يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1588|ئىنكاس: 11

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە خىزمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش

   ئالىي مەكتەپ بولسا، بىلىم ئالىدىغان، قوينى كەڭرى   ئاجايىپ بىر رەڭگا رەڭ دۇنيا. ئالىي مەكتەپ، پەقەت   ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلا ئەمەس، شۇنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ باقمىغانلارنىڭمۇ تەلپۈنىدىغان، شۇ يەردە ئوقۇشنى ئازۇ  قىلىدىغان، ئۆزىگە ئىنتىلدۇرىدىغان بىر دۇنيا...خىزمەت بولسا، ھەر بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى جان بېقىشنى ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئويلايدىغان ئىشى، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرەر ئىش تېپىلىشىنى، خىزمەت تېپىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئاتا ئانىلار شۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت تېپىپ ئىشلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا شۇنىڭ ئۈچۈن غەم قىلىدۇ، يول ماڭىدۇ، پۇل سەرپ قىلىدۇ، ئىشقىلىپ، خىزمەت، ئىش تېپىش، بۇ ھازىرقى جەميىتىمىزدە، ھەر بىر ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ياكى ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ ئەڭ ئاۋال  ئويلايدىغان، بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى. مەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى  ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك  ئوقۇيالماي باشقا ئىش قىلماقچى بولغانلار بولسۇن، ياكى سەنشىخاڭزىدىكى مەدىكارلار بولسۇن، ۋە ياكى مايلامچىلار بولسۇن، ھەممىسى بىر ئىش بۇلۇشىنى، ئىش تېپىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. مەيلى ئوقۇغانلار بولسۇن، ياكى ئوقۇمىغانلار بولسۇن، جان بېقىش كويىدا بىرەر ئىش تېپىپ، تۇرمۇشىنى قامداشنى ئويلىمايدىغان بىرمۇ شەخس بولمىسا كېرەك، ھايۋانلار جېنىدىمۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن توختىماستىن مىدىراپ تۇرىدۇ.
       خوش، خىزمەت شۇنداق مۇھىم ئىكەن، ئىش تېپىش مۇھىم ئىكەن، ئۇنداقتا،  بىز ئىشنى زادى نەدىن، قانداق تاپىمىز؟ بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىمىز بىلەن خىزمەت تېپىش، ئىش تېپىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بۇلۇشى كېرەك؟  مەكتەپتە ئوقۇش، بىلىم ئىگەللەش پەقەت ئىش تېپىش، پەقەت  خىزمەت تېپىش ئۈچۈنلىمۇ؟
        مەن بۇ يەردە  « بىز ئىشنى زادى نەدىن، قانداق تاپىمىز » توغرىسىدا ئارتۇق توختالمايمەن، مېنىڭ توختىلىدىغىنىم كېيىنكى مەسىلىلەر.
        بىز ئاۋال « مەكتەپتە ئوقۇش، بىلىم ئىگەللەش پەقەت ئىش تېپىش، خىزمەت تېپىش ئۈچۈنلىمۇ؟»  دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى.
       ھازىر كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن سىتودېنتلارنىڭ كاللىسىدا شۇ نەرسە ھۈكۈمران ئۇرۇندا تۇرىدىكى، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى، بىلىم ئېلىشى، خىزمەت تېپىش ئۈچۈندۇر. شۇنداقلا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەتتا شۇنداق ئويلايدىكى « جوڭگودا ئادەم جىق، خىزمەت تېپىش تەس، ئوقۇش پۈتتۈرسەممۇ بەرىبىر خىزمەت يوق، ئىش تېپىش تەس، شۇنداق بولغاندىكىن ئالىي مەكتەپتە بىرسى مىنى باشقۇرمىغاندىكىن، ئاتا ئانام يىراقتا بولغاندىكىن،  تازا ئويناپ ياشىۋالاي، مىنى كىم كۈرەتتى،  ئىمتىھانلاردىن ئەپلەپ سەپلەپ ئۈتۈۋالسام بولدى » دەيدىغان....
        دەرھەقىقەت، دۆلىتىمىزدە ھەقىقەتەن ئادەم جىق، شۇنچىۋالا جىق ئادەمنىڭ قۇسىغىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا، ھازىر نۇرغۇن ئىشلار ماشىنا ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان، رىقابەت كەسكىن بۇلۇۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، بۇرۇن 10 ياكى 20 ئادەم قىلىدىغان ئىشلارنى، ھازىر بىر ئادەم بىر كەمپۈتەر (كومپىيۇتۇر)  ياكى بىر ماشىنا قۇرالى ئارقىلىق قىلىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئىش تېپىش بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇنداق ئاسان ئەمەس بۇلۇپ كەتتى. لېكىن، ھەر كىمنىڭ رىسقى ئۆز قولىدا. چۈمۈلە جېنىدا رىسقى ئۈچۈن، توختىماستىن ھەركەت قىلىدۇ، بىز تىرىشساق، تىرماشساق، ئىككى قولىمىز، پۇتىمىز بىلەن ئەمگەك قىلساق، ئەجىر قىلساق، بىزگىمۇ رىزىق يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دىسەك ، ئۈجمە مەڭگۈ ئاغزىمىزغا چۈشمەيدۇ.
        ئاددى قىلىپ ئېيتساق، كەتمەن، گۈرجەك بىلەن قىلىدىغان ئىشلارنى، فورمۇلا، تېئورىما كەتمەيدىغان ئېلىپ سېتىش ئىشلىرىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش  بارلىق يۇقۇرى ئەقىل، يۇقۇرى  بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان ئىشلارنى ھەر قانداق ئادەم قىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن. ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق شەخس ئوقۇماي تۇرۇپمۇ، ئىككى قولىغا تايىنىپ، قارا ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق جېنىنى جان ئىتەلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ھىچقانداق بىلىم كەتمەيدۇ، ھىچقانداق دىپلوم كەتمەيدۇ،ھىچقانداق سەۋىيە كەتمەيدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىق تارىخى كەتمەيدۇ.
        بىزدە  «بىلىم ئال، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە؛ بىلىم ئال، تۇغۇلغاندىن تاكى لەھەتكىچە؛ كىتاپ بىلىم بۇلىقى؛ بىلىملىك مىڭنى  يېڭەر، بىلىمسىز بىرنى يېڭەر؛  بىلىم ئال، ھەتتا  بىلىم  ئۇ يىراقتىكى بىر دۆلەتتە بولسىمۇ » دىگەندەك ھېكمەتلەر بار بۇلۇپ، بۇ ھېكمەتلەردىن بىزنىڭ ئاتا بوۋىمىز، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇرۇندىنلا بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتكەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز.  ئەجداتلىرىمىز نىمە ئۈچۈن بىلىمگە شۇنچىۋالا ئېتىۋار بىرىدۇ ؟ بىلىم بىز ئۈچۈن، زادى نىمە بىرىدۇ؟
نەزەر سالساق، مەيلى مائارىپى تەرەققى قىلغان غەرب ئەللىرىدە بولسۇن، ياكى ئەرەب ئەللىرى بولسۇن، ياكى كورىيە، پاكىستان، ھىندىستان،سىنگاپور...قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسۇن، ئاياللار مەيلى ئۇ قانچىلىق ئالىي مەلۇماتلىق بولسۇن، دوكتۇر بولسۇن، ئاسپىرانت بولسۇن، توي قىلغاندىن كېيىن، كېچىككەندە، بالىلىق بولغاندىن كېيىن خىزمەت قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.  ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن، بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئاۋال ئويلايدىغىنى پەرزەنتلىرىنى ياراملىق تەربىلەش. ھازىرمۇ بۇنداق قىز-چوكانلار ئاز ئەمەس،مەسىلەن:  ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئا بولسا، ئەسلى ئۆيى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر  بۇلۇپ،جوڭگۇ مەركىزى مالىيە-ئىختىساد ئۇنۋېرستتىتىنى پۈتتۈرگەن ( مەركىزى مالىيە- ئىختىساد ئۇنۋېرسىتىتى، ئورنى بېيجىڭدا، جوڭگودىكى داڭلىق مەكتەپ بۇلۇپ، نۇمۇرى ئالاھىدە يۇقۇرى بولمىسا، بۇ ئۇنۋېرستتقا ئاسان قۇبۇل قىلىنمايدۇ، ئەينى چاغدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا، نۇمۇرى ئالاھىدە يۇقۇرى بۇلۇپ، نۆلىنجى تۈركۈمدە،  تەييارلىق سىنىپلىرىغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، شىنجاڭدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇيتتى، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئىككى يىللىق نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىككى يىللىق نەتىجىسى  ئەڭ ياخشىلىرىنى، يەنى   بىرىنچى ياكى ئىككىنچى بولغانلارنى شۇ مەكتەپكە ئەۋەتەتتى، قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ مەكتەپنى تاللاش سالاھىيىتى يوق ئىدى)، كېىين، توي قىلىپ، يولدىشى بىلەن ئاۋال قىرغىزىستاندا، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، گەرچە داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ،  ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولسىمۇ، ئۇنۋېرستتىنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، كەسپىگە پىششىق بولسىمۇ، خىزمەت قىلمىغان، ئائىلىسى، پەزەنتلىرىنى تەربىلەش ئۈچۈن، ئائىلە ئايالى بولغان، ئامېرىكا شارائىتىدا، ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلى مۇھىتىدا، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن، تېلىۋىزۇرنىمۇ ئاچماي، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ۋە باشقا كىتاپلارنى ئەكەلدۈرۈپ،ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرچە ۋ س د پىلاستىنكىسى ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدا چىقارغان، شۇنداقلا، ئامېرىكىدىكى شۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، ئائىلىسىدە ئۇيغۇرچە ئېىلپبەنى، سۆزلىشىشىنى ، ئويۇنلارنى ئويناشنى  ئۈگەتكەن. ئەسلى، ئىشلەيمەن دىسە، شۇ ئا ئىشلىسە بولاتتى، بىراق، ئۇ يۇقۇرى مەلۇماتلىق تۇرۇپ، بىلىمى شۇنچە يۇقۇرى تۇرۇپ خىزمەت قىلمىغان، پەقەت، بارلىق زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان.  دىققەت، يەنە بىر دىققەت، مەن بۇ يەردە قىزلارنى ئىشلىمىسۇن دىمەكچى ئەمەسمەن، ئاياللارنىڭ بىر قولىدا بۈشۈك تەۋرىسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ، ئاياللارمۇ خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇناسىپ، بىز ھەرگىزمۇ جەميەتتە ئورنى يوق، سالاھىيىتى يوق قۇرۇق سۆلەتلەردىن بۇلۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەن پەقەت، بۇ  يەردە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان ئايرىۋېلىشنى، مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى سەمىڭلارغا سالماقچى. چۈنكى، ھەممە ئادەم ئورگاندا ئىشلەپ بولالمايدۇ، ھەممە ئادەم، دۆلەت مەمۇرى بولالمايدۇ، چۈنكى، ھازىرقى دەۋردە بىز خىزمەت تېپىش جەھەتتىن، تارىختا كۈرۈلۈپ باقمىغان كەسكىن تاللاشقا دۈچ كەلدۇق، بۇلۇپمۇ،قىزلىرىمىزغا رىقابەت،شاللاش بەك ئېغىر. شۇنداق ئىكەن، قىزلارنى خىزمىتى يوق ئىكەن دەپ، ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان، ئۆزىنى ئەركەك سانىغانلارنىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج قىز-چوكان،ئايال  قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنداق بۇنداق دىيىشكە بىزنىڭ ھىچقانداق ھەققىمىز يوق، ھالال ئەمگەك قىلىپ،ئىشلىسىلا، شۇ قىزلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارنى ئاسرىشىمىز، قوغدىشىمىز كېرەك. پۇلنى مانچىلىك تاپتىڭ، خىزمەت ئورنۇڭنىڭ تايىنى يوق دەپ، ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىشنىڭ ئۆزى، ئۇلارنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىك، نامەرتلىك قىلغانلىق، بۇنداق قىلىش، يىگىتلىككە، ئەركەكلىككە خاس ئەمەس.  
      قايسى بىر يىلى، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى كۈڭۈلدىكى سۆز پىروگىراممىسىدا، بىر  تاماشىبىن ئانىنىڭ شۇنداق دىگەنلىكى يادىمدا: «بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىشىمىز، پەقەت خىزمەت ئۈچۈنلا دەپ ئوقۇتساق توغرا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپ دىگەن بىلىم ئالىدىغان جاي، ھەرگىزمۇ خىزمەت تاپىدىغان جاي ئەمەس، مەيلى خىزمەت تېپىش، ئىش تېپىش تەس بولسۇن، چۇقۇم پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇپ، ياراملىق تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. خىزمەت تېپىش تەس، پۇل كېتىدۇ دەپلا، بالىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتمىساق ، توغرا بولمايدۇ » شۇ چاغدا، مەن بۇ ئانىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەقىقەن ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم.  
      بىزدىكى «بىلىم ئال، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى لەھەتكىچە، بىلىم ئال يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە» دىگەن ماقالىلارنى توغرا تۇنۇشىمىز، ئۇنىڭدىكى ھەقىقى ماھىيەتنى تۇنۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، لەھەتكە يول ئالغان ئادەمگە ، 70ياشلىق بىر بوۋاي-مومايغا، بىلىم ئېلىش نىمە ئۈچۈن زۈرۈر بۇلۇپ قالدى؟ كىتاپ كۈرۈش نىمىگە ھاجەت بولدى؟ رادىيو ئاڭلاش، تېلىۋىزور كۈرۈش، خەۋەر ئاڭلاش نىمىگە زۈرۈرىيىتى تۇغۇلدى؟ ئانىنىڭ  قۇسىغىدىكى ھامىلىگە دادا بولغۇچى  گەپ قىلىپ بېرىش، مۇزىكا قۇيۇپ بېرىش، ھىكايە ئوقۇپ بېرىش،  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا، كىتاپ ئوقۇپ بېرىش، ئەللەي ناخشىسى ئوقۇش، مۇزىكا ئارقىلىق تەربىيىلەش، بۇلار نىمىگە زۈرۈر بولدى؟   
     مەكتەپتە ئوقۇشتىكى ئەڭ ئالدىنقى مەخسەت، ئىلىم ئىگەللەش، ئۆزىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللاندۇرۇش، كاللىمىزنى، قەلبىمىزنى ئىلىم بىلەن سۇغۇرۇش، بىلىم بىلەن تولدۇرۇش، قەلبىمىزنى نۇرلاندۇرۇش،  ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىلمىگەننى بىلىش، ساپانى ئۆستۈرۈش، كۆزى ئۇچۇق كۆر بولماسلىق. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تەبىئەت دەرسلىكى ئارقىلىق تەبىئەتتىكى نۇرغۇن ھادىسىىلەرنىڭ سەۋەبى ۋە ماھىيىتىنى گۆدەك، سەبى قەلبىمىز چۈشىنىپ بىلىۋالالايمىز، بوتانىكا دەرسلىكى ئارقىلىق ئۈسۈملۈك دۇنياسىنى چۈشىنەلەيمىز، زوئولوگىيە ئارقىلىق ئەڭ كىچىك ھايۋانلاردىن تارتىپ، پىل،كىتتەك چوڭ ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىكى ۋە ماھىيىتىنى بىلىۋالايمىز، فىزولوگىيەلىك گېگىنا ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى بىلەن تۇنۇشىۋالالايمىز، ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە  قارىتا چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلىشىدۇ، گىئومىتېرىيە ئارقىلىق، پىرامىدا، سىلىندىر، كۇۋادىرات...قاتارلىق ھەر خىل قۇرۇلۇش، ئىمارەت، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان، يۇلۇقىدىغان شەكىللىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ۋە باشقا شەكىللىك نەرسىلەرنىڭ ھەجمىنى، يۈزىنى ئۇلارنىڭ سىرلىق قائىدە، فورمۇلا، تېئورېمىلار ئارقىلىق ھىساپلاشنى بىلىۋالالايمىز، ماتىماتىكا ئارقىلىق، تەپەككۈرىمىز ئاشىدۇ، ئەدەبىيات ئارقىلىق بىز بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ، ھەر خىل ئېقىمدىكى مەدەنىيەت بىلەن ئەسەرلەر ئارقىلىق تۇنۇشىمىز. شۇ ئەسەرلەرنىڭ دەۋر ئارقا كۈرۈنىشى ئارقىلىق، تارىخ ئارقىلىق تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ھەم ئىگە بولىمىز، فىزىكا بولسا، شۇنداق قىزىقارلىق بىر دەرس، خىمىيەمۇ شۇنداق، شۇ پەنلەرنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق، بىزنىڭ كاللىمىزدىكى نۇرغۇن ئايدىڭ بولمىغان، بىلمىگەن نەرسىلەر ئايدىڭلىشىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ قەلبى نۇرلىنىپ قالغاندەك، كۆزىمىز ئېچىلىپ قالغاندەك تۇنۇشقا كېلىمىز، بۇنداق تۇنۇش ھەرگىزمۇ تاساددىپى ھالدا مەيدانغا كەلمەيدۇ، ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇش، ھەر خىل پەنلەرنى ئوقۇش، بىلىش ئارقىلىق ھازىرلىنىدۇ. شۇڭا، بالىلىرىنى ئوقۇتماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسقان ئاتا-ئانىلار، مەكتەپتە، ھۇشىنى تاپالمىغان ، توغرا كۆز قاراشتا بولماي، ئوقۇش پۈتتۈرسەكمۇ ،خىزمەت يوققۇ دەپ، ئۈمۈتسىزلىك پاتقىغىغا، توغرىسى،ھۇرۇنلۇق، قاشاڭلىق، ماڭقۇرتلۇق، بەڭۋاشلىق قىلىۋاتقانلار، دەرھال ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تۇنۇۋېلىشى كېرەك، ئالتۇندەك ياشلىقى،ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتمەسلىك كېرەك، ئۈتۈپ كەتكەن ۋاقىت قايتا كەلمەيدۇ، بالدۇر ئېچىلغان گۈل، بالدۇر توزۇيدۇ، بىلىمگە ئىنتىلمەسلىك، بىلىم ئېلىشقا تىرىشماسلىق، ياكى ئۆزى خالىغان پايدىلىق بىلىمنى ئىگەللىمەستىن ئويۇنغا بىرىلىش، شەھۋەتكە،ھەددىدىن زىيادە ئەركىنلىككە ئىنتىلىش، ھامان بىر كۈنى خاراپلىققا،خار بۇلۇشقا، نامراتلىققا، زەبۇنلۇققا مۇپتىلا قىلىدۇ....قىسقىسى كەسكىن رىقابەتتە سىزنىڭ ئورنىڭىز بولمايدۇ، قۇرۇق سۆلەت ھىچكىمگە ئەسقاتمايدۇ.  
     قىسقىسى بىلىم ئېلىش، ئادەمنىڭ ئادەم بۇلۇش جەريانىدۇر، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدۇر، بىلمىگەننى بىلىش جەريانىدۇر، قەلبنى نۇرلاندۇرۇش جەريانىدۇر، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ماھىيىتىنى بىلىش جەريانىدۇر. ئەلۋەتتە، بىلىم ئىگەللەش،  مەكتەپتە ئوقۇش، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىزمەت قىلىش بىلەن باغلىنىشلىق نەرسە بولسىمۇ، ئىش ئورنى ئۈچۈن  لازىملىق نەرسە بولسىمۇ،  بىراق، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ بۇ بولمىسا،چۇقۇم ئۇمۇ بولمايدۇ، ياكى، بۇ بولسا، ئۇمۇ بولىدۇ دىگەن مۇناسىۋەت ئەمەس، ئالدىنقىسى- بىلىش، ئۆزىنى تېپىش،تۇنۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بولسا، كېيىنكىسى- جاننى بېقىش، ئاچ قالماسلىق ئۈچۈندۇر. ئىككىسى ئايرىم ئايرىم ئىككى ئوقۇم.
      ئەلۋەتتە، بىلىم ئارقىلىق،  بىلىش ئۆزىنى تېپىش، تۇنۇش، ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش،  مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشى ۋە شەرتى.      
مەنبە : ئۆزەم
يوللىغۇچى:   بارماقلىرىم.
بۇرۇن باشقا مۇنبەرگە يوللانغان، بۈگۈن بىر تېمىغا ئاساسەن، يەنى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز دىگەن تېمىغا ئاساسەن، لازىم بوپ قالار دەپ يوللاپ قويدۇم.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ خەت باسقان بارماقلىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !
مېنىڭچىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نوقۇل خىزمەت ئۈچۈنلا بولماستىن بەلكى سىز ئېيتقاندەك<<بىلىم ئارقىلىق بىلىش ئۆزىنى تېپىش، تۇنۇش، ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش،  مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشى ۋە شەرتى>>.

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:42:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىدىكى كەم نەرسىنى تولۇقلاشنى بىلەلىگەنلا كىشى مەيلى قانداق مۇھىتا بولسۇن،چوقۇم ھەر بۆلەكتە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ماڭالايدۇ(پەقەت نىشان،پىلان تۈزۈپ ئىلگىرلىيەلەيدىغانلار ).

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 06:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىن كىيىنكىلەرگە نېمە قالىدۇ، بۇنى ئويلاش كېرەك. بىز چوقۇم تۆھپىكار ئەجداتلاردىن بولۇشىمىز كېرەك...

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال peacelife212 ئەپەندىمنىڭ جەمئىيتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان، ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم، شۇنداقلا ئېسىل يازمىلىرىنى يەتتە قىزلىرىمغا سۇنغانلىقىدىن خوش بولدۇم.
peacelife212يەتتە قىزلىرىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەڭ تىرىشايلى!
نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئىستودىتلار ، بىرلا خىل كەسىپنىڭ دىپلومىسىنى ئېلىپ شۇنداق پەخىرلىنىپ كېتىدۇ ، ئۇ كەسىپ ئۆز يۇرتىدا ئاقامدۇ ، ئەس قاتامدۇ دىگەننى ئويلاشمايدۇ . بىر مەكتەپكە كىردىمۇ شۇ كۆپايە، داۋامىنى ئاتا-ئانىلار ئوقۇيدۇ . پەقەت ئامال بولمىسا يۈزىنى داپتەك قىلىپ يىنىپ كېلىدۇ .شۇنچىلىك كۈچەپ قوڭىدىن يۇلەپ ئوقۇتۇپ ، پۇتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن خىزمەت بولمىسا يەنە جەمىيەتتىن كۆرۈپ ئاغرىنىدۇ .....
97- يىلنىڭ كېيىنكى خىزمەت تەقسىماتى دولەت بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش توختىتىلدى .
بۇ ئىشقىمۇ 14يىل بوپتۇ ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ، كەسپىنى ئۆزگەرتىپ باشقا كەسىپلەرنى ئۇگۈنۈپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ، باشقا تالاش يولىنى تاپقان بولسىمۇ . يەنە تولا ئوقۇغۇچىلار ئائىلىدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرماقتا .
مانا بۇلار پەقەتلا خىزمەت تېپىش ئۈچۈن جان بېقىش ئۈچۈن ئالى مەكتەپنى ئوقۇغانلار .كەلگۈسى نىشانىنى تاپالماي لەيلەپ يۇرىۋاتقانلار .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەزانىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاقىت چىقىرىپ، كۆپ زېھىن سەرىپ قىلىپ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسلە توغرىسىدا باش قاتۇرغىنىغا قايىلمەن. پىكىرلىرى شۇنچىلىك ئورۇنلۇق، جايىدا(مىسرانىمدىكى ئاشكاردەكلا).  مانا مۇشۇنداق ئەزالارنى تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك، چىڭ تۇتۇش كېرەك. شۇنداقتا مۇنبەر تەرەققىي قىلىدۇ، گۈللىنىدۇ. بىزمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولىمىز، تولۇقلايمىز، مۇكەممەللەيمىز. بەزىلەر ”كۆپ رەھمەت، بىلىۋالدىم“ لار بىلەنلا ئىنكاسنى تۈگىتىدۇ، بەزىلەر بىر تېمىغا تېگىشكۈسىز ئىنكاس يازىدۇ. مۇنبەردە تېما ئوقۇغاندا ئامال بار كۆپرەك مۇنازىرە ئېلىپ بارايلى، بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا توختىتىپ قويمىساق، ئەستايىدىلراق بولساقكەن، دېگەن ئۈمىتتىمەن. مۇشۇنداق ئېسىل تېما يازغىنىغا كۆپ تەشەككۇر!

   ھەقىقەتەنمۇ نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمايۋاتقانلار ناھايىتى نۇرغۇن. ئۈزلۈكسىز، توختىماستىن شەھەرمۇ-شەھەر ئاتلاپ دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتاھانىغا قاتنىشىۋاتقانلار، ئۆزىنى سىناۋاتقانلار بەك كۆپ. بىچارە بالىلار شۇنچلىك چىدامچانلىق بىلەن، غەيرەت بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئىزدەپ سوراپ ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئاشۇلارغا قارىسام ئىچىم سىيرىلىدۇ، ئەمما بۇ ئىشتا دۆلەت سىياسىتىدىن يامانلاشقىمۇ بولمايدۇ. تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىزدىن ئاللىبۇرۇن نەچچە 10 يىل ئېشىپ كەتتى، دۆلىتىمىز ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج. بولۇپمۇ ئاپتونۇم رايونىمىز تېخىمۇ شۇنداق. كۆپلەپ ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئېھتىياجلىق. شۇنداق بولغانىكەن، ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش، ئاشكارا تاللاپ قۇبۇل قىلىش، ئۆستۈرۈش ھازىرقى خىزمەت جەڭ مەيدانىدا ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ ھەم ناھايىتى مۇھىم بولىۋاتىدۇ.(ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۇلغانمىلارنىڭ تەسىرىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ ھەم 100% دەپ كېتىشكە بولمايدۇ). مېنىڭ ئىنىم 2007-يىلى مالىيە ئىنىستىتۇتېنى پۈتتۈرۈپ ئىزچىل ئىمتىھانغا قاتناشتى، ئۆتەلمىدى. بىر تەرەپتىن ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئىشلىگەچ قەيەردە ئىمتىھان دېسە شۇ يەرگە بېرىپ ئىمتىھان بەردى. ئىككى يىل شۇنچىلىك مۇشەققەتلىك ئىشلىدى، جاپانىمۇ يەتكۈچە تارتتى، چۈنكى تۆۋەندە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ، بەكمۇ جاپالىق. ئىشلەپ يۈرۈپ خوتەن، قەشقەرنىڭ بىر قانچە ناھىيىلىرىگىچە بېرىپ ئىمتىھان بەردى. شۇنداق قىلىپ 2009-يىل ئاخىرىدا ئۆز يۇرتىمىزدا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بىرىنچى بولۇپ مەلۇم بازارلىق ھۆكۈمەتكە قۇبۇل قىلىندى. (رىسقى يەنە ئۆز يۇرتىمىزدا بولسا كېرەك)، ھاردۇقىمىز بىراقلا چىقتى. مۇھىمى ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي ئىنىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقىنى بولدى. ھەممە ئىشلار يامان تەرەپتە بولىۋەرمەيدىكەن. شۇنىڭدەك يەنە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولىمۇ بولالمايدىكەن. كۇچا ناھىيىسىدە باش دۇكىنى بولغان، باشقا ناھىيە شەھەرلەردە 200 دىن كۆپرەك تارماق دۇكىنى بولغان ”ئۆز گۈل“ راڭپىزا دۇكىنىنىڭ باش قۇرغۇچىسىمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىيكەن. ئۇ قىزمۇ مانا ھازىر تۇرمۇشى شۇنداق كۆڭۈللۈك، ئىقتىسادى گۈللىنىپلا كېتىپتۇ. بۇنىڭدەك مىساللار ناھايىتى نۇرغۇن. ھازىر ئەمدى قانداقلا مەكتەپنى ئوقۇڭ، مەيلى ئاسپىرانىت، مەيلى ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرۈڭ، ئوخشاشلا ئىمتىھانغا قاتنشىدىغان گەپ. بۇرۇنقىدەك داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن دەيدىغان ئىشلار قالمىدى. ھەممىسى بىر تاياقتا ھەيدىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەسلىگە كەلگەندە بىز پەقەت ئۆز كۆز قاراشلىرىمىز بىلەنلا نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى ئانالىز قىلىپ قالىمىز، خالاس. پەقەت كېيىنكىسى ئاشۇ سىتۇدېنىتلارنىڭ ئۆزىدىكى تىرىشچانلىق، سەۋىرچانلىق، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق.


      ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت خىزمەت ئۈچۈنلا بولسا بولمايدۇ. ھازىر ئەڭ ئاددىيسى ئۆيدە ئولتۇرىدىغانغىمۇ سەۋىيە بولمىسا بولمايدۇ، ئەرمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، جەمئىيەت تۆۋەن كۆرىدۇ. مەن يېزىدىكى تۇققانلار بالىسىنى يېرىم يولدا توختىتىمىز دېسە بىر مۇنچە سۆزلەپلا كېتىمەن، ھېچ بولمىسا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرسۇن دەپ. بالىسىنى تەربىيلەشكە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيە كېرەك، دەيمەن.

[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:22  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېيتماقچى بولغان سۆزلەرنى قەھۋە دەپ بوپتۇ، مەن ئەمدى ئارتۇقچە تەكىتلىمەي. مۇنبەردە مانا مۇشۇنداق ئىجادىي ۋە ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى دەل مۇنبەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلى بولىدۇ دېسەم ئارتۇقچە كەتمەس.
مەن peacelife212 ئەپەندىمنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى يوللىغانلىقدىن خۇرسەن بولدۇم ، ھەمدە ئەزالارنىڭمۇ قىزغىنلىق بىلەن يازغان ئىنكاسلىرىدىن سۆيۈندۈم، دوستلارنىڭ مۇشۇنداق قىزغىنلىقىدىن سۇسلىشىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
peacelife212 ئەپەندىمنىڭ يازمىسىدىكى بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى جەمىيئەتتىكى ياشلىرىمىز شۇنداقلا ئوقۇپ كەلگەن بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بىرەر ئىش قىلىشقا ئەمەس، ئەكسىچە يەنە بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ بىرەر ئىدارىگە كىرگۈزۋېلىش ئۈستىدە غەم قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلار كۆرۈپ ئويلىشىپ باققۇدەك تېما بوپتۇ.
شەخسەن مېنىڭ ئاتا-ئاناممۇ باشقا ئاتا-ئانىلاردەك ھۆكىمەتنىڭ پېشىغا ئېسىلدىڭمۇ كەلگۈسىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز دەپ قارايدىغانلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەمما، ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىدىيەدىن ئۆزىنى ئازاد قىلىپ ئالىي مەكتەپنى نوقۇل خىزمەت تېپىشنىڭ يولى قىلۋالماي، ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن مەيىل قانداقلا ئىش قىلمىسۇن، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەليەتتە قوللىنىپ ئۆز كەلگۈسىگە ئۇل سېلىشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى ئىنكاسىمنى يېزىشقا يىقىن بىر توققاننىڭ بالىسى سەۋەپ بولۇپ قالدى قاراڭلار ، شۇڭىمۇ بەلكىم بۇ مەندىكى بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتۇ . جەمىيىتىمىز ، ھازىر ئۇقۇ -ئۇقۇتۇشنىڭ ئىسلاھات دەۋرىدە داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان ، مۇرەككەپ بىر ئىدىيىۋى تۇنۇشتا ، شۇڭا ھەممە بالىلارنى بىر تاياقتا ھەيدىسەكمۇ بولماس .
قەھۋەنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بۇ ۋەقەلىكنى يازغىم كەلدى .
دەسلەپ شۇنداق رەنجىگەن ئىدىم ، ئاتا- ئانا بولار ئۇنچىلىك بولماس ،  بارلىغىنى شۇ ئىككى ئۇغۇلغا بېغىشلاپ . قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولسا تەييار قىلىپ ئۇلارغا شۇنچىلىك ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى بەردى .
ئەمدى بۇ جەھەتتە بالا ئوقۇتىۋاتقانلار بولسا بېلىدۇ ، ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا ھازىر دىمىسەممۇ ، ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ، ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلەردىن باشقىلارغا پۇللا بولسا مەكتەپكە كىرىش چاقىرىق قەغىزىنى سېتىۋالىدۇ . بۇ ئىشلارنى دەپ كەلسەك
جەمىيىتىمىزنىڭ باشقا بىر چىرىك ، ھايانكەشلىك قىلمىشى ئېچىلىپ كېتىدۇ . ئارتۇق سۆزلىمەي .
شۇنداق قىلىپ چوڭ ئوغلىنى مەكتەپكە كىرگۈزدى ، ئاللاھ... شۇنچىلىك تەييار شارائىتلار نىمە قىلىمەن دىسە قىلالايدۇ ، لېكىن تۇزۇك ئوقۇيالماي قايتىپ كەلدى . مانا ھازىر شوپۇرلۇقنى ئۈگۈتۈپ ماشىنا ئېلىپ بەردى  ، ماشىنىدا  كىرا قىلىۋاتىدۇ .
كىچىكىچۇ ؟ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئويدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ، كەسپىگە ماس خىزمەت يوق ، ئەمدى نىفىتلىككە ئادەتتىكىدەك ئىشچى بولۇپ كىرىدىغان تەقسىماتقا قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ .
ھەممە ئادەمنى ئالىم بولسۇن ، ئىنجىنىر بولسۇن دىمەيمىز ، شۇنداقتىمۇ 20ياشتىن ئاشقان،  ئەقىل كىرگەن بىر ئىنسانغا ئاتا- ئانىغا بولغان مىنەتدارلىق ، ئەجىرىگە ھۆرمەت بوللۇشى كېرەكتى . بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپنى تېخىمۇ ئىسلاھ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا كەلگۈسى جەمىيەت ۋە رىقابەت ئىڭىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇپ ، ئىلىم ئىلىش ۋە ئىشلىتىشتىكى قانۇن تەرەپلەرنى بىر- بىردىن ئۈگۈتىلسىمۇ يەنىلا شۇ قۇبۇل قىلىدىغان كىشىلەر قۇبۇل قىلالامدىكىن دەپ قارايمەن .
ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭلار !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما بەكلا ئەتراپلىق يېزىلغان ھەمدە ئىنكاسلارمۇ ئېسىل چۈشۈپتۇ. ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ خەتلەرنى يازغان بارماقلىرىغا ئاپرىن!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك: كۆپىنچە ياشلىرىمىزدا ئۆز ئالدىغا ئاددىيراق بولسىمۇ بىرەر ئىگىلىك تىكلەش روھى كەمچىل.
ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرسە خىزمەتكە ئېرىشىشنى نىشان قىلىپ ئوقۇيدىغانلار جىق ساننى ئىگىلەيدۇ. يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى ئۆزىنىڭ بىلىمىنى كۈچەيتىدىغان بىر بىلىم ئوقۇلى ھىسابلىماي، كەلگۈسىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ، كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ يوللىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق قىلىۋالغان سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھالى خاراب بولۇۋاتىدۇ.
شۇنچە يىل ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ نېمىگە ئېرىشتىم دەپلا چۈشكۈنلىشىپ بەزىلىرى يامان يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتقان.......
ھازىرقى زامان، نەچچە يىل جاپا تارتىپ ئۈگەنگەن بىلىمىنى ئازراق بولسىمۇ جارى قىلدۇرۇپ بىرەر ئىگىلىك تىكلەشكە تىرىشىدىغان زامان........
كىچىكىنى ياراتماي چوڭى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلمەي گاڭگىراپ ياشاۋاتقان ياشلىرىمىز كاللىسىنى سىلىكىۋېتىپ ياشايدىغان زامان.......
ئاخىرىداpeacelife212قىممەتلىك تېمىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 04:17 , Processed in 0.052722 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش