يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2014|ئىنكاس: 21

مەخپىيەتلىكىڭىزنى مەھكەم ساقلاڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخپىيەتلىكىڭىزنى مەھكەم ساقلاڭ


بۇرۇنقى زاماندا بىر چوڭ ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلار توپلىشىپ ياشايدىكەن. تۈلكە داۋاملىق كىرپىنى يېمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ. ئەمما تۈلكە ھەر قېتىم كىرپىگە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭغا چاڭگال سالاي دېگەندە كىرپە توپقا ئوخشاش تۈگۈلىۋېلىپ، بەدىنىدىكى تىكەنلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ تۇرىۋالىدىكەن. شوڭا تۈلكە ھەردائىم كىرپىنى يىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پەرىشان يۈرۈيدىكەن. كىرپە بىلەن قاغا ناھايىتىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، بىر كۈنى قاغا كىرپىنى ماختاپ:



--- سەن بەك قالتىس جۇمۇ ئاداش، ھەر قېتىم تۈلكە ساڭا چاڭگال سالاي دېگەندە سەن شۇنداقلا بىر تۈگۈلىۋالساڭ تۈلكە سېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،---دەپتۇ. كىرپە قاغىنىڭ ئۆزىنى ماختاپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇپ قاغىغا:

--- ئاداش، ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ ئاجىزلىقىم يوق ئەمەس، مەن تۈلكىنىڭ ئالدىدا تۈگۈلىۋالغان چېغىمدا، تىكەنلىرىم قۇرسىقىمدىكى يەنە بىر كىچىك كۈزۈمنى يېپىپ كېتەلمەيدۇ، ئەگەر مېنىڭ بۇ كۈزۈمگە پۈۋدەيدىغان بولسا، مەن بەرداشلىق بېرەلمەي بەدىنىمنى ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولىمەن. لېكىن بۇ مېنىڭ ھاياتىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم مەخپىيەتلىك، بۇنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا تىنىپ سالما، ئەگەر تۈلكە ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا تۈگەشكىنىم شۇ!---دەپتۇ. قاغا:

--- خاتىرجەم بول، ئاداش! بىز دىگەن يېقىن دوست تۇرساق مەن قانداقسىگە ساڭا ساتقىنلىق قىلاي،--- دەپ، قەسەم ئىچىپ كېتىپتۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈلكە ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەندە قاغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئېچىرقاپ كەتكەن تۈلكە قاغىنى تۇتىۋېلىپ، يېمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، ھاياتى قىل ئۈستىگە كېلىپ قالغان قاغىنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق بىر ئەقىل كەپتۇ-دە، تۈلكىگە كىرپىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، تۈلكىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كىرپە ئېچىنىشلىق ھالدا تۈلكىگە يەم بوپتۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق كۈچلۈك نەرسىنىڭمۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولىدۇ. دۇنيادا مۇتلەق كەم كۈتىسىز نەرسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ھەرقانداق شەيئىدە ئاجىزلىق بىلەن كۈچلۈكلۈك، ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىك تەڭ مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. شەيئىلەردىكى ئارتۇقچىلىق شۇ شەيئىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى باشقا شەيئىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرسا، ئاجىزلىقى ئۇنىڭ تەتۈرىسىنى ئالغان بولىدۇ.

كىشىلىك ھايات مۇساپىسى تولىمۇ ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بولىدۇ. ئادەم بۇ مۈشكۈل ھايات مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ئىكەن چوقۇم سەگەك بولىشى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكىنى ياخشى بايقاپ يېتەلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزى مۇھىم دەپ بىلگەن مەخپىيەتلىكلىرىنى مەھكەم ساقلىشى لازىم. شەيىخ سەئىدى«گۈلىستان»نامىلىق كىتابىدا «ھەرقانداق سىرىڭنى دوستىڭغا تۆكمە، چۈنكى بىرچاغ كېلىپ، ئۇنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشىنى سەن نەدىن بىلىسەن؟! شۇنىڭدەك ھەرقانداق غەزىپىڭنى دۈشمىنىڭگە قىلما، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ ساڭا دوست بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يوشۇرۇن ساقلىماقچى بولغان سىرىڭنى ھېچكىمگە ئاچما، گەرچە بەك سەمىمىي دوستۇڭ بولسىمۇ، چۈنكى بۇ دوستۇڭنىڭمۇ باشقا سەمىمىي دوستى بولىشى مۇمكىن، گويا زەنجىرسىمان»دەپ ناھايىتىمۇ توغرا ئېيىتقان.

ئەلۋەتتە، كىرپىنىڭ قاغا بىلەن دوست بولىشى خاتا ئەمەس، ئەجەللىك خاتالىقى ئۇنىڭ ئۆز مەخپىيەتلىكىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن قاغىغا دەپ تاشلىغانلىقى. بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئەنە شۇ بىچارە كىرپىگە ئوخشاش ئۆز مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارغا دەپ قويۇپ، يامان كۈنگە قالغاندىن كېيىن، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي ھەسرەت چىكىپ يۈرگەن ئادەملەرنى دائىم ئۇچۇرىتىپ تۇرىمىز. بۇ دۇنيادا ھەربىر ئادەمنىڭ تەڭرىدىن بۆلەك بىرلا ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ سادىق دوستى بولىدۇ، ئۇ ئادەم - دەل ئۆزى. ئۆز سىرىنى ساقلاشقا ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم بولمايدۇ، مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ساقلىيالمىغان ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى باشقىلارنىڭ ساقلىيالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس!

كېلىش مەنبەسى: ئۇستاز تورى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلەشكىسى كىلىدۇ. دوستلار بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ شۇنداق.
بولۇپمۇ قىزلار مۇڭداشقاندا پاراڭ تېمىسى ئۈچۈن ئارانلا تۇرىدۇ ئىچى باغرىنى دوستىغا سۇغۇرۇپ بەرگىلى.
بىز باشقىلارغا بىر مەخپىيەتلىكىمىزنى دەپ بەرگىنىمىزدە ئۇنىڭغا تولىمۇ ساداقەتمەن ۋە سەمىمى مۇئامىلە قىلغىنىمىزدىن سۆيۈنۈپ كىتىمىز، ئەمما ئۇ مەخپىيەتلىكىمىزنى بىلمەي دەپ سالغاندىن كېيىنلا ئۇيقىمىزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەشۇ كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ قالمىسىدى دەپ ئەنسىرەپلا يۈرۈيمىز. ئۇنداق ئەمەسمۇ، بۇنى ئۆزىمىز كەلتۇرۇپ چىقاردۇق. كىرپىجاننىڭ ئاقىۋېتى ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە تۇرغاي.
- ئۇستاز. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ماڭا ساتقىنلىق قىلدى!
- ساڭا قانداق ساتقىنلىق قىلدى؟
- مېنىڭ سىرلىرىمنى ئاشكارلىۋېتىپتۇ؟
- سىرلىرىڭ ئۇ قەيەردىن بىلگەنىدى؟
- ئۆزۈم ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن.
- ھەي نادان، ئۆزۇڭمۇ ساقلىيالمىغان سىرنى باشقىلار قانداقمۇ ساقلىسۇن !
- . . .

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:47:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيدۇ جۇمۇ! سامسام شۇنداق بازارلىق، خۇرۇچىنى ئۆزەم تەڭشەيمەن شاگىرتقا كۆرسەتمەي. بولمىسا ئۇ گۇي ئۆگىنىۋېلىپلا قاچىدۇ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز ئۇستامنىڭ ماۋۇ سۆزى بەك كەلدى جۇمۇ.   ئوخشىمىغان ساھەدە ئوخشاش ھېكمەت!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە قىزلىرىمدا ھەر ساھەدىكى ھەر خىل ھىكمەتلەر تەڭ بەھرىمان بولايلى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىقنىڭ بۇ سۆزىدىن كۇڭزىنىڭ " بارچە گۈللەر باس باستا ئېچىلسۇن!" دىگەن ھېكمىتى يادىمغا كەلدى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:38:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:07 دە يوللىغان
جۇلالىقنىڭ بۇ سۆزىدىن كۇڭزىنىڭ " بارچە گۈللەر باس باستا ئېچىلسۇن!" دىگەن ھېكمىتى يادىمغا كەلدى.

كۇڭزىنىڭ گېپىدىن ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا دىگەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن بىر جۈملە سۆز ئېسىمگە كەلدى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما تېمىغا كەلسەك يېقىندا ئۆتتى مېنىڭ بېشىمدىن مۇشۇنداق بىر ئىش ...خۇدا ھەققىدە ئەمدى بىر زەرىچە سىرىمنىمۇ تىنمايمەن ، بەك چىدىمىسام خاتىرىگە يېزىپ( يىلىغا 200 سوم تۆلىسەممۇ ھىساپ بولدى)جۇڭگو بانكىسىدىن بىر بىخەتەر ساندۇقى سېتىۋىلىپ شۇ يەرگە قويۇپ قويىمەن ....ئۇھھھھھھھھھھھھ ....ئۆزەڭنىڭ ئىچىگە پاتمىغان سىر ئەسكى چاپاننى كۆتۈرۈشمۇ ئېغىر كېلىۋاتقان بۇ جاھاندا باشقىلارنىڭ ئىچىگىمۇ پاتمايدىكەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ مۈڭگۈزى بار ئىكەن، چېچىنى ئالغان ساتىراچنى تىرىك قويمايدىكەن،  بەختىگە يارىشا ھايات قالغان بىر ساتراچ بۇ سىرنى كىشىلەرگە بەك دېگۈسى كېلىپ كېتىپ، ئاخىرى چىدىماي بىر قۇدۇققا بېشىنى تىقىپ تازا توۋلاپتىكەن "ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!! ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!!" دەپ..... ئەپسۇس، ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىگە ئۆسكەن قۇمۇشلاردىن بىرى نەي ياساپ چالغان ئىكەن.... شۇ نەيدىن "ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار" دېگەن ئاۋاز چىقىپ، ئۇ سىر ئاشكارىلىنىپ قالغان ئىكەن....
   جوڭگو بانكىسىنىڭ بىخەتەر ساندۇقلىرىنى ئېچىپ ياپقاندا،  "ئانارخان ئانداق قىلغان ، ئانارخان مانداق قىلغان " دەپ ئاۋازلار چىقىپ كەتسە قانداق قىلىمىز ئانارخان؟؟؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:59:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:56 دە يوللىغان
رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ مۈڭگۈزى بار ئىكەن، چېچىنى ئالغان ساتىراچنى تىرىك قويماي ...

قانداق قىلاتتۇق ، شۇ بولمىغاندا سامسا بىلەن قىززىق چاي بىلەن كۆيدۈرەمىز ئاغزىنى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 05:47 , Processed in 0.056033 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش