يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 622|ئىنكاس: 4

يوقاپ كەتكەن قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدە بىرسىنىڭ بالىسىنىڭ ئات توي مەرىكىسىگە باردىم. بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن توي-تۆكۈن بولسا ئاندىن بىر يەرگە جەم بولالايمىز. ھەممىىمىز تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، ئايدا بىرمۇ كۆرۈشەلمەيمىز.
بۇ ئات توي مەرىكىسىگە نەۋرە ھەدە-سىڭىللىرىم، ئاكا-ئىنىلىرىم ھەممىسى يېغىلغانىدى. قىزلار بىر ئۆيگە كىرىپ مۇڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوت-كوتراقى مەندە، تولا كوتۇلداپ گەپ بەرمەيلا ئولتۇراتتىم. پاراڭ ئارىلىقىدا نەۋرە ھەدەمنىڭ ئالتە يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئون ئالتە ياشقا كىرگەن قېيىن سىڭلىسىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. بۇ قىز يوقاپ كەتكەندىلا نەۋرە ھەدەمدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ھەدەمنىڭ دېيىشىچە بۇ قىز يوقاپ كەتكەن شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدە دەرس ئالغىلى چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن. ئۆيىدىكىلەر كەچ بولغىچە ساقلاپ باققان، كېيىن ئەنسىرەپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچيەردىن تاپالمىغان. بىرەر ئايغىچە خەۋرى بولۇپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ساقلاپ باققان بولسىمۇ تېپىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاكىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئىزدىگەندىن كېيىن يەنىلا يىپ ئۇچى تاپالماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كىرىپ قايتىپ چىققانىكەن.
ھەدەم دەيدۇ: قېيىنئانامنىڭ تۆت ئوغۇل، مۇشۇ بىر تاللا قىزى بار ئىدى. «ئەتىۋارلىغانغا كۆز تەگسۇن» دېگەندەك بۇ سىڭلىم يوقاپلا كەتتى. ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى. پەقەتلا خەۋرىنى ئالالمىدۇق. ئاخىرى مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىققا تەن بېرىپ ئولتۇردۇق. بىرى بۇ سىڭلىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسا، بۇ نىيىتى يامانلار سىڭلىمغا پەسكەشلىك قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرىۋەتكەن. شۇڭا سىڭلىم ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. يەنە بىرى قىزلارنى ئېلىپ-ساتىدىغانلار ئېلىپ قاچقان. چۈنكى بۇ قىز بەكلا چىرايلىقتى. قېيىنسىڭلىم يوقاپ كېتىپ تۆت يىلدىن كېيىن بىر يەردىن خەۋرى كەلدى. سىڭلىمنى شۇ يەردە بار ئىكەن دىگەن خەۋەر كەلگەن ھامان ئاكىلىرى يولغا چىقتى. كۇچارنىڭ بىر يېرىدە قىزلارنى يىغىۋالغان (پاھىشخانا) بار ئىكەن، ئىككى ئاكىسى بېرىپ ئۇ يەردىكى قىزلارنى كۆرگەن ھەمدە قېيىنسىڭلىم شۇكەن دەپ قالغان قىزنى كۆرگەن بولسىمۇ، سىڭلىم ئەمەس بولۇپ چىقىپتۇ.
ئادەم سودىگەرلىرى سىڭلىمنى پاھىشخانىلارغا سېتىۋەتكەندىن كېيىن سىڭلىم بىر مەزگىل نەزەربەنىت ئىچىدە بۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ شۇ يەردە تۇرغان، كېيىنچە قېچىشقا پۇرسەت چىقسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىشكە يۈزى چىدىماي ئامالسىز شۇلارنىڭ بۇيرۇقىدا ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. قېيىنئانام يىغلاۋېرىپ كۆزلىرى ئاجىز بولۇپ قالدى، نېرۋىسىمۇ جايىدا ئەمەس. قېيىنئانامغا قارىساملا بىئارام بولۇپ كېتىمەن. شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن قايتىپ كېلىپ قالار، ئەتە كېلىپ قالار دەپ ساقلاۋاتىمىز، كۈتىۋاتىمىز...........
ھەدەم كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا سۆزلىرىنى تۈگەتتى، ھەممىمىز جىمىپلا كەتتۇق، بايىقى كۈلكە-چاخچاقلار ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى.
كۆڭلۈم غەش ھالدا ئۆيگە قايتتىم، ئەجىبا ئەشۇ مەسۇم، سەبىي قىزلاردا گۇناھ بارمۇ؟ ئىپلاس، پەس ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنى بارلىقىنى قۇربان قىلدى، دۇنيادا شۇنداق لەنىتى ئىنسانلار باركى، شۇلارنىڭمۇ قىزلىرى، سىڭىللىرى بار. بۇنداق ئېغىر كۈنلەر سېنىڭمۇ بېشىڭغا ھامان بىر كۈنى كەپ قالىدۇ.
بۇ ھايۋان سۈپەت ئىنسانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش پۇرسىتى بولۇپ قالسىلا، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە بولىدىغۇ؟!
بەلكىم، بىچارە قىزنىڭ قانچىلىك قايتقۇسى باردۇ؟ ئانىسىنى سېغىنغاندۇ؟ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ساقايماس يارىلار، روھىي بېسىملار قايتىپ كېلىشكە يول قويمايۋاتقاندۇ؟.............   


2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىلدى.

جۇلالىق


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ يادىمغا ئەركىن روزى ئاكىنىڭ< قۇتۇلۇش يولى> نامىلىق  كىتابىدىكى ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئادەم بىدىكلىرىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتمىغىچە بۇنداق ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىلەر ئۈزۈلمەيدۇ، ئاللاھ بەندىلەرگە ئىنساپ، ئىمان ئاتا قىلغايسەن!!!

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇشكۇن مەن تېلۋىزۇردا مۇشۇ مەزمۇنغا ئائىت بىر فىلىم كورگەن ،بەك تەسىرلىك ئىكەن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى  كۆرۈپ گۈلباھار  سىدىقىنىڭ "  زامانە  ئاخىرىنىڭ  ئاياللىرى " دىگەن پوۋستى يادىمغا  يەتتى .......شۇنچىلىك  ئىچىم  سېرىلىپ  ، كىتاپ بەتلىرى  پۇرلىشىپ  قالغۇداك  يىغلاپ ئوقىغان ئىدىم  شۇ  بۆلەكلىرىنى .........

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 00:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەھەلدىكى بىر بالمۇ يۇتۈپ كەتكىنگە 11 يىل بولدى ..خەۋرى يوق ، 9 ياش ۋاقتىدا يۈتۈپ كەتكەن ،،،،   ھامان بىر كۈنى ئادەم بىدكلىرمۇ جاجىسنى يەيدۇ ،،،  دۇناينىڭ تارازىسى ئىنق

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:45 , Processed in 0.059343 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش