يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 609|ئىنكاس: 2

باھالاشقا سىزمۇ قاتنىشىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 00:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاھالىلەر كومتىتى ئۆز تەۋەلىگىدىكى ئەڭ مۇھەببەتلىك ئەر-خۇتۇننى سايلاپ چىقماقچى بوپتۇ. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋە سايلام ئارقىلىق ئاخىرى ئۈچ جۇپ ئەر -خۇتۇن نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ .ۋە ئۇلار جۈپ-جۈپ بۇلۇشۇپ ،ئاھالىلار كومتىتى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا باھالاشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشۇپتۇ . باھالىغۇچىلار ئالدى بىلەن بىرىنجى جۈپ ئەر -خۇتۇننى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ.
ئايال ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا:‹‹مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى پالەچ بۇلۇپ يېتىپ قالغان ئىدىم ، دوختۇر مىنىڭ قايتا مېڭىش ئىمكانىيتىمنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىنى ئېيىتقان ئەمما ئېىرىم مىنى ئىزچىل ئۈمۈت بىلەن ياشاشقا ،ھەتتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى ھەمدە مىنى داۋالىتىشنى بىر مىنۇتمۇ بۇشاشتۇرمىدى.ئېرىمنىڭ چەكسىز غەمخورلىغى بىلەن مەن ئاخىرى ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ››دەپتۇ.باھالىغۇچىلار بۇ ھىكايىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ. ئىككىنجى جۈپ ئەر-خۇتۇن ئىشخانىغا كىرىپ ،ئۆزلىرىنىڭ توي قىلغان 10يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن قىزىرىشىپ سۇقۇشۇپ باقمىغانلىغىنى ،ھەتتا تاكاللىشىپمۇ باقمىغانلىغىنى ،ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئىناق-ئىجىل ئۆتكەنلىگىنى ئېيتىپتۇ .باھالىغۇچىلار ئىختىيارسىز باشلىرىنى لىڭشىتىپتۇ.
نۆۋەت 3-جۈپ ئەر خۇتۇنغا كەلگەندە باھالىغۇچىلار ئۇلارنى خېلى ئۇزۇن ساقلىسىمۇ كىرمەپتۇ.ئەسلىدە ئەر بېشىنى ئايالىنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغانىكەن .باھالىغۇچىلاردىن بىرى چىقىپ ،ئەرنى ئويغاتماقچى بوپتىكەن ،ئايال سومكىسىدىن قەغەز-قەلەم ئېلىپ ،سول قۇلىدا ئىھتىيات بىلەن :‹‹ئويغاتماڭ،ئېرىم ئاخشام ياخشى ئۇخلىيالمىغان››دىگەن سۆزنى يېزىپ باھالىغۇچىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپتۇ. ھېلىقى باھالىغۇچى:‹‹باھالىغۇچىلار سىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ،ئەگەر ئېرىڭىز ئويغانمىسا ،بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە تەسىر يىتىدۇ ››دەپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئايال يەنە سول قۇلى بىلەن قەغەزگە ئەگرى-بۈگرى قىلىپ ‹‹ئۇنداق بولسا بىز باھالاشقا قاتناشمايمىز، ھازىر مەن ئۈچۈن ئېرىمنىڭ قېنىپ ئۇخلىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم››دىگەن خەتنى يېزىپ باھالىغۇچىغا بىرىپتۇ. باھالىغۇچىلار خەتنى كۈرۈپ چۈچۈشۈپ كىتىپتۇ. ئارىدىن بىر سائەت ئۈتۈپ ئەر ئويغۇنۇپتۇ،ئايالىنىڭ بايىدىن بىرى تېلىپ،قېتىپ قالغان ئوڭ قۇلىمۇ ئاخىرى ھەركەتكە كەپتۇ ،ئايال سومكىسىدىن قەغەز ئېلىپ ئېرىنىڭ يۈزىدىكى تەرنى سۈرۈتمەكچى بولغاندا قۇلىدىكى قەغەز يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ،ئېرى ھەم ئەجەپلەنگەن،ھەم كۈيۈنگەن ھالدا، ئايالىدىن نىمە بولغانلىغىنى سۇراپتۇ، ئايالى بولسا كۈلۈپ تۇرۇپ:‹‹ھىچنىمە بولمىدى››دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ،بىر باھالىغۇچى بۇ بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ ئىشلىرىغا چىداپ تۇرامماي ئەرنى ئىشخانىغا چاقىرىپ ئەكىرىپ كىتىپتۇ،ئەنە شۇندىلا ئايال ئوڭ مۈرىسىنى كۈچەپ ئۇۋىلاپتۇ ھەم بىر چەتتە ئۈزىگە تەئەججەپلىنىپ بايىقى باھالىغۇچىلارغا قاراپ :‹‹ماڭا ھىچ ئىش بولمىدى، پەقەت قۇلۇم ئازراق ئۇيۇشۇپ قاپتۇ بىر ئازدىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ››دەپتۇ.
ئەر ئىشخانىغا كىرگەندىن كىيىن باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇنچىلىك ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتكەنلىگىنى سۇراپتۇ ،ئەر بولسا سەل خىجىل بولغان ھالدا :‹‹ئاخشام يېرىم كىچىدە،پاشىنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم ،قارىسام دەرىزىنىڭ پاشىلىغى ئېچىلىپ قاپتىكەن، ئۆيگە بىر نەچچە تال پاشا كىرىۋاپتۇ،چىراغنى ياندۇرۇپ پاشىلارنى ھەيدەپ چىقىرايمۇ،ياكى ئۆلتۈرۈپ پاشىلىقنى ئىتىۋىتەيمۇ دەپ ئويلۇدۇم لىكىن چىراغنى ياندۇرسام ياكى پاشىلارنى قوغلاپ يۈرسەم ئايالىمنىڭ ئويغۇنۇپ كىتىشىدىن ۋە پاشىلارنىڭ ئايالىمنى چېقىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ كىچىچە پاشا قورۇپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم››دەپتۇ،
باھالاش كومتىتى ئاخىرىدا ،مۇسابىقىگە يەنە ئىككى خىل مۇكاپات تۈرىنى تەسىس قىپتۇ،يەنى:1-جۈپ ئەر-خۇتۇنغا ‹‹قىيىنچىلىقنى تەڭ يەڭگەن ئەر-خۇتۇن››دىگەن نامنى ،2-جۈپ ئەر-خۇتۇنغا ‹‹ئىناق ئەر-خۇتۇن ››دىگەن نامنى بىرىپتۇ، ‹‹ھەقىقى مۇھەببەتلىك ئەر-خۇتۇن››دىگەن نامنى بولسا 3-جۈپ ئەر-خۇتۇنغا بىرىپتۇ. نىكاھ ئەسلىدىنلا ئاددى بۇلىدۇ،ئۇ ئەڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىن تۈزۈلگەن، ئەر-خۇتۇن ئىككى تەرەپ تۇرمۇشتىكى ئەڭ كىچىك ئىشلارغىچە ئۆزلىرىنىڭ چىن مۇھەببىتىنى سىڭدۈرسىلا ،كۈڭۈللىك ھەم مۇكەممەل نىكاھقا ئىرشەلەيدۇ.
‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››دىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتكۈچى مۇھىم ئامىللارنىڭ برى، ئاللاھتىن ھەممە ئەر-ئاياللارنىڭ يۇقۇرقى ئەر-ئاياللاردەك مەڭگۈ ئىناق، ئىجىل، كۆيۈمچان بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇشىنى تىلەيمەن، ئەلۋەتتە ئۆزۈممۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە جۇمۇ

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:17:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يازمىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان ۋاقتىمدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئالدىمدا ئولتۇرغان چاچلىرى ئاقارغان، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان ئاپام-دادامغا قاراپ، ھازىرقى ياشلاردا نىمىشقا مۇشۇنداق مېھرىبانلىق، كۆيىنىش، ئەپۇچانلىق ۋە چىدامچانلىق كەمچىلدۇ؟ نىمىشقا مۇشۇلاردەك بىر ئۆمۈر ئىجىل- ئىناق ئۆتۈشكە ئىشەنچ قىلالمايدىغاندىمىز، ھە دىسە ئەندىشە، ھەي....بۇ تۇرمۇشلاردا ئىشەنچ قالمىدى، كىم بىلىدۇ بىزمۇ قاچان باشقىلاردەك ئاجرىشىمىز دەپ سۆرىشىپ يۈرىيمىز دەپ تۇرمۇشقا ئۈمىدسىز قارشلىرىچۇ ؟؟؟؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:19 , Processed in 0.042866 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش