يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 768|ئىنكاس: 4

نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچرىشىش داۋامىدا

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : سىزنى سۆيىمەن !سىزنى سۆيىمەن ! سىزنى سۆيىمەن !!!
ئالتە ئايدىن كېيىن : مەن ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىمەن !
ئالتە يىلدىن كېيىن : ۋاي خۇدايىم ، سىزنى سۆيمىگەن بولسام ،سىز بىلەن توي قىلىپ ساراڭمىتىم !

ئىشتىن چۈشكەندە

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن: سۆيۈملۈكۈم ،مەن قايتىپ كەلدىم !
ئالتە ئايدىن كېيىن : مەن قايتىپ كەلدىم !
ئالتە يىلدىن كېيىن : ئاپاڭ بۈگۈن نېمە تاماق ئەتتى ؟

سوۋغا

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : سۆيۈملۈكۈم ، بۇ ئۈزۈكنى ياقتۇرىشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن !
ئالتە ئايدىن كېيىن : سىزگە بىر رەسىم ئەكەلدىم ،بۇ رەسىم بىزنىڭ مېھمانخانا ئۆيىمىزگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ !
ئالتە يىلدىن كېيىن : بۇ پۇلغا ئۆزىڭىز بىرەر نەرسە سېتىۋالارسىز !

تېلىفون جىرىڭلىغاندا

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : سۆيۈملۈكۈم ، سىزنى ئىزدەيدىكەن !
ئالتە ئايدىن كېيىن : مەڭ ، تېلىفونىڭىز !
ئالتە يىلدىن كېيىن : تېلىفوننننننن كەلدى !

كەچلىك تاماق

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : مۇنداق مەزىلىك تاماقنى ئەزەلدىن يەپ باقماپتىكەنمەن !
ئالتە ئايدىن كېيىن : كەچتە نېمە تاماق يەيمىز ؟
ئالتە يىلدىن كېيىن : يەنە مۇشۇنى يەمدۇق ؟

كەچۈرۈم سورىماق

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : ئەنسىرىمەڭ تاتلىقىم ، ئەمدى ھەرگىز چىشىڭىزغا تەگمەيمەن !
ئالتە ئايدىن كېيىن : دىققەت قىلىڭ ! ئەمدى ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ !
ئالتە يىلدىن كېيىن : بايا دېگەنلىرىمنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟؟؟

يېڭى كىيىم

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : پەرۋەردىگار ،بۇ كىيىمنى كىيىپ پەرىشتىگىلا ئوخشاپ قاپسىز !
ئالتە ئايدىن كېيىن : يەنە يېڭى كىيىم سېتىۋالدىڭىزمۇ ؟
ئالتە يىلدىن كېيىن : قانچە پۇلغا ئالدىڭىز ؟

تېلىۋىزور

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : سۆيۈملۈكۈم ، بۇگۈن كەچتە قايسى پىروگراممىنى كۆرىمىز ؟
ئالتە ئايىدىن كېيىن : مەن مۇشۇ فىلىمگە ئامراق .
ئالتە يىلدىن كېيىن : مەن تەنتەربىيە قانىلىنى كۆرىمەن ، كۆرگىڭىز كەلمىسە كىرىپ ئۇخلاڭ !

دەم ئېلىش پىلانى

ئالتە ھەپتىدىن كېيىن : ۋىيېنناغا بېرىپ ئىككى ھەپتە دەم ئېلىپ كېلەيلى ياكى سىز بېرىشنى خالىغان جايغا بېرىپ كېلەيلى قانداق ؟
ئالتە ئايدىن كېيىن : ھۆددىگە ئېلىنغان ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ ئىستانبۇلغا بېرىپ كەلسەك نېمىشقا بولمايدېكەن ؟
ئالتە يىلدىن كېيىن : ساياھەت ؟ ئۆيدە ئولتۇرغاننىڭ نەرى يامان ؟؟؟

مەنبە : "تەرمىلەر " ژورنىلىدىن

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھەقىقەت!
گەرچە توي قىلغىنىمغا ئۇنچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئالتە ھەپتە  يۇقۇرقىدەك رومانتىك دىئالوگلار بولۇپ باقمىسىمۇ، ئەڭ قورقۇنۇچىلىقى ئالتە يىلدىن كېيىنكى ئاۋۇ ۋاقىراشلار

[ گۈلسەنەم بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:07  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بولسا ئالتە يىلدىن كېيىن يەڭگۈشلەڭلار دېمەكچىما؟؟!

بولسىغۇ سىلى-ئۆزلىرى دەپ ئۆتۈشسەك ياخشى بولاتتى...بىراق  ئەركىشىمىچۇ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك  ئانچە-مۇنچە قەھرىنى كۆرسىتىپ تۇرمىسا،  خوتۇن كىشىمۇ كۆل سۈيىدەك جىمجىت تۇرمۇشتىن زېرىكىپ قالىدۇ... داۋىخورراق دەمدۇق؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار تۇرمۇشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن بەك رومانتىك ئۆتكەنلەردە كۆپ ئۇچرامدىكىن؟
سامسىپەز، سىز ئەر كىشى مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرلىك ھوقۇقىنى پەش قىلىپ تۇرمىسا بولمايدۇ دىمەكچىمۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<ھورمەت قىلساڭ ئززەت تاپارسەن >دەپتىكەن، ئەگەر ئەرلەر كىچىكىنە ھورمەت قىلسا ئالەمچە ئززەت تاپاتتى،زسەۋرى تاقەتنىڭمۇ چىكى بار، شۇنداقمۇ ئاياللار!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:13 , Processed in 0.044683 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش