يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 681|ئىنكاس: 9

دوستلاردىن سەمىمىي مەسلىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:59:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يەتتە قىزلىرىم تور بېتىدىكى بارلىق ئەزالار،ياخشىمۇسىزلەر! مەن تۇنجى قېتىم بۇ مۇنازىرە تور بېتىگە تېما يوللاۋاتىمەن.ھەر بىرىڭلارنىڭ دوستانە مۇئامىلىدە بولىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەن يېقىندا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بىلەن خاپىلىشىپ قالدىم،مەسىلە ئۇ ماڭا پەقەت بۇرۇنقىدەك ئىسسىق بىلىنمەيدىغان بولۇپ قالدى،بىر ئىشلارنى مەسلىھەت سالسام ئۆزۈڭ بىل دەپ قاراپ تۇرغىنى تۇرغان.بۇرۇن ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن،لېكىن ھازىرچۇ؟ئۇلارنىڭ بىرىمۇ يوق،بۇنداق دىسەم ئۇ چاغدا ئويلاشماي گەپ قىپتىكەنمەن دەپ جىم بولىۋالىدۇ.پات ئارىدا توي قىلىمىز دەپ يۈرگەندە بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بېرىشى ماڭا بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ،ئىككىمىزنىڭ ئىككى يەردە بولىۋاتقىنىمىز ھەر ئىككىمىزگە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى،مېنىڭمۇ ئارتۇق تەلىپىم يوق،ئاپام ياخشى بولىۋالسىلا مەنمۇ خاتىرجەم ئىدىم،لېكىن كېسىلى ئېغىر بولغاچقا ماڭىمۇ تەس.ئۆزۈم يالغۇز بالا بولغاندىن كېيىن تاشلاپ مېڭىشقا مېنىڭ ۋىجدانىم يول قويمايدۇ.ئۇ ھەممە ئەھۋالنى بىلىدۇ،لېكىن دەيدىغىنى سەن ئاپام دېسەڭ مەن ئاپام دىمەمدىم دىگەن بىرلا ئېغىز گەپ خالاس.لېكىن ئۇلار ئۈچ بالا،مەلۇم بىر مەزگىلگە ئۇنچە دەپ كېتىشمۇ توغرا ئەمەستۇ(ئەلۋەتتە،بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز-قارىشىم).شۇ سەۋەپلىك بەك قىينىلىپ كېتىپ بارىمەن،ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،بۇنىڭدىن تانمايمەن ھەم شۇنداق ئويلايمەن ئەگەر ئۇمۇ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە مېنى چۈشىنىشى،قىيىنچىلىقىمنى يەڭگىللىتىشى كېرەك دەپ.ئەجىبا مەن خاتا قىلىۋاتامدىم؟
كۆپچىلىك بىر كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسا.رەھمەت سىلەرگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق دىسەم بولار ....10 بالا بولسىمۇ ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن مېھرى ئۆزگىچە ، قىز بالا دىگەن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ تۇرسا قانداقلا بولمىسۇن دىلى سۇنۇق بولىدۇ ، ۋاقىتلىق ئىككى يەردە بولساڭلارغۇ ئازراق بەدەل تۆلىسەڭلار ، ۋاقىتلىق بېسىمدىن ئۆتىۋالساڭلارلا بولىدۇ ، ئەمما لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئىككى يەردە تۇرۇپ مۇھەببەتنى داۋام قىلىش سەل تەسمىكىن دەيمەن ، مەنچە كۆرىشىپ ئوبدان پىكىرلىشىپ باقساڭلار بولامىكىن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە سەۋەپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم... دىمەك ئىككىڭلار ئىككى يەردە، سىز ئاپىڭىزغا قاراۋاتىسىز... بارىكاللا، قوللايمەن، لايىقىڭىزنىڭ نىمىشقا بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىدىكى سەۋەپ مۇنداق، سىز ئاپىڭىزغا قارايمەن دەپ كىتىپ قالغان بولغاچقا ئۇ يالغۇز قالغان، بىرسىنى ياخشى كۆرسە شۇنىڭغا تەبى ھالدا كۈنۈپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە بىرمەزگىل ئايرىلىپ تۇرغاندا زىرىكىش، ئىچى پۇشۇش، غېرىپسىنىشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىك ئالامەتلەر يۈز بىرىشكە باشلايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇ سىزگە مۇھتاج بولىدۇ، شۇ چاغدىكى مۇھتاجلىقى تۇيۇنمىسا زىرىكىش تېخىمۇ ئەۋجىگە ئېلىپ گۇمان پەيدا قىلىدۇ ۋە ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يىتىدۇ، ئۇ مىنى ئۇنتۇپ كەتتى، ئۇ مەن بىلەن كارى بولماس بولدى، نىمە قىلساڭ قىلمامسەن دەپ تەبىلا مېھرى سوۋۇش ئالامەتلىرى يۈز بىرىپ قالىدۇ، بەلكىم سىز ئاپىڭىزنى باقىمەن دەپ ئۇنىڭغا تىلفۇننىمۇ ئاز قىلىپ قالغانسىز، شۇڭا يالغۇزچىلىق بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېغىر يۈك، شۇڭا ئۇ كۆڭلىگە تەسەللى ئىزدەشكە باشلايدۇ، شۇڭا بالدۇر ھەل قىلىنمىسا باشقىلار ئارقىلىق كۆڭلىگە تەسەللى ئىزدەشكە باشلايدۇ، بۇ چاغدا سىزگە بولغان مېھرى تۇلۇق ئاخىرلاشقان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭغا پات پات تىلفۇن قىلىپ تۇرىشىڭىز، ھەتتا بۇرۇنقىدەك بىللە بولۇپ تۇرىشىڭىز كىرەك ئىدى، ئۇنىڭ<سەن ئاپام دىسەڭ مەن ئاپام دىمەمدىم> دىگەن سۆزىدىن كۈرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ سىز يوق زىرىكىپ كەتكەن، دىمەك شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ كۆڭلى سىزگە مۇھتاج ئىدى، لىكىن كۈرۈشمىگەن ۋاقىت ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا كىرەك مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندىكىن. شۇڭا ئىشنىڭ مەن دىگەندەك ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىشىڭىز كىرەك. لىكىن سىزگە بۇنداق پۇرسەت يوق بىر مەزگىل، چۈنكى سىز يالغۇز بالا، ئاپىڭىزغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ، شۇڭا ئاپىڭىزنىڭ قېشىدىنمۇ ئايرىلماسلىقىڭىز كىرەك، ئەسلى لايىقىڭىز سىزنى چۈشەنسە بولاتتى،  ئاپىڭىزنىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ۋاپاسىز ئاتالغان بولىسىز ھەمدە ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەس. دۇنيادىكى ھەرقانداق مۇھەببەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇھەببەت شۇدۇركى ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر، شۇڭا سىز پەرزەنتلىك بۇرچىڭىزدىن باش تارتماڭ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزدىن ئاپىڭىزغا بولغان مۇھەببەت ئۈستۈن بولسۇن، مەيلى قانداق قۇربانلىق بىرىشىڭىزدىن قەتتى نەزەر ئاپىڭىزنى بېقىڭ، مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، شۇندىلا ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق بەرگۈسى، ھىچ شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندە قىلالمايدىغان ئىشنى بۇيرىمايدۇ، بەندىگە تەس ئىش ئاللاھقا ئاسان، شۇڭا سىز ئاۋال ئاللاھقا ،ئاندىن قالسا ئاپىڭىزغا مۇھەببەت باغلاڭ، لايىقىڭىزغا بولغان مۇھەببەت يۇقارقى ئىككى زاتقا بولغان مۇھەببەتتىن ئۈستۈن بىلىپ قالسىڭىز ئاللاھ ئالدىدا ئاسىي بولىسىز. بىرەسىگە بولغان مۇھەببەت بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئىبادەت خاراكتىرىنى ئېلىپ قېلىپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ، شۇڭا ئاللاھقا سېغىنىپ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەڭ، ئەخمىقانە ئويدا بولماڭ، گەرچە ئۇ سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسىمۇ ئاپىڭىزدىن ئايرىلماڭ، ئىزچىل ئاللاھقا سېغىنىڭ، باسقان يولىڭىز ھەردەم توغرا بولسۇن،يەنى ئاللاھ يولى بولسۇن. شۇندىلا تەبى ھالدا يىنىكلەپ قالغاندەك بولىسىز، ئاللاھ سىزگە بەخىت ئاتا قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئەڭ مېھرىبان ،شەپقەتلىكتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنى بالىلىرى،ماللىرى ۋە قېرىنداشلىرى يېقىنلىرىنى ئايرىۋىتىش ،ئېغىر مۈشكۈلات سېلىش ئارقىلىق سىنايدۇ، ئەمما قىلالمايدىغان ئىش بۇيرىمايدۇ، بۇنىڭغا سەۋىر قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ كاتتا ئىنئامىغا ئىرىشكۈسى... لايىقىڭىزغا تىلفۇن قىلىپ تۇرۇڭ، لىكىن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ئىككى دۇنيالىق ساۋاپ ئىش ، ئەقىل بىرلە ئىش قىلىڭ قېرىندىشىم... ئاللاھ سىزگە مەدەت بەرسۇن ئىلاھىم... !

سەرسان روھ ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ!

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەسىگە بولغان مۇھەببەت چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئىبادەت خاراكتىرىنى ئېلىپ قالىدۇ دىگىنىم شۇدۇركى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىز بەك ئۈستۈن بولۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلسىڭىز چىدىيالماي تۈگىشىپ كىتىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىش، لايىقىڭىز ياقتۇرغان ئىشنى لايىقىڭىز ئۈچۈنلا قىلىش، ھەمدە لايىقىڭىز ئۈچۈن بىرە ئىشتىن قول ئۈزۈش، ئۇنى بارلىقىڭىز دەپ بىلىش بۇ ئىبادەت خاراكتىرىنى ئېلىپ قالىدۇ، بەندە ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئاللاھ تەرەپتىن بىرىلگەن مېھىر مۇھەببەتتۇر، بۇ ئۆز لايىقىدا بولىشى كىرەك، يەنى ئۇنى ھاياتىڭىزنىڭ بىرقىسمى دەپلا بىلىشىڭىز، ئۇنىڭ ياخشى كۈرىشىڭىز ،ئەمما ئاللاھ بەرگەن ئوت بىلەن ھاسىل بولغان جۈپتى ھەمرا مۇناسىۋىتى دەپ بىلىپ ياخشى كۆرىشىڭىز، بىرە ئىش قىلغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپ قىلماسلىقىڭىز كىرەك، بۇ ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى دۇنياۋى مۇھەببەت، يەنى ئاللاھ بەرگەن ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى شەپقەت مۇناسىۋىتىدۇر، شۇڭا دۇنياۋى مۇھەببەت بىلەن ئىلاھى مۇھەببەتنى توغرا ئايرىڭ، يەنى ئىلاھى مۇھەببەت دىگىنىمىز بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىدۇر، ئاللاھنى ئۇلۇغ بىلىپ،ھەق ئىلاھ بىلىپ ،ھەتتا جېنىدىنمۇ كىچەلەيدىغان ،سېغىنىپ ئاللاھ بۇيرىغان ئىشنى بىجاندىل قىلالايدىغان بولۇش كىرەك. شۇڭا ئىبادىتىمىزنى قىلىش لايىق بولغان زات ئاللاھتۇر. دۇنياۋى مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىش ھارام، ئايرىلسا سەۋىر قىلغۇلۇق، ئاللاھقا ئاسى بولىدىغان ئىشنى قىلمىغۇلۇق، ئاللاھ بەندىنى جۈپتى بىلەن ياراتقان، بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، دۇنياۋى مۇھەببەت ئىلاھى مۇھەببەتكە يەتمەيدۇ، ئىلاھى مۇھەببەت ئاللاھقا سېغىنىپ ئۆزىمىزنى ئاللاھنىڭ قۇلى دەپ بىلىشتىن ئىبارەت. دۇنياۋى مۇھەببەت بولسا ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى جۈپتى ھەمرا مۇناسىۋىتى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نىئمىتىدۇر...

سەرسان روھ ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەبنەمنىڭ مۇنبەرگە كىرگەن قەدىمىگە مەرھابا! قارشى ئالىمىز!
سەرسان روھقا بارىكاللا! ئىنكاسنى بەك تەپسىلىي يېزىپسىز.
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى مۇشۇنداق ئەتراپلىق، ئورۇنلۇق يېزىلغان ئىنكاس، تېمىلار بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدىكى سىرداشقۇسى، مۇڭدىشى بولۇپ قالغۇسى!
يىگىتىڭىز سىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قالغاچقا «كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق» دەپ ۋاقىتلىق تەمتىرىگەن ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى چىن قەلبىڭىزدىن ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن تەسەللىي بېرىڭ، ئامال بولۇپ قالسا ئانار ئېيىتقاندەك يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىۋېتىڭلار. سىز يىراقتا ئىكەنسىز، تېلېفوندا بۇنداق ئىشلارنى سۆزلىشىپ ھەل قىلىش قىيىنغا توختارمىكىن؟!
بۇنداق ئەھۋال بەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە ئاراڭلارغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالىدۇ. كېيىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلمىقىڭىز تەس بولىدۇ. پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
سىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشىڭىزنى، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت قەلبىنى يارا قىلغان بىر قىزنىڭ سىزگە توغرا پىكىر بىرەلىشى ناتايىن،ئەمما شۇندىمۇ
سىزگە بىلگىنىمچە سۆزلىگىم بار،يۈرىكىڭىزنىڭ ئىككى ئوتتۇرلىقتا ئىزتىراپ چىكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .يىگىت سىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار،ئەمما سىزگە نىسبەتەن يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ...بەلكىم ئۇنىڭمۇشۇنداق قىلغۇسى يوقتۇ؟مەلۇم بىرسەۋەبلەرئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقاندۇ؟شۇڭا سىز ئۇنىڭدىن ئاغرىنماي ئەكسىچە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بىقىڭ،ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۇركىلىشنى ئازايتىڭ،سۆركىلىشلەر كۆپەيگەنسىرى مۇھەببەتمۇ بارا-بارا سۇسلىشىدۇ...چىن مۇھەببەتنى ،كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھنى تاپماق بەكمۇ تەس.ھەممە ئىنساندا يۈرەك بولىدۇ،بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان سۆيگىڭىز چىن ھەم سەمىمىي بولسا ئۇنى تەسىرلەندۈرەلىشىڭىز ،ئۇمۇسىزگە ھىسداشلىق قىلىشى مۇمكىن..
سىزگە بەخت ياربولسۇن....

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگىڭىز چىن ھەم سەمىمىي بولسا ئۇنى تەسىرلەندۈرەلىشىڭىز ،ئۇمۇسىزگە ھىسداشلىق قىلىشى مۇمكىن..
سىزگە بەخت ياربولسۇن....

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر دۇنيادا ھەقىقى مۇھابەت باردىسەك ئۇ-دەل ئانىنىڭ  بالىغا بولغان مۇھابىتىدۇر .....
ئەقلىڭىز ھىسياتىڭىزدىن غالىپ كەلسۇن !!!!!
.ۋازكىچىش بىرخىل ئرىشىشتۇر  .
ئەگەر بۇ سويگۇ سىزگەبۇيرۇلمىغان بولسا ،مەلۇم سەۋەپ بىلەن ئرىشكەن بولسىڭىزمۇ ھامان
بىر كۇنى ئۇ يە نىلا سىزگە ئازاپ ئەكىلىدۇ  .
سىزگە بەخت ياربولسۇن....

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:19:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا بىرلا ئىغىز سۆز "سىز بىلەن ئايرىلىپ كىتىمەن ،توي قىلمايمەن"دەڭ شۇندىلا ھەممە ئىشىڭىز توغرا بولغان بۇلىدۇ،ياخشى كۆرىمەن دەيسىز ،ئەتراپىڭىزدا ئۇنىڭدىنمۇ مۇنەۋەر يىگىتلەر بارغۇ ،ئەستايدىل ئويلىنىپ كۆرۇڭ ،تىزدىن ئايرىلىڭ ،شۇندىلا ئۆزىڭىزنى بەختلىك بۇلالايسىز .

Rank: 1

توردا
12 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلىپ بىز مەزگىلدىن كېيىن ، دادامنىڭ ئانىسى يەنى چوڭ ئاپامغا يولدىشىمنى <<زارلاپ>> بەردىم .<<  ئاتا- ئانىسىغا شۇنچىلىك كۆيىنىدىكى ئىشقىلىپ .... >> . چوڭئاپام ئاڭلاپ بولۇپ : <<   تەلەيلىككەنسەن  بالام ،بەختىڭ ئوڭكەن ،   ئانىسىغا كۆيۈنىشنى بىلگەن ئىكەن چوقۇم ساڭىمۇ كۆيىنىدۇ .  >> دېگەنتى . دېمىسىمۇ راستكەن . مانا ئىككى  بالىنىڭ ئانىسى بولدۇم ، يولدۇشۇم ئائىلىگىمۇ، ماڭىمۇ ، بولۇپمۇ بالىلارغا بەك مېھرىبان، مەسئۇلىيەتچان .
يۇقۇرىدىكى تورداشلار ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ بوپتۇ . سىلەرگە بەخت يار بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:07 , Processed in 0.045769 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش