڭ بىر پەدىسى .دۇنيا ياشناپ تۇرغان ياپ-يېشىل گۈلدەستە ، مىللەتلەر ئۇنىڭ تەكرارلانماس گۈللىرى . دۇنيا ئوتقاش ،ھەر مىللەت ئۇنىڭ بىر رېڭى !
قىزىم ، ساڭا ئىلتىجايىم شۇ ـــ تارىخى تازا نەسلىمىز ھەققى قەسەم ئىچ ۋە مېنى ئىشەندۈر :سەن ۋە سەندىن تارقالغانلار
خەلقىمىزنىڭ ئېسىل بالىسى بولىسەن ! قايسىدۇر ئاھاڭغا ئەگىشىپ كەتمەيسەن ، قايسىبىر رەڭگە سىڭىشىپ كەتمەيسەن . «دۇنيا» دېگەن كۈينىڭ ،«دۇنيا » دېگەن گۈلدەستىنىڭ ،«دۇنيا»دېگەن ئۆتكۈنچىنىڭ ساپ ئۆزىمىزچە پەدىسى ، ئۆزىمىزچە گۈلى ، ئۆزىمىزچە رېڭى بولۇپ ياشايسەن .
ئۆز مىللىتى قىياپىتىدە كۆرۈنۈش ، ئۇنىڭغا ئوخشاش كىيىنىشتىن ئايرىلغان پەرزەنتنىڭ ئىسمى ـــ خىيانەت ! بۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ : «سىز مەن ئۈچۈن ھېچكىم ئەمەسسىز!» دېيىش بىلەن تەڭ !
زۇۋۇلىسى نۇرلۇق ئايىم ، قېنى ئېيتىڭچۇ ، ھەتتا ئوغۇل بالىلار كىيىشكە ئۇيىلىدىغان كالتە مايكا ،تات –تارتىش شىملارنى كىيىپ ، چېچىنى پاخپايتىپ ،ساغرىسىنى تومپايتىپ يۈرگەن ،ئۆزىنىڭ شۇ تۇرۇشىنى «زامانىۋى» ئاتىغان قىزغا ھەۋەس قىلىش توغرا بولارمۇ ؟ ئادەتتە ياخشىلىق كەلتۈرىدىغان يېڭىلىققا ھەۋەس قىلىدۇ ئەقىللىقلەر .تەپەككۇر ئادەم چوڭايغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ بېرىشى لازىم .خوش، مىڭلىغان خەلقنىڭ ئىچىدە يېرىم يالىڭاچ كېتىۋاتقان ھېلىقى قىز شۇ كىيىم بىلەن نېمە دېمەكچى ؟
ئايانكى ،كىيىم تاللاشتىكى مەقسەن ـــ ئەتراپقا لايىق كېلىش .سەن بىر گېپىڭگە ئىشىنىۋەر :ئەگەر بېلى ئوچۇق ، سېغىز چايناپ ،بۇرنىنى ئاسمانغا قاداپ كېتىۋاتقان ئاشۇ زامانىۋى قىز بىلەن ئەنئەنىگە لايىق كېيىنگەن ،كۆزلىرىنى يەرگە تىكىپ بېرىۋاتقان قىزنى كۆرەككە قويساڭ ، ھەممە ئاشىقنىڭ كېيىنكى قىزنىڭ ئارقىسىدىن كېتىشى ئېنىق !
پۈتۈن دۇنيا ئەركەكلىرى شەرق ئاياللىرىنى كەمكۈتىسىز ئەپسانىۋى پەرى تەرزدە تەسەۋۋۇر ئېيتىشىدۇ .غەرپنىڭ مەن-مەن دېگەن شائىرلىرىمۇ ئۇلارغا دىلبەر مىسرالار بېغىشلاپ ئۆتكەندۇر .تۇرغان كەپكى ، ئالەمدە چىرايى ھوشىنى ئالىدىغان گۈزەللەر كۆپ ، ئەمما بىزنىڭ قىزلار مەشھۇرلۇققا ئاساسەن ئار-نومۇسى ،ئىززەت-نەپسى،يەنى ئۆز ئەمەللىرى بىلەن سازاۋەر بولغان .مىللىي كۆڭلەكلەر گوياكى مۇبارەك پەردە ، ئۇ قىزلارنىڭ قەددى-قامەتلىرىنى يامان كۆزلەردىن ئاسراپ تۇرىدۇ . قىزلىرىمىزنىڭ ئەڭ كاتتا ئۇتۇقى سېھرى –لاتاپەتلىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇشلىرىدا ....
مەھبۇم ئۆزىنى ۋە تۇيغۇسىنى قانچە پىنھان ساقلىسا ،ئاشىق ئۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىلىۋېرىدۇ !
قىز ئايىم ، پەملىيەلىدىڭمۇ ،ھايالىق كىيىم ئىچىگە يوشۇرماق ــ بۇ ئىلىم !بۇ ئۆز قەدرىنى كۆتۈرۈش ، ئەزىز بولۇش يولى! مومىلاردىن قالغان ئاياللىق ئىلمى ! ھە ،شەرمى-ھايامۇ – ئىلىم ! ئەگەركى ئۇ ئىنسانلارنى گۇناھ ۋە خۇنۇكلۇكلەردىن ساقلاۋېتىپتىمۇ ، دېمەك، ئۇنىڭ ئىلمىيلىقى شۇ ! مەسىلەن : سەن كوچىغا كالتە يوپكا ۋە يەلكىلىرى ئوچۇق مايكا كىيىپ چىقتىڭ ، دۇرۇس ئەركەك بۇنداق كۆرۈنۈشتىكى قىزغا ،ئومۇمەن ، ھېچبىر ئايالغا سىنچىلاپ قارىمايدۇ .ئەمما ، ئاجايىپ دۇنيا بۇ ، پېئىللارمۇ ياخشى –يامان .زاتى يەڭگىلرەك كىشى ھەمىشە شەيتانغا قۇللۇققا تەييار تۇرىدۇ .كىمدۇر ساڭا نەپسى كۆزى ياكى نىگاھ بىلەن قاراپ قويۇشى مۈمكىن . ئەڭ يامىنى ،ساڭا غەيرى تىكىلىپ قويۇپ ،ئۇنىڭ ئازغۇن بولۇشى .ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى ئۇنىڭ شۇنداق بولۇشىغا سەن سەۋەبچى بولۇشۇڭدۇر !
بالام –جانىم ، خەلققە پەرۋاسىز بولما ، خەلقنىڭ نارازىلىقى يامان .ئۇنىڭغا سىڭمەيدىغان ئىشتىن قورق.ئۇ ساڭا «پەردازلىرىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ يا كىيمىڭىز بەك چاكىنىغۇ؟»دېمەيدۇ .ئىچىدە :«ھەي ئېسىت...» دەپ قويىدۇ ،خالاس. ئەمما ،شۇ گەپلا سېنى ئۇرۇپ قويىدۇ . بۇنى نەزەردىن قېلىش دەيمىز. نەزەردىن قالغان ئادەم ئۆلمەي يۈرۈۋېرىدۇ ، ئەمما ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ ،بالىجان !
قىزلارنىڭ ئىخلاس قويغان «پەرداز»ئى ئوسما ئىدى .پالانچىنىڭكىدە ياخشى ئىچىدىغان ئوسما بار دېسە ،نېرىقى مەھەللىلەرگىمۇ ئۆتۈپ كېتەتتۇق .ھېيت –ئايەملەردە زوق –شوق بىلەن قوللىرىمىزغا خېنە ياقاتتۇق ،يۈزلىرىمىزگە كەچقۇرۇنلىرى قېتىق سۈرتۈپ ،ئۈجمە پىششىقىدا ئۈجمە بىلەن ئاقارتاتتۇق ، ھەرگىز ئۇما- ئەڭلىك دېگەننى ئىشلەتمەس ئىدۇق .
قىزئايىم ،پەرزەنلىرىمىزگە پاكلىق ئۈگىتىدىغان ئەشۇ قەدىردانلىرىمىز ھازىرمۇ تىرىك .خەلقىمىزنىڭ دىلى ھەم ھالى ـــ ھىلىھەم شۇنداق! ئېسىڭدە بولسۇنكى ،يۈزىنى رەسىم دەپتىرىدەك بوياپ يۈرۈش ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش دېگەنلىكتۇر . بۇ قىز بالا ئۈچۈن تولىمۇ ئەيىپ .
قىز بالىنىڭ قاش تېرىشى مۈمكىن ئەمەس!
تۇرمۇشقا چىقمىغان قىزنىڭ ، ئېنىقى ياش قىزلارنىڭ قىپ قىزىل قىزارتىپ
لەۋ بوياپ يۈرىشى ئەدەپ ئەمەس !
تۇرمۇش قۇرماي تۇرۇپ چاچلىرىغا ھەر خىل رەڭ بېرىشمۇ قىز بالىنىڭ ئىقلىمى ئەمەس ،ۋاھاكازا.....
سەن ئاتا –ئاناڭنىڭ ئاق كۆڭلى ،ئاق دۇئالىرى،ئاق يۇيۇپ-تاراشلىرىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئاپپاق لەيلىسەن .ھەمىشە شۇ ئەسلىڭدە تۇر .ئەتىگە ئۆز-ئۆزەڭگە ئاتالغان باغلارغا قانارسەن ،ئېھتىمال ئەشۇ يەردە تاۋۇسلارغا ئايلىنىپ قالارسەن ،شۇنىڭغىچە سەۋر قىل ،قىزئايىم!
پەقەتلا كىلىن بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ،زاتىك ئايال بولغىنى ئۈچۈنمۇ سۈرىتىڭ ھەمىشە چىرايلىق تۇرسۇن . چۈنكى ،سەن بۇ دۇنيانىڭ جېنىسەن .بىراۋ«جۈپتىم ياكى سۆيگىنىم »دەپ ،بىرسى «ئانام»دەپ ،«ئاچام»دەپ ،«سىڭلىم»دەپ ،يەنە كىمدۇر بولسا«قىزىم»دەپ ساڭا ئىنتىلگىنى ئىنتىلگەن .ئايال كىشى ئەشۇ ئىخلاس، ئەشۇ ئىنتىلىشكە مۇناسىپ،ئەرزىيدىغان كۆرۈنۈشتە بولۇشى شەرت!
ئايالسىز ئۆمۈر ئۆمۈر ئەمەس ھەم ئايالسىز ئائىلە بولماس.ئەركەك زاتى بۇنى تەن ئالىدۇ ۋە دۇنيا يارالغاندىن باشلاپ شۇ زاتتىن سۆيۈنۈپ ،تەقدىرىنى شۇ زاتقا تاپشۇرۇپ ئۆتۈپ كەلگەندۇر .ئەمما قىزئايىم ، يۈز يېشىڭغىچە ئېسىڭدە تۇرسۇنكى «تۇرمۇشقا چىقىپ بولدۇم،بالىلىرىم بىر –ئىككىغۇ ،ئارتۇقچە ئەندىكىپ يۈرۈشۈم شەرت ئەمەس»دېگەن زامانلا ئىچىڭدىكى دىتسىزلىقىڭ ،
ئەركەكنىڭ ئايالى بولسىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ يۈرىكى يايرىمىسا ،بالىنىڭ ئانىسى بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئانىسىغا ھەۋەس قىلىپ ئۆز ئانىسىدىن ئۆكسۈپ يۈرسە ،كۈندە سېنىڭ چۇۋۇق چېچىڭ ،پەلىپەتىس كىيىنىشىڭنى كۆرۈۋەرسە ،كۆزلىرىنى كۈندە نەملەۋەرسە، بىلىپ قوي ،ئۆيىدىن بېزىشلەر ئەنە شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ ! بالىلارنىڭ دىتسىزلىققا كۆنۈشى شۇنداق پەيتلەردە بولىدۇ .ئەگەر ئىنچىكىلىسەك ،ئۆز جىسمىغا قارىمايدىغان ئايالنىڭ سەپەردىكى بالىسىنى ،ئائىلىسىنى خاتىرجەم تۇتۇشقا ھېچ ئىشەنچىسى يوق !
قۇلاقلىرىڭدا بولسۇن ئايىم !ئاياغلىرىڭنىڭ ئاستىنى جەننەت دەپ باھالىشىدۇ ، شۇنداق ئىكەن ،كىيىنىشىڭ ھەم كۆرۈنۈشلىرىڭدە ئۇنىڭ ھىدى ئوخچۇپ تۇرسۇن .ئۆمرۈڭنىڭ پايانىغىچە ئۆيدە يۈرسەڭمۇ كۆزلىرىڭگە سۈرمە تارتىقلىق ،قاشلىرىڭدا ئوسما سىلىمىسۇن . چېكەڭگە رەيھان قىستۇرۇغلۇق بولسۇن !
ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ كۆزىنى زېرىكتۈرۈپ ،بىر كىيىمنى كۈندە كىيىۋەرمە .قىممىتى يۇقۇرى بولسىمۇ رەڭگىڭگە ماس كەلمىگەن كىيىمنى ئۈستۈڭگە ئارتما .ئاياغ ،باش ۋە ئۇچاڭدىكى كىيىملەرنىڭ رەڭگى بىر –بىرىگە ماس بولسۇن!
كىيىمىنىڭ ئېتىگى ياكى چېكى سۆكۈلۈپ يۈرىدىغان ئايال- بولۇمسىز ئايالدۇر . ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى – بارنى يوق قىلىش .ماتا ياكى كىيىمنىڭ ياراشمايدىغىنى يوق، ئۇ پەمسىز ،زېھىنسىز ئايالنىڭ قولىغا چۈشسىلا ئاندىن خۇنۇكلىشىدۇ .
«مودىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماڭ ،ئۇ ئۆزى قايتىپ كېلىدۇ»دېگەن گەپ بار .كىيىپ زېرىككەن كىيىملىرىڭنى تازىلاپ ،پەم بىلەن راسلاپ ، ئۈزۈلگەن تۈگمىلىرىنى قايتا قاداپ،چىرايلىق خالتىلارغا جايلاپ ،سىلاپ-سىيپاپ ئېلىپ قوي ،ساندۇقنىڭ بىر چېتىدە يېتىپ تۇرسۇن،ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنىڭ دەۋرى يەنە قايتىپ كېلىدۇ ،بىراۋ سوۋغا قىلغاندەكلا بولىدۇ !
چاچ تۈرمەللەشمۇ سەنئەت .ئوچۇق قۇلاق كەمدىن-كەم ئايالغا يارىشىدۇ ،ياخشىسى، قۇلاقنىڭ تۆپە قىسمىنى چاچ تېگىگە قىستۇرۇۋالغان تۈززۈك.
قىز بالىنىڭ يەلكىلىرى ئۆرە ،ئارقىلىرى تۈز تۇرۇشى كېرەك.نىگاھىڭ يەردە بولسۇن ، ئەمما قەددىڭ تىك بولسۇن .ئەگەر قەددىڭنى شۇنداق ئاسراشنى بىلەلمىگەن بولساڭ ،مۈرە سۆڭەكلىرىڭ چىقىپ قالغان بولسىمۇ ھېچقىسى يوق ،چېچىڭ ياخشى بولسا ،ياراشتۇرۇپ ئۆرۈۋال ،ئەيىپلىرىڭ پۈركىلىدۇ.
بوينۇڭنىڭ بەك ئىنچىكىلىكى ۋە قۇلاقلىرىڭنىڭ شەكلىدىن تارتىنساڭ ،چېچىڭنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈ،شۇندا كەم جايلىرىڭنى تولدۇرۇپ تۇرىدۇ .
قىز بالىلىق مەزگىلىمۇ چۆچەك بولۇپ قالىدىغان بىر دەۋر.دۇنيادا ئارماندا كەتمەسلىك ئۈچۈن چاچلىرىڭ ئۇزۇن ۋە قېلىن بولسىمۇ، ئوتتۇرىسىدىن بۆلۈپ ،ئىككى تال ئۆرۈپ ،تاشلاپ يۈر ،لېنتىلىرى ئېتەكلىرىڭنى سۆيۈپ تۇرسۇن!
ئەگەر قاش –كۆزۈڭ ئويلىغىنىڭدەك بولماي ،كۆرۈنۈشۈڭدىن نارازى يۈرسەڭ،چېچىڭنىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلان ، ئۇنى گۈزەل قىلىپ ئۆرۈگىن ،يەتمىگەن چىرايىڭنى ئەشۇ بېرىدۇ .
ھۆسنۈڭ جايىدا ياخشى بولماي ،ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچىڭمۇ كەم بولسىچۇ؟ ھېچقىسى يوق ،چېچىڭنى بىر ئاز چۈۋاپ،ئارقاڭغا ياۋروپاچە چىرايلىق تۈرمەكلىۋالساڭ ئايدەك بولىسەن !
بالىلىقىمدىكى بايراملارنى ئەسلەيمەن ، قىزلار كوچىلارنى تولدۇرۇپ تۈرلۈك-تۈمەن كۆڭلەكلىرىگە دوپپا رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ مېڭىشسا ،ئۇلارغا كۆزى چۈشكەننىڭ يۈرىكىدە باداملار گۈللەپ كېتەتتى!


ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
490 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1791 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دۇردانىلارنىڭ داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز، جاپا چەكتىڭىز نازىنىن ، خانىم قىزلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقى شۇنداقلا نازىنىنىڭ ئەجىرىگە بۇ تېمىنى نادىرلىۋەتتىمغۇ ، باشقا يولداشلارنىڭ پىكىرى يوقتۇ ھە

Rank: 8Rank: 8

توردا
97 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
616 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زادى مۇشۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش كۆزىتىش جەھەتتىن بىز ئەرلەردىن چوڭقۇر ۋە تولۇق ئويلايدىغانلىقىغا تەن ئالىمەن جۇمۇ.
مونۇ تېمىدا ھەتتاكى مېنىڭ خىيالىمغىمۇ كەلمىگەن نۇقتىلاردىن بالىخانغا دەۋەت نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىم قىلغان، يېرىمدا دۇنيالارنى ھەقىقى چۈشىنىش "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دىن تېخىمۇ ئىپادىسىنى تاپىدىغان چېغى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
240 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1624 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىز شۇنداق يارىشىملىق ئىدى. تارىخلاردىكى قىزلىرىمىز كەيگەن كىيىملەر تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا كاشكى، مەنمۇ شۇ زامانلاردا ياشاپ قالسامچۇ؟! دەپ ئۇھسىنىپ كېتىمەن........
خانىم-قىزلار ئەۋرەتلىرىنى ياپىدىغان چىرايلىق، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىش بىلەن گۈزەلدۇر. بۇ گۈزەللىك ھېچنەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان گۈزەللىك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:57 , Processed in 0.070851 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.