يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1827|ئىنكاس: 20

<< پاھىشىنى ئالامسىز >> نى ئۇقۇغاندىن كىيىن ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 04:27:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<< پاھىشىنى ئالامسىز >> نى ئۇقۇغاندىن كىيىن ...

ئۆز تىكىن ئەپەندى ، << پاھىشە قىزنى ئالامسىز >> دىگەن تىمىنى مۇنبەرگە مەن يۇللىغان .
سىز باشتىلا بۇ تىمىغا نىسبەتەن - پىكر قاتناشتۇرغۇم يۇق ئىدى دەپسىز . لىكىن يەنە قايناپ - تىشىپلا كىتىپسىز غۇ - ؟ مەن سىزگە دىسەم ، ئۆزىنى ئەر چاغلايدىغان ھەرقانداق بىر ئەر كىشىدىن بىر پاھىشە بار ، شۇ پاھىشىنى نىكاھىڭىزغا ئالامسىز ؟ - دەپ سۇرىسا ياق دەپلا جاۋاپ بىرىشى تەبىئى ئەھۋال . ياق دەيدىغانلاردىن مەنلا قالغان ئۇخشايمەن دەپ قالماڭ . تىخى بۇنداق ئەركەكلەر دىيارىمىزدا يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ ، مىنىڭچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ، يەنىلا ئەرلەرنىڭ ، ئاياللارنىڭ ئىپپىتى ، ئىمانى ، ئەخلاقى ، ۋىجدانى ، ۋە غۇرۇرىغا بىرىپ تاقىلىدۇ ، ھەم بۇ ئىشلارغا بىز يەكۇن چىقرىشقا ئاجىزلىق قىلىمىز ، بىز پەقەت قۇلۇمىزدىن كىلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلساق شۇ كۇپايە . بۇنىڭغا << ئەرنىڭ ئىپپىتى نىمە >> دىگەن ئەسەر مىسال بۇلالايدۇ . سىزدىن مۇنۇ سۇئالنى سۇراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ - ؟ تىمىڭزدىكى نىمە دىگەن كۆپ << ياق >> لار ئۇ . ھەتتا بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىزدىن ئابدۇرھىم ئۆتكۇر ( ياتقان يىرى جەننەت بۇلسۇن ) ... دەك ئاتىللىرىمىزمۇ تىخى سىزدەك قايناپ باققان ئەمەس ، ئۇچۇق ئاشكارا بىرەر پارچە ماقالە يازغانمۇ ئەمەس . ئۇلارمۇ بۇ ئىشلارنى تۇسىغان ، ئەيىپلىگەن ، لىكىن سىزدەك بۇنچىۋالا كۆپ << ياق ... ياق.. ياق...>> دەپ... ئۆزىمىزنىڭ چاۋىسىنى ئۆزى چىتقا يايمىغان . سىزنىڭچە بۇلغاندا ، ۋىجداننى ، غۇرۇرنى ، مۇھەببەتنى ، مىللەتنى ، كەلگۇسىنى دەپ ئاشۇ << پاھىشە >> لىرىمىزنى نىل دەرياسىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسەك بۇلامدۇ - ؟ ياكى بۇلمىسا باشقا مىللەتلەرنىڭ << پاھىشە >> ئەمەس ، قىز- ئاياللىرى بىلەن تىگىشەمدۇق ؟ ۋە ياكى بۇلمىسا ھايۋان قاتارىدا بۇينىدىن باغلاپ باقامدۇق - يا... ؟ گەپ قىلىڭ دىسە ، ھەممەيلەن بىر ئىغىزدىن ، ۋاي - بىز بىر ئاتا ، بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ، دىنىمىز ، قىبلىمىز بىر دەيمىز يۇ، لىكىن كىچىككىنە پايدا - مەنپەئەت بار يەرگە كەلسەك ، شەيتانغا ئەل بۇلۇپ ھىچنىمىنى ، بىرەر ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئۇيلىمايلا ئاتا- بالىلىقتىن ، قىرىنداشلىقتىن كىچىۋىتىمىز . ھەتتا بىرەر بۇتۇلكا سىسىق ھاراق ئۈچۇن ئاتا- ئانىسىنى ، ئاچا - سىڭىللىرىنى ، خۇتۇنلىرىنى سىتىۋىتىدىغانلارمۇ بار ، مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى شۇنداق كىچىۋىتىدىغان ، سىتىۋىتىدىغانلارنىڭ 99% سىزدەك مەندەك ئەرلەردۇر ...!!! ئۇيلاپ بىقىڭ ، ئەڭ ئاددى بىر مىسال : بىز تۇنۇمايدىغان ، بىلمەيدىغان بىر قىزنىڭ بىشىغا كۇن چۇشۇپ ، ياكى 50-60 يىۋەنگە ھاجىتى چۇشۇپ ، بىزدىن ياردەم سۇرىسا ، بىزدىن پۇل سۇرىسا بىز گەپ- سۈز قىلماي ، ئىككىلەنمەيلا ئۇ قىزغا ياردەم قىلامدۇق - ؟ يانچۇقىمىزدىن ئىتتىكلا پۇلنى چىقىرىپ بىرەلىدۇقمۇ - ؟ - قىنى دەپ بىقىڭلار - قايسىڭلار بىكاردىن - بىكارغا ياردەم قىلدىڭلار -؟ بىكاردىن- بىكارغا پۇل بەردىڭلار - ؟ ( شۇنداقلارمۇ بار ، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ زىيادە قىلسۇن ) 50-60 يىۋەن پۇل بىز ئۇغۇللار ، ئەرلەر ئۇچۇن قانچىلىك پۇل ھىساپلىنىدۇ - ؟ - ئۇغۇللارغۇ يىنىدا پۇل بۇلمىسا بىرەر كۇن مەدىكار ئىشلىسە ھىچ بۇلمىغاندا 100 يىۋەن پۇل تاپالايدۇ ، قىزلارچۇ - ؟ ئۇلارغا بىكاردىن - بىكار پۇل بىرىدىغان ، ياردەم قىلىدىغان ئاتا- ئانىسىدىن ، باشقا يەنە كىملەر بار - ؟ بىز ئۇلارنى << پاھىشە >> دەپ ھاقارەتلەپ ، كەمسىتكەن يەردە باشقىلار قانداق قىلماقچى - ؟ شۇنى ئۇيلاپ باقتىڭىزمۇ - ؟ سىز كەمسىتكەن ، سىز ھاقارەتلىگەن ئاشۇ << پاھىشە >> لىرىمىزنى ئۈز ۋاقتىدا ئانىسى قىز دەپ تۇغقان . يىمەي يىگۇزۇپ ، كىيمەي كىيگۇزۇپ . كۆزىگە قاراپ ، ئوتىدا كۆيۇپ ، سۈيىدە ئىقىپ ۋاي- تاتلىق بالام ، ۋاي - جىنىم بالام دەپ ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەردە ئارزۇ - ئارمانلاپ چوڭ قىلغان . خۇددى سىزدەك ، مەندەك ، ئىنساندۇر . ئەقىل ئىگىسىدۇر ، ئۇلارمۇ بىرەر ئىشنى ئۇيلىيالايدۇ ، تەپەككۇر قىلالايدۇ . ئۇلارنى بىزنىڭ تۇۋەن كۇردىغانغا ، كەمسىتىدىغانغا ، ھاقارەتلەيدىغانغا قىلچە ھەققىمىز يۇق . مەن 2 يىلنىڭ ئالدىدا بىر مۇنبەردىن ( مۇنبەرنىڭ ئىسمى ئىنىق ئىسىمدە يۇق ، لىكىن باشقا تۇرداشلىرىممۇ كۇرگەن بۇلۇشى مۇمكىن ) بىر پاھىشە قىزنىڭ سەرگۇزەشتىسىنى مۇنبەر يۇزىدىن ئۇقۇغان ئىدىم . ئۇ قىز سەرگۇزەشتىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ - ئۇ قىز شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يىزىسىدىن بۇلۇپ باشقىلار تەرپىدىن ئىچكىرگە ئاپىرىلىپ بىر مىھمانخانىغا سىتىۋىتىلىدۇ . ئۇ قىز ئۇ يەردە نۇرغۇن ئازاپ - ئۇقۇبەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۇزىدۇ . ۋىجدانلىق ، كىچە- كۈندۇز غۇرۇرلۇق ، ۋىجدانلىق بىرەر ئەر كىشىنىڭ ئۇزىنى قۇتقۇزۋىلىشىنى ئاللاھتى ھەرۋاقىت تىلەيدۇ . لىكىن شۇ يەردىمۇ يەنە پۇلدار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاقارەتلىشىگە ، خۇرلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ، تۇساتتىن بىر كۇنى شۇ قىز بار مىھمانخانىغا بىر چەتئەللىك ( مۇسۇلمان ، كارخانچى ) پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ، ۋە شۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ ، لىكىن شۇ يەرنىڭ لۇبەنلىرى ئۇنىڭ ئۇ چەتئەللىك بىلەن پاراڭلىششىغا قىتىلمايدۇ ، ئۇ چەتئەللىك ئۇ قىزنىڭ 2 سائەتلىكىنى قىممەت باھادا دىيشىپ ئايرىم پاراڭلىشىدۇ ، شۇ كۇنى كەچتە ئىلىپ كىتىشنى ئىيتىدۇ ، لىكىن لۇبەنلەر قىتىلمايدۇ ، ئۇ چەتئەللىك يىگىت پۇل تۇلەپ ، ئۇ قىزنى ئۆزىنىڭ شۇ شەھەردىكى ئۆز ئۇيىگە ئىلىپ كىتىدۇ . ئەتىسى ئۇ چەتئەللىك ئۇ قىزنى ، قىزنىڭ لۇبىندىن( ئىسىمدە قىلىشىچە 200،000 مىڭ يىۇەن ) گە سىتىۋالىدۇ . چەتئەللىكنىڭ ئۇيدە بىر ياشىنىپ قالغان بىر مۇماي ، ئۇ قىزغا قۇرئان كەرىمدىن دەرىس بىرىدۇ ... مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن چەتئەللىك ئۇ يىگىت ئۇ قىزغا توي قىلىش تەكلىۋىنى قۇيىدۇ ، ئەگەر ئۇ قىز قۇشۇلسا قىز بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى ئىيتىدۇ ، ( ئۇ قىز نۇرغۇن ئۇيلىنىشلاردىن كىيىن ، ئۆز يۇرتىغا كەتسە يۇرتىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇبۇل قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ) قىز توي تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىدۇ . ئۇلار تويىنى يىگىتنىڭ دۇۋلىتىدە ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن ئايرۇدۇرۇمغا چىققاندا ، ئايرۇدۇرۇمدا ئۇ قىز بىر ئۇيغۇر قىزغا ئۇچراپ قىلىپ بىشىدىن ئۆتكەن پۇتۇن ئىشلارنى يىغلاپ تۇرۇپ ، ئەپسۇسلانغان ھالدا سۇزلەپ بىرىدۇ . ( بۇ راسىت بۇلغان ئىش ) سىزنىڭچە ئەنە ئاشۇ قىز يەنىلا << پاھىشە >> مۇ ؟ - ئۇ مۇسۇلمان يىگىتمۇ << پاھىشە >> نى نىكاھىغا ئالغان بۇلارمۇ - ؟ مىنىڭچە ، ھەممە ئىشنى يەنىلا ئۆزىدىن باشلاپ باشلىسا ئۆنۇمى ياخشى بۇلىدۇ . ئەرلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەرلىك مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالسا ، ئەرلىك ئىپپىتىنى ساقلىيالىسا ، قىز- ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالايدۇ ، ئىپپىتىنى ساقلىيالايدۇ . بىز ئۆزىمىزنى تۈزىمەي ، يامان ئىللەتلەرنى تۇگەتمەي تۇرۇپ ئۇلارنى كەمسىتكىنىمىز ، ھاقارەتلىشىمىز ، خۇددى جەزىخۇرنىڭ ، قىمارۋازنى سەن قىمار ئۇينىما دىگىندەك ۋە ئۇغرىنىڭ ، ئۇغرىنى ، - سەن دىگەن ئۇغرى دىگىندەكلا بىر ئىش . ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ جەريانى بۇلىدۇ ، ۋە ئاخىرلىشىش نىشانى بۇلىدۇ . شۇنداقلا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سەۋەبى بۇلىدۇ ، ۋە شۇ سەۋەپ قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ . ئاخىرلاشمايدىغان ، سەۋەپسىز ، نەتىجىسىز ئىش بۇلمايدۇ . بىزنىڭ چىقارغان يەكۇنىمىز ، بىزنىڭ دىگىنىمىز ھىساپ ئەمەس ، ئاخىرقى ھىساپتا ئەڭ تۇغرا يەكۇننى چىقارغۇچى يەنىلا بۇيۇك ، قۇدرەتلىك ، يىگانە ئاللاھتۇر . مەن مۇشۇنچىلىك سۇزلەي . ئەگەر ئىلمىي ، قايىل قىلارلىق تەنقىدى - پىكىرلىرىڭىز بۇلسا ئۇرتاقلاشساق بۇلىدۇ . مۇنبەردە يالغۇز سىز ۋە مەنلا ئەمەس ، سىزدىن ، مەندىن زىھنى - ئۆتكۇر نۇرغۇن بىلىم ۋە ئىلىم ئەھلى بار ، ئۇلارمۇ سىزدەك ، مەندەك ئۇيلىيالايدۇ ، تەپەككۇر قىلالايدۇ . خۇلاسە تامام ؛ - بىز تىلغا ئالغان ئاشۇ << پاھىشە >> لەر ئۆزلىكىدىن پاھىشە بۇلۇپ قالغانمىدۇ - ؟ ئاشۇلارنى << پاھىشە >> قىلىپ قۇيغانلار زادى - كىم ؟ - چەتئەللەردىن ياكى بۇلمىسا تاشقى پىلانىت ئادەملىرى كىلىپ بىزنىڭ ئاشۇ سۆيۇملۇك ، ئاجىز ، مىھرىبان ، قىز - ئاياللىرىمىزنى << پاھىشە >> قىلىپ قۇيامدىغاندۇ -... ؟  

مەنبە - مەن .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئارمان-تاشقىن قېرىندىشىمىز، مەلۇم بىر مۇنبەردە يۇقۇردىكى يازمىدا تىلغا ئالغان قېرىدىشىمىز بىلەن خېلى ئوبدانلا بەس-مۇنازېرە قىلغاندەك قىلىدۇ، مەن بۇ جاۋابەن يازغان يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنى ھېس قىلدىم، بولسا ئاشۇ ئەسلىدىكى يازمىنى يەنى <<پاھىشە قىزنى ئالامسىز؟>> نامىلىق يازمىنى بىر كۆرۈپ باقساق دېگەن ئويغا كەلدىم، ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يازمىڭىزدىكى لاۋبەن دېگەن خەنزۇچە ئاتالمىنى بولسا خوجايىن دەپ ئالغان بولسىڭىز تېىىمۇ ياخشى بولاركەن.
مېنىڭچە يۇقۇردىكى سوئال <<پاھىشە قىزنى ئالامسىز؟>> دېگەن سوئالغان ھەر قانداق بىر ئەركەك چوقۇملا <ياق>دېگەن جاۋاپنى بېرىشى مۇقەرەر.
ئۇلارغا يۇقۇرقىدەك گەپلەرنى قىلسىڭىزچۇ، بۇنداق گەپلەرنى ئاشۇنداق ئەسكىلەرگە دىمەمسەن، مەن شۇنداق قىلمىسام يا دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ئەمدى مەن بىز ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەركەكلەردىن ئائىلىڭىزدىكى قىز- ئاياللىرىڭىز ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنىلا ئەمەس ئەتتىراپىڭىزدىكى قىز- ئاياللارغا مەسئۇل بولۇپ قويىشىڭىزنى، قىزلىرىمىزدىن بولسا كىچىككىنە قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى يوقاتماستىن، ئۆز ئىپپەت نۇمۇسۇڭلارنى قوغدىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بىز نوزۇگۇمنىڭ ئەۋلادلىرى!!
ئاللاھ قىز-ئاياللىرىمىزغا شەرمى- ھايا ئاتا قىلغايسەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھىشە قىز بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ھايات يولى باشلىغان بۇرادىرىمدىن ئىككىسى بار، ئەمما بۇ بەك نازۇك مەسىلە بولغاچقا تەپسىلىيلەشتۈرمەيمەن.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارنى تالىشىپ كېتىشكە تېخى بالدۇر ئېدى   
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆز قارىشى بولىدۇ. ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ مۇزاكىرە قىلساق ھەممىمىزنىڭ 100% توغرا   
بۇ ئىشلارنى تالاشقاننىڭ ئورنى يوق. مۇنازىرىنىڭ مېغىزىنى ئىزىپ، قارشى تەرەپنىڭ كاللىسىغا قۇيساقمۇ ھەرگىز مەن خاتا ئويلاپتىمەن ، مىنىڭ مۇنازىرە ئۇسلۇبۇم خاتا... دەپ بويۇن ئەگمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئا  دەيمىز، قارشى تەرەپ ب دەيدۇ. بۇ ئايىغى چىقماس مۇنازىرە مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
بۇ مەسىلىلەرنى تالاشماي، ئەرلىرىمىز ئۆز پەرزەتلىرىمىزگە، خوتۇنلىرىمىزغا ياخشى قارىساق ياخشىراق بولامدىكىن دەپ قارايمەن.

ئانا تۇپراقتىكى ئىنكاسىمغا ياندىشىپ بۇ يەرگىمۇ يازدىم،

[ sansiz0903 بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:48  دە تەھرىرلىگەن. ]

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقىنجان، ئاۋۋال ئۆزتىكىن ئاكىمىز يازغان (پاھىشە قىزنى ئالامسىز) ناملىق ھېكايىنى مۇنبەرگە يوللاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقارقى جاۋابىڭلىنى يوللىساڭلارمۇ كېچىكمەيتتىڭلار. سەل ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويۇپسىلەر جۇمۇ؟
بۇ ئادرىستىن كۆرىۋېلىڭلار.
http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=7563

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:39 دە يوللىغان
پاھىشە قىز بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ھايات يولى باشلىغان بۇرادىرىمدىن ئىككىسى بار، ئەمما بۇ بەك نازۇك مەسىلە ب ...

بۇزۇق ئاياللارغا پەقەت بۇزۇق ئەرلەرلا لايىق. (ھەدىستىن)
بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=6116

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 18:45:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sansiz0903 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:46 دە يوللىغان

بۇزۇق ئاياللارغا پەقەت بۇزۇق ئەرلەرلا لايىق. (ھەدىستىن)
بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://bbs.a ...

ناتايىن ، چۈنكى مېنىڭ ئۇ ئىككى بۇرادىرىم بۇزۇق ئەمەس ئىدى ، ھەممە جەھەتىدىن بىزدىن ئىلگىرىرەك تۇراتتى !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز 0903 ، سىز بىلەن تالاشماي دەپ ئانا توپراق مۇنبىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىن ئۈزۇمنى قاچۇرغان ئىدىم . ئانا توپراقتىكى ئىنكاسىڭىزنى يەنە يۇللاپسىز .
ئالدى بىلەن سىزگە دەيدىغىنىم - << ئەرنىڭ ئىپپىتى نىمە >>  << ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى ... ئەركەكلەر قىنى سىلەر >>   دىگەن ئەسەرلەرنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ بىقىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن ،
سىز ئانا تۇپراق مۇنبىرىدە  ئۆز تىكىننىڭ << پاھىشىنى ئالامسىز >> دىگەن تىمىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ماختاپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئۇقۇدىڭىز ، ئۇنىڭ پىكىرىنى ئۇچۇق ئاشكارا قۇللىدىڭىز ، يىشىل چىراغ يىقىپ بەردىڭىز ( بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم  مەن شۇ مۇنبەر يۇزىدىلا سىزگە رەددىيە بىرەي دىگەن لىكىن ،  1-  سىز مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بۇلغاندىكىن تەسىرى ياخشى بۇلمىسۇن دەپ ئىنكاسىڭىزغا قارىتا لام-جىم دىمىگەن ئىدىم ، 2- سىز تىخى كىچىك ، تىخى توي قىلمىدىڭىزغۇ دەيمەن .  شۇنىڭ ئۇچۇنلا مەن بۇ <<  پاھىشىنى ئالامسىز >> دىگەن  تىمىنى يىزىشقا مەجبۇر بۇلدۇم  ) .
سىز -  بۇزۇق ئاياللارغا بۇزۇق ئەرلەر لايىق دەپسىز ، سىز ئالدىراپ بۇنداق يەكۇن چىقارماڭ ، بۇ ئىشلارغا ھىچكىم بىر نىمە دىيەلمەيدۇ . سىز تىخى توي قىلمىدىڭىزغۇ دەيمەن ، سىز بۇ گەپنى دىيىشتە راستىنلا ئالدىراڭغۇلۇق قىلىلغاندەك تۇرسىز . باشقىلارنى، كەمسىتىدىغان ، كۇزگە ئىلمايدىغان ، ھاقارەتلەيدىغاندىغانغا بىزنىڭ نىمە ھەققىقىمىز بار -؟ - چۇنكى دۇنيادىكى ھەممە مەخلۇقاتلارنى ( پاھىشە ) لەرنىمۇ ئاللا ياراتقان ، لايىق ، لايىق ئەمەسلىكىنى ئاللاھ ئۇزى بىلىدۇ . بىز پەقەت ئاللاھنىڭ بىزلەرنى ئاشۇنداق ئىپپەتسىز قىلىپ يارتىپ قۇيمىغانلىقىغا  شۇكرى قىلساق  ۋە ئاشۇ يۇلدىن ئازغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ ، ھىدايەت ، ۋىجدان غۇرۇر تىلىسەك ياخشى بۇلىدۇ .

سىز يەنە -
        تاشقىنجان، ئاۋۋال ئۆزتىكىن ئاكىمىز يازغان (پاھىشە قىزنى ئالامسىز) ناملىق ھېكايىنى مۇنبەرگە يوللاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقارقى جاۋابىڭلىنى يوللىساڭلارمۇ كېچىكمەيتتىڭلار. سەل ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويۇپسىلەر جۇمۇ؟
-   سىزنىڭ  بۇ نىمە دىگىنىڭىز -
مەن پەقەت << سۇ كەلگۇچە تۇغان سالدىم >> ، چۇنكى ئۆز تىكىن << پاھىشىنى ئالامسىز >> دىگەن تىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يۇللاپتۇ ، ئىشەنمىسىڭىز ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى دىل - يارىسى دىگەن مۇنبەرداشتىن سۇراپ بىقىڭ . بەلكىم ئۆز تىكىن ئەدەبىي جەھەتتە قابىليەتلىك ۋە بىلىملىك بۇلۇشى مۇمكىن . مەيلى ئۇ ياكى سىز بولۇڭ كىم بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ،  سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ ،  ئۆزىمىزنىڭ قىرىندىشى بۇلغان ( پاھىشە بۇلسىمۇ مۇسۇلمان بۇلغاندىكىن مەن قىرىندىشىم دەپ ئۇيلايمەن ) ئاشۇ ئاجىز ، مىسكىن ، يۇلدىن ئازغان قىز- ئاياللىرىمىزنى بىزنىڭ كەمسىتىدىغانغا ، ھاقارەتلەيدىغانغا ھەققى يۇق . چۇنكى قىنى قايسىمىز ھەقىقى ئەركەك سۇپتىدە ئۇلارنى قايىل قىلىپ ، ئۇلارنى يامان يۇلدىن تۇسۇپ باقتۇق - ؟  قىنى - ئۇزىڭىز  پاھىشە دەپ قارىغان بىرەر قىزغا ھەقىقى ئاللاھ يۇلىدا ساۋاپ ئىزلەپ   تەربىيە قىلىپ باقتىڭىزمۇ - ؟ ئۇلارنى يامان يۇلدىن تۇسۇپ باقتىڭىزمۇ - ؟
مەن سىزگە دىسەم سەنسىز 0903 ، مەن ئۇلارنىڭ تاللىغان يۇلى تۇغرا دىمەكچى ئەمەس  ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق پاھىشە بۇلۇپ قىلشىدا بىز بىۋاستە مەسئۇليەتنى ئۇستىمىزگە ئىلىشىمىز كىرەك دىمەكچىمەن .   ئاشۇ پاھىشەلەر گەرچە بىزنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق تۇققىنىمىز بۇلمىسىمۇ لىكىن بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز بۇلۇپ ھىساپلىندۇ . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاممۇ قىز - ئاياللارنى كۆز قارچۇغاڭلارنى ئاسرىغاندەك ئاسراڭلار دىگەن ، بۇ سۇز ھەدىستىمۇ بار .
ئۆز تىكىن دىگەندەك ۋىجدان ، غۇرۇر ، مىللەت ، مۇھەببەت ۋە كەلگۇسىمىز ئۇچۇن << پاھىشە >> لەردىن پۇتۇنلەي كىچىۋەتكىلى بۇلمايدۇ ، ئۇلارنى يۇقتىۋەتكىلىمۇ بۇلمايدۇ . مىنىڭچە بىرنى يۇقتىۋەتسە يەنە ئىەككىسى چىقىشى مۇمكىن ...
قىز- ئاياللار گۇزەل بىر باغ بۇلسا ، ئۇغۇللار - ئەرلەر شۇ گۇزەل باغ ئەتراپىدىكى قورغان تام .  ئەمىليەتتە  بىز ئەرلەر<< ئەرنىڭ ئىپپىتى نىمە >> دىگەن ئەسەردىكىدەك   ئۆز مەجبۇريىتىمىزنى ئادا قىلالساق ،  ئۆز ئىپپىتىمىزنى ساقلىيالىساق  ،  ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن ئەيمەندۇرەلىسەك ، بەلكىم ئاشۇ << پاھىشە >> لەر مۇ ئازلىشى مۇمكىن .

سىز يەنە -
             بۇ ئىشلارنى تالىشىپ كېتىشكە تېخى بالدۇر ئېدى - دەيسىز ،  ھازىر بالدۇرمۇ - ؟ سىزنىڭچە قىيامەت كۇنى بۇلغىچە ساقلىساق بۇلىدىكەن-دە !
تۇغرا دەيسىز ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆز قارىشى بولىدۇ. ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ مۇزاكىرە قىلساق ھەممىمىزنىڭ 100% توغرا   
بۇ ئىشلارنى تالاشقاننىڭ ئورنى يوق. مۇنازىرىنىڭ مېغىزىنى ئىزىپ، قارشى تەرەپنىڭ كاللىسىغا قۇيساقمۇ ھەرگىز مەن خاتا ئويلاپتىمەن ، مىنىڭ مۇنازىرە ئۇسلۇبۇم خاتا... دەپ بويۇن ئەگمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئا  دەيمىز، قارشى تەرەپ ب دەيدۇ. بۇ ئايىغى چىقماس مۇنازىرە مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
بۇ مەسىلىلەرنى تالاشماي، ئەرلىرىمىز ئۆز پەرزەتلىرىمىزگە، خوتۇنلىرىمىزغا ياخشى قارىساق ياخشىراق بولامدىكىن دەپ قارايمەن.

- دەپسىز .
سىز بۇ مەسىللەرنى تالىشىقا  تىخى بالدۇر دەپسىز - ؟ ھازىر بالدۇرلۇق قىلامدۇ -؟  سىزنىڭچە قىيامەت كۇنى بۇلغىچە ساقلىساق بۇلىدىكەن-دە   !!!
تۇغرا دەيسىز ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۇز ئالدىغا قارشى  بۇلىدۇ ، لىكىن بۇ جاھاندا تىخى ئۇنداق ئاسان ئىش يۇق ، ئاددى بىر مىسال كەلتۇرەي ،
بىر ئۇغرى ئۇغۈرلۇق قىلدى ، سىز ئۇنىڭ ئۇغىرلىق قىلغىننى كۇرۇپ قالدىڭىز  ، سىز ئۇنىڭدىن نىمىشقا ئۇغىرلىق قىلدىڭ دەپ سۇرىسىڭىز ئۇ كىشى چۇقۇم ئۈزىنى ئاقلايدۇ ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ . شۇ چاغدىمۇ سىنىڭ كۇز قارشىڭ تۇغىركەن ، داۋاملىق ئۇغىرلىق قىلىۋەر  دەمدۇق ، ياكى ئۇنىڭغا  قانۇن - سىياسەتنى چۇشەندۇرۇپ تۇغرا يۇلغا يىتەكلەمدۇق -؟ ياكى بۇلمىسا سەن ئۇغىرلىق قىپسەن دەپلا ئۇ ئۇغرنى ئادەم يۇق سايغا ئاچىقىپلا بىر پاي ئۇق بىلەن ئىتىۋىتەمدۇق -  يا ؟

<< ئۇزىگە ئىشىندىغان ، مۇۋەپپىقيەت قازنىشنى ئۇيلايدىغانلار ، ئامال چارە ئىزلەيدۇ ،    ئۇزىگە ئىشەنمەيدىغان ، مەغلۇپ بۇلغۇچىلار بانا- سەۋەپ ئىزلەيدۇ ، مەسئۇليەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ >>

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sansiz0903 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:46 دە يوللىغان

بۇزۇق ئاياللارغا پەقەت بۇزۇق ئەرلەرلا لايىق. (ھەدىستىن)
بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://bbs.a ...

تېما توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشتىن ئاۋال سەنسىز ئىنىمنىڭ مۇنۇ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرغۇم كەلدى.
سەنسىز ئىنىم، بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ھەدىستىكى سۆزلەرنى نەقىل قىلغان ۋاقىتتا شۇ ھەدىس قايسى كىتابتا بارلىقىنى ئەسكەرتىۋېتىپ يوللىسىڭىز ئىكەن. بولمىسا كۆپىنچىلەردە خاتا چۈشەنچە بوپ قالىدۇ. ھەمدە ھەدىستە بۇنداق بار تۇرسا بۇزۇق ئايال دىگەن ھامىنى پاسكىنا بۇزۇق، بۇلار ئەخلەت دەپ جەمىئىيەت ئۇلارنى تېخىمۇ چەتكە قاقىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ناپاك، بۇزۇق دەپ تىللاۋاتقان ئەشۇ قىزلار كىچىكىدىنلا پاھىشە بولغىيمىدى؟
مەن "يوقاپ كەتكەن قىز" تېمامدىمۇ قىزلارنى ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋەتكەن پەس ھايۋانلار توغرۇلۇق ئازراق توختالغانىدىم. شۇ تېمىدىكى بىچارە سىڭلىمىزمۇ قانخورلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىغۇ كەتتى. ئۆلۈپ كەتمەي پاھىشخانىلارغا سېتىۋېتىلىپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان بولسىچۇ؟ شۇ نەس باسقان يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا شارائىت بولسىمۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يۈزىگە قاراشقا چىدىماي تەغدىرگە تەن بېرىپ ئولتۇرغان بولسىچۇ؟ بۇنىڭ ھەممىسىنى بۇ قىز پاھىشە دەپلا ئۆزىگە ئارتىپ قويامدۇق؟ ياكى ئىنسان تونىغا ئورىنىۋالغان ھايۋانلارنى، قىزلىرىمىزنى قوغداش مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان ئەركەكلىرىمىزنى تىللامدۇق؟
بەزى قىزلار بار پاھىشە بولۇشنى پۇل تېپىشتىكى ياخشى كەسىپ قىلىۋالغان ۋە بۇنداقلارغا ئىچ ئاغرىتىش ھېسداشلىق قىلىش ئەخمەقلىق.
لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلىنىپ قالغان قىزلىرىمىزنى ھەممەيلەننىڭ ئۇلارنى قوغداش، ئاسراش پاھەشىلىك يولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇ مەجبىۇرىيەت پەقەتلا ئەرلەرگىلا يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت ئەمەس جەمىئىيەتتىكى ئەر-ئايال، ھەممەيلەننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى.
پاھىشە قىزلارنى پاھىشە ئەرلەر ئالسا بولمايدۇ دەپ توختىلىپسىلەر، ناشايان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بىز ناپاك قىزنى، ئۆزىنى ھەقىقىي پاك ئەركەك چاغلايدىغان بىرەرسى مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقىپ شۇ قىزنى پاھىشەلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ياخشى يولغا ئەكىرىپ نىكاھىغا ئالسا نىمىشقا بولمايدىكەن؟
قىزلىرىمىزنى، قىزلىرىڭلارنى قوغداڭلار. بۇ ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:23 , Processed in 0.146823 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش