مەنمۇ بەك گىرىم قىلىپ كەتمەيمەن ، ئەمما بەزىدە تۇرۇپ شۇنچىلىك قىلغۇم كېلىدۇ ، ھەم پەدەزخانىلارغا بارمايمۇ خۇددى پەدەزخانىدا قىلدۇرغاندەك گىرىمنى ئۆزى قىلغانلارنى كۆرسەم شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىمەن

بۇ دىگىنىم ھەرگىز قېنىق گىرىم ئەمەس جۇمۇ خانلار

مېنىڭچە گىرىم قىلىشمۇ بىر خىل ھوزۇر ، قاملاشتۇرۇپ قىلىشمۇ بىر خىل سەنئەت .........
بۇنى يېزىۋىتىپ بىر دوستۇمنىڭ ئىشى ئېسىمگە كېلىپ قالدى ..
دوستۇم ئۆي ئېلىپ ئۆي بىزەش ھالەكچىلىگىدە ئۆزىنى سەل تاشلىۋەتتى ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ خەتنە تويىغا باردۇق ، ھەپتە ئارىلىقى بولغاچقا ئىشتىن چۈشىپلا بارغان ئىدۇق ، بىر چاغدا شۇنچىلىك ئاچچاق يېنىمغا كەپتۇ ، ۋاي نىم بولدۇڭ دىسەم ، يولدىشى نىم دەپتۇ دىسەڭلار ، گىرىم بويۇملىرىڭ تۈگەپ قالغانمىدى ، دەپتۇ ....مەن بەك كۈلىۋىتىپتىمەن ، لىكىن قايتىدىن ئويلىسام يولداشلىرىمىزمۇ بىزنىڭ كۆزگە سىغىشلىق چىرايلىق گىرىم قىلىپ ، قىممەت باھالىق بولمىسىمۇ يارىشىملىق كىيىنىپ يۈرىشىمىزنى ياقتۇرىدۇ ~