يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 3052|ئىنكاس: 2

«مىسىر تەۋرىسە، ئىسرائىلىيە تىترەيدۇ» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«مىسىر تەۋرىسە، ئىسرائىلىيە تىترەيدۇ»



          تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.02.2011) خەۋىرى:
          ئىسرائىلىيە مىسىردىكى نامايىشلارنى ئەندىشە ئىچىدە كۈزەتمەكتە
          بىر تەرەپتە مىسىردىكى مەۋجۇت تۈزۈمنى داۋالغۇتىۋەتكەن نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە كۆزلەر باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشمەكتە.
          مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە قوشنا دۆلەتلەردە كۆرۈلىۋاتقان ئىچكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەسكىرى مۇۋازىنەتلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
          مىسىردا پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك تۈزۈمىگە قارشى ئىسيانلار بارغانچە زورايماقتا. رايوندىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
          مىسىردىكى ۋەقەلەر ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.
          ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ، مىسىردىكى پاجىئەنىڭ نەتىجىسىدە بىر رادىكال تۈزۈمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
          مىسىردىكى ۋەقەلەرنىڭ رادىكال گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستىمال قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان نېتانياھۇ، بۇنىڭ ئىراندىمۇ باشقا يەرلەردىمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
          ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Guardian» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى مىسىرنىڭ ئىككىنچى بىر ئىران بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئەندىشىسى ئىچىدە كۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «مىسىر تەۋرىسە، ئىسرائىلىيە تىترەيدۇ» دەپ ئانالىز قىلدى.
          كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە، تۇنىس ۋە ئارقىدىن مىسىرغا كېڭەيگەن قوزغىلاڭلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەسكىرى مۇۋازىنەتلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.
          ئىسرائىلىيەنىڭ قارىشىچە، قوشنا دۆلەتتە مەيدانغا كەلگەن ئىچكى قالايمىقانچىلىق 1979-يىلىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان مىسىر –ئىسرائىلىيە چېگراسىنىمۇ خەۋپكە ئىتتىرىدىكەن.
          شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرمەكتە ۋە غەززەنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان تۇنېللارنىڭ تەكشۈرگىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىغا قارشى تەييار تۇرۇشقا تىرىشماقتا.
          باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن پەرقلىق تەرىپى مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بار.
          مىسىر ھەم پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك قىلماقتا ھەم كونترول قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھاماسقا ئوخشاش ئىسرائىلىيەگە قارشى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىدى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=368
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان غەۋغالىرى.......

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:38:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسرائىليەنىڭ ئەنسىرشى ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ، چۇنكى مىسىر خەلىقئارالىق سەھنىلەردە ئانچە ئۆزىنى كۆرسەتمىسىمۇ ، يەنىلا شەرىق ئىسلام ئەللىرىدىكى كۆچلۈك دۇلەتلەر قاتارىدا تۇرىدۇ .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:46 , Processed in 0.043495 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش