ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتات، مېۋە-چىۋىنى كۆپ يەپ بەرگۈچىلەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى كۆكتات، مېۋە-چىۋىنى ئاز يېگۈچىلەردىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ كۆكتات، مېۋە-چىۋىنى كۆپ يەپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئامىل بولۇپ قالىدۇ.
ئەنگلىيە ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتتىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر 19-يانۋار ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «ياۋروپا يۈرەك كېسىلى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتتە 300 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق، تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، كۈندىلىك يېمەكلىكىدە كۆكتات، مېۋە-چىۋە مىقدارى سەككىز ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىغان كىشىلەرنى كۈندىلىك تامىقىدا كۆكتات، مېۋە-چىۋە مىقدارى ئۈچ ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەتىرى %22 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بىر ئۈلۈش 80 گىرام كۆكتات، مېۋە-چىۋىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىر تال كىچىكرەك بانان ياكى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى ئالما ۋە ياكى كىچىكرەك سەۋزىگە باراۋەر.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشقا دائىر رېتسىپلار
گۈلسامساقتىن 20 گرام، زاراڭزا چېچىگىدىن 3 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ كۈندە ئىككى ۋاخ ئىچىپ بېرىش.
يەر ياڭىقىنىڭ مېغىزىدىن 30 گرام، گۈرۈچتىن 50 گرامنى سۇدا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كۈندە بىر- ئىككى ۋاخ ئىچىپ بېرىش. (شۇ مەزگىلدە قىزىلمۇچ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.)
تەرخەمەك سۈيىدىن 30 مىللىلېتىر، نىلۇفەر يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 15 مىللىلېتىر، خام زەنجىۋىلنىڭ سۈيىدىن 3 مىللىلېتىرنى تەييارلاپ، كۈندە ئىككى ۋاخ ئىچىپ بېرىش.
10 گرام خام زەنجىۋىل بىلەن 2-3 تال سۇڭپىيازنىڭ ئېقىنى سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 100 گرام تەرخەمەكنى سېلىپ يەنە بىر قاينىتىۋىتىپ، تەرخەمەكنى ئېلىپ يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىش.
ئالقانسىمان كاكتۇس (پېتەكگۈل، خەنزۇچە نامى 仙人掌) دىن 60 گرام، ياڭاق مېغىزىدىن 30 گرام، ئاق موردىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ كۈندە ئىككى ۋاخ ئىچىپ بېرىش.
ھەر كۈنى ياڭاقتىن ئىككىنى، ئۆرۈكتىن ئىككىنى، قارا كۈنجۈتتىن 20 گرام ئېلىپ بىر قېتىمدىلا يەۋىتىش.
قىزىل گۈلدىن 10 گرام، ئاپلېسىن پوستىدىن 10 گرام، غازنىڭ قېنىدىن 50 گرام ئېلىپ قاينىتىپ يېيىش
[
soyqut بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:50 دە تەھرىرلىگەن. ]