دۇنيا گويا بىر سىنىپقا ئوخشايدۇ ،ئامېرىكا سىنىپ باشلىقى
1. ئامېرىكا
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى ؛سىنىپ باشلىقى ،ئائىلىسىدە پۇلى كۆپ ،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەن قۇرلىشى ناھايتى قاۋۇل ،ئۇگىنىش نەتىنجىسى ئىزچىل ياخشى بولسىمۇ ئەمما سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىتتتىپاقى ناچار،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۇرۇيدۇ،ئىش قىلىشتا يولسىز ،زومىنگەر ،ساۋاقداشلىرىنى بوزەك قىلىشقا ئامراق ،ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىشكە جۇرئەت قىلالمايدۇ،مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس.
2. روسىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپسى ؛مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى ،ئوگىنىش نەتىنجىسى ياخشى ،سىنىپتىكى تېرىتورىيە ئورنى ئەڭ چوڭ،ئالدىنقى مەۋسۇمدە سىنىپتا پەقەت سىنىپ باشلىقى بىلەن ئۇرۇشقان ،كىيىن ئائىلىسىدە ئىش چىقىپ ،ئائىلە ئەزالىرى ئوي ئارىغان ،ھازىر ئىش قىلىشتا ناھايتى پاسسىپ پۇزۇتسىيدە ،بىراق سىنىپتا بەلگىلىك تەسرى كۈچىگە ئىگە.
3. ئەنگىلىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى ؛ئۇگىنىش ھەيئىتى ،ئۇگىنىش نەتىنجىسى ياخشى ،ئائىلىسىنىڭ ئىقسادى ياخشى ،تۇرمۇشى باياشات،سىنىپ باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئامراق ،ئۆزىگە مۇستەقىل كۆز قارشى يوق ،بارلىق ئىشتا سىنىپ باشلىقىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ،ئالدىنقى ۋاقىتلاردا سىنىپ باشلىقىنىڭ كۈچكۇرتىشى ئارقىسىدا ساۋاقدىشى ئىراق بىلەن سۇقۇشۇش پائالىيتىگە قاتناشقان .
4. شىۋىتسىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى ؛ گۇزەل-سەنئەت پەن ۋەكىلى ،سىنىپنى بىزەشكە ھىرىسمەن ،ئۇگىنىش نەتىنجىسى ياخشى ،باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ،پۇزۇتسىيسى سەمىمى ،ئىچ مىجەز.
5. ئارگېنتىنا
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى ؛تەنتەربىيە پەن ۋەكىلىنىڭ پارتىدىشى ،ئۇزاق بولمىغان ۋاقىتتا ئۇگىنىش ھەيئىتى بىلەن ئۇرۇشۇپ يېڭىلگەن ،ھەر قېتىملىق تەنتەربىيە دەرىسىدە ،ئۇگىنىش ھەيئىتى بىلەن ئۇستۇنلۇك تالىشىدۇ.
6. ئافىغانىسىتان
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى يوق ،ئوگىنىش نەتىنجىسى ۋە شارائىتى ناچار،بەدەن تۇزلىشى ئۇرۇق ،پاكار،ئالدىنقى مەۋسۇمدا مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقىدىن تاياق يىگەن ،سىنىپ باشلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك يۇزىسىدىن داۋالىنىش پۇلىسىنى ئاتچوت قىلىپ بەرگەن،ئوتكەن كۇنلەردە سىنىپ باشلىقىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىككى ئەڭ ئىگىىز ئائىلە سايمانلىرىنى پاچاقلىۋەتتى دەپ قارىلىپ ،سىنىپ باشلىقى تەرپىدىن دەككىسىنى يەپ يېرىم ئۇلۇك ھالەتكە سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇدۇ.
7. ئىراق
سىنىپتىكى ۋەزىپسى يوق ،ئوگىنىش نەتىنجسى ناچار ،تىرىشمايدۇ،ھالى بەك چوك ،ئالدىنقى مەۋسۇمدە سىنىپتا دەرىجىسى توتىنچى ئىدى ،ئاغزى يۇمشاق بولمىغاچ پارتىدىشىنى دائىم بوزەك قىىلغاچقا،ئالدىنقى مەۋسۇمدە سىنىپتا سىنىپ باشلىقى باشچىلىقىدا ئوپچە تاياقنى يىگەن.
8. كۇۋەئىت
سىنىپتىكى ۋەزىپسى يوق ،ئىراقنىڭ پارتىدىشى ،ئىلگىرى پارتىدىشى تەرپىدىن بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغاچقا ،سىنىپ باشلىقى تەرپىدىن ياردەمگە ئىرىشىپ ھال كۇنى ئەسلىگە كىلىپ تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا يۇزلەنگەن.
9. مىسىر
سىنىىپتىكى ۋەزىپسى ؛ تارىخ پەن ۋەكىلى ،ئۇگىنىش نەتىنجسى ئادەتكىدەك ،ئائىلىسىدە فىرامىدا بولغاچ ،سىنىپ مەمۇرىيتى تەرپىدىن ئىزچىل ھالدا تارىخ پەن ۋىكىللىك خىزمىتىنى ئۇتەپ كەلمەكتە ،
10. ئىران
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى يوق ،ئۇگىنىش نەتىنجىسى ياخشى ئەمەس ،دائىم سىنىپ باشلىقى بىلەن تاكاللىشىپلا يۇرۇيدۇ ،يېقىنقى كۇنلەردە بۇ زىددىيەت بەك كەسكىنلەشتى ،بۇئەھۋال سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ.ئائىلىسىدە يېقىندا يەرتەۋرەپ كەتتى ،سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئاكتىپ ھالدا پۇل يىغىپ ئىنسانپەرۋەرلىك كوڭلىنى بىلدۇردى .
11. ھىندىستان
كومپىيۇتېر ئويناشقا ئامراق ،شۇڭا سىنىپتىكى ۋەزىپىسى ئۇچۇر-تېخنىكا پەن ۋەكىلى ،دائىم پارتىدىشى پاكىسىتان بىلەن جوزا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۇرۇيدۇ.
12. پاكىسىتان
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى يوق ،بەدەن ساپاسى ئۇرۇقراق ،ھىندىسىتاننىڭ پارتىدىشى ،سىنىپتا ئىتتىپاق شۇجىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ،شۇڭلاشقا تۇرۇپ-تۇرۇپلا پارتىشى ھىندىستان بىلەن ئۇستۇنلۇك تالىشىپ قۇيىدۇ.
13. ئاۋىسىتىرالىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپسى يوق ،ئۇگىنىشى يامان ئەمەس، سىنىپتا ئۇگىنىش ھەيئىتىنى ئاكا دەپ ئادەتلەنگەن ،مۇستەقىل مەيدانى يوق ،ئۇگىنىش ھەيئىتى بىر دىسە ئۇ ئىككى دىيەلمەيدۇ.
14. ئىسرائىلىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى يوق ، ئۇگىنىش نەتىنجىسى يامان ئەمەس،بىراق پارتىدىشى پەلەستىننى كۆرسىلا كۆڭلى بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ،پات-پات ئۆز-ئارا سۇقۇشۇپ قۇيىدۇ.
15. پەلەستىن
سىنىپتىكى ۋەزىپى يوق ،تەن قۇرلىشى ئاجىز،ئاسان زۇكام بۇلۇپ قالىدۇ،ئائىلىسىنىڭ ئارقا كۆرنىشى يوق ،دائىم ئىسىرائىلىيە بىلەن ئۇرۇشقاندا دەككىسىنى يەپ يۇرۇيدۇ.
16. گېرمانىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپسى ئەمگەك-تېخنىكا پەن ۋەكىلى ،ئۇگىنىشتە ئىزچىل تىرىشچان ،جاپادىن قورقمايدۇ،ئالدىنقى مەۋسۇمدە ئىككى قېتىم ساۋاقداشلىرى بىلەن قاتتىق سۇقۇشقان ،بىراق سىنىپ باشلىقىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئۇگىنىش ھەيئىتىنىڭ ئارقىسىدا قالغان .
17. ياپۇنىيە
سىنىپتىكى ۋەزىپىسى يوق ،ئۇگىنىش نەتىنجىسى ياخشى ،سىياسى ساپاسى بىر قەدەر ئارقىدا ،ئالدىنقى مەۋسۇمدە باشقىلارنى بوزەك قىلىپ نەرسىلىرىنى بۇلىغانلىقى ئۇچۇن، سىنىپتا ئوپچە تاياققا قالغان ،كۆپ قېتىم پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ ،لىكىن مىجەزى ئوزگەرمىگەن ،سىنىپتا ئىتتىپاق شۇجىسى بىلەن تاماق قاچىسى تالىشىپ قالىدۇ.
18. ۋېتنام
سىنىپتا ۋەزىپسى يوق ،ئۇگىنىشى ناچارراق ،تەن سالامەتلىكىمۇ ياخىشى ئەمەس،ئالدىنقى مەۋسۇمدە سىنىپ باشلىقىدىن تاياق يىگەندە مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى ۋە ئىتتىپاق شۇجسىنىڭ ياردىمىگەئىرىشكەن ،لىكىن ئىتتىپاق شۇجىسىنىڭ ئاچچىقى كەلتۇرۇپ قۇيۇپ قۇرساق كۇپىكىنى كۆپ تارتقان .
19. چاۋشەن
سىنىپتا ۋەزىسى يوق ، ئىتتىپاق شۇجىسىنىڭ پارتىدىشى ،ئۇگىنىشى ياخشى ئەمەس،ئاغزى قاتتىق بولغاچ ،پات-پات سىنىپ باشلىقىنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيىدۇ،شۇڭا سىنىپ باشلىقى نەچچە قېتىم ئۇرماقچى بولغاندا ،يېنىدا ئىتتىپاق شۇجىسى بولغانچا ئۇرۇشقا پېتىنالمىغان .
20. جۇڭگۇ
سىنىپتىكى ۋەزىپسى ؛ ئىتتىپاق شۇجسى ،يەسلىدە ،باشلانغۇچتا ئۇقۇغان چاغدىكى نەتىنجىسى ياخشىى ،بىراق تولۇقسىزنى پۇتتۇرگەندە ،يىتەرلىك ئىقسادى يوق ،سىرىتقا چېنىقىشقا چىقالمىغان ،شۇڭا تەن ساپاسى ئىزچىل باشقا ساۋاقداشلىرىغا يەتمەيدۇ،سىنىپتا ساۋاقداشلىرى ئۇرۇشۇپ قالسا سالا سۇلى قىلىپ ئەپلەشتۇرۇپ قۇيىدۇ،بىراق بۇمەۋسۇمدە ئۇگىنىشتە تىز ئالغا بىسىىپ ،ئونۋىرىسال ساپاسى خىلى ئۇسۇپ قالغان.