يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 3

"ئىز" رومانىدىن.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:46:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئىز " رومانىنى ئىلگىرى قاچان ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق ،كىتاب ئىشكاۋىمدىكى كىتابلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ يۈرۈپ ئىز رومانىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،قايتىدىن ۋاراقلىدىم ،ھېس قىلدىمكى بۇ روماندا ماقال -تەمسىللەر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىپتۇ .
قېنى بىر تىزىپ باقاي .....

1.ئەۋلىيادىن پۇتۇڭنى تارت ،پادىشاھدىن تىلىڭنى .
2.خوتۇن خەقنىڭ نالىسى تولا ،ئىش ئۇقماسنىڭ باھانىسى .
3.ئىت سەمىرىسە ئىگىسىنى چىشلەيدۇ ، قۇل سەمىرىسە غوجىسىغا يانىدۇ.
4.سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار ،دۈشمەن ئۇخلىماس .
5.قوغلا -قوغلا گەپ چىقار ،كولا -كولا سۇ چىقار .
6.كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىنى تۇتۇشنى خالىمىسا ،ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىدۇ .
7.كىمكى زالىمغا مەدەت قىلسا ،ئاللا ئۇنى شۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن ھالاك قىلىدۇ .
8.ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا .
9.ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ ،يۈزۈڭگە چۈشۈر .
10.سۇ ئېرىقتا ،گەپ قېلىپتا .
11.كۈندە مىڭ ئۆلۈپ يۈرگەندىن ،دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ بىر ئۆلگەن ياخشى .
12.جاندىن كەچمىگىچە ،جانانغا يەتمەس .
13.باتۇر بىر ئۆلىدۇ ،قورۇققان مىڭ ئۆلىدۇ .
14.شەرىئەت ئىزلىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى ، تەرىقەت ئىزلىسەڭ ئاغرىتما جاننى .
15.ئاتنىڭ چىرايلىقى تورۇق ،قىزنىڭ چىرايلىقى ئورۇق .
16.سۇ كەلمەستە ،توغان تۇت .
17.بىرى جەڭ ،توققۇزى رەڭ .
18.قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا .
19.باي باينىڭ قاياشى ،گاداي گاداينىڭ .
20.ئاقىۋىتى يامان بولغان پادىشاھدىن ،ئاقىۋېتى ياخشى بولغان گاداي ياخشى .
21.ئاي تۈندە كېرەك ،ئەقىل كۈندە .
22.تۈگۈمەيدىغان ئىش يوق ،قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق .
23.يېغا ياندىن ،بالا قازا قېرىنداشتىن .
24.ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا ،ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە .
25.گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ .
26.مەرتنى مەيداندا سىنا .
27.دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشكەندىن ،ئارىسلاندەك ئېلىشىپ ئۆلگەن ياخشى .
28.ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ،ئۇنىڭ ئېتىمۇ يۈگۈرەلمەيدۇ .
29.پادىشاھلىق ئەل بىلەن ،تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن .
30.ئاتا مېھرىبان بولسا ،بالا ۋاپادار بولىدۇ .
31.ھەر كىشى ئۆز غېمىدە ،قېرى قىز ئەر غېمىدە .
32.قۇلۇڭ ياغ بولسا ،ئېتىگىڭگە سۈركە .
33.قۇشمۇ دانسىز ئۇچالمايدۇ ،قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرالمايدۇ .
34.بىر قولۇڭ ئوتتا بولسا ،بىر قولۇڭ سۇدا بولسۇن .
35.ئورمانلاردا شىرلارنىڭ ،باغچىلاردا يىلانلارنىڭ بولۇشىدىن ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق .
36.ناز قىزغا يارىشار ،غاز كۆلگە .
37.قىشنىڭ يازى بار ،كۆلنىڭ غازى بار ،توينىڭ سازى بار .
38.جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا .
39.گۈل بار يەردە تىكەن بار ،زەر بار يەردە يىلان بار .
40.ئالدىماققا بالا ياخشى ،خۇدا ئۇرسۇن قاقباشتىن .

مەنبە :"ئىز" رومانىدىن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2150

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر نازىنىن!
ئەمدى يۇقۇرقىغا ئوخشىمايدىغان ماقال-تەمسىلنى ئۇچىراتقان دوستلار بولسا داۋامىغا يوللاپ تۇرايلى!

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"چالا تەگكەن ئوق" نىمۇ قىزىقچىلىك قىلىپ "چالا توپلانغان ماقال-تەمسىللەر توپلىمى" دەۋاتقان سامسا ئالغىلى كەلگەن بىرى....
  ئارىلىقتا بازاردا بىر خوتۇن بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ گەپ تالىشىدىغان يېرى بار ئىمىش... ئالامەت دەيدۇ... ھەر بىر ئېغىز گېپىدە بىردىن ماقال - تەمسىل...
...........
ئەر كۆركى ساقال،
سۆز كۆركى ماقال.
...
"قولۇڭ ياغ بولسا ئېتىگىڭگە سۈركە"..... بۇ سەل گۇمانلىق جۇما.... مەن ئۆتۈگۈمگە سۈركەيمەن ئادەتتە...

[ سامسىپەز بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:00  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 00:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل  قوزغالسا  تەخىت  قوزغىلار !
خەلق ياندۇرغان چىراقنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر .
ئۆزۇڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن ، يۇرتۇڭ ئۈچۈن كۆيەرسەن .
يۇرتقا  پاتمىغان جاھانغا پاتماس .
ئەل ئۈچۈن  چەكسەڭ  جاپا  ، ئەل سېنى قىلماس خاپا.
ئەقىللىق  ئۆزىنى ئەيىپلەر ، ئەقىلسىز  ئۆزگىنى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:53 , Processed in 0.150976 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش