يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 731|ئىنكاس: 3

قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:07:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتورى: ئايزىت


    ئازابلىنىشقا تېگىشلىك ئىنسانلار ئۈچۈن ئازابلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگىچە بىر لەززەت.
    مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىق يۇتىۋاتىمەنمۇ ياكى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ؟ كاللامدا ئېنىق بىر نەرسە يوق. بىراق كۆڭلۈم بەك يېرىم.
    مەن ئۇنى بۇنداق ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ قالىمەن، دەپ پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدىم.
    تولىمۇ ئەپسۇس، مانا ئەمدى ئۇنىڭ دەردىدە مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىۋاتىمەن.
    دەردىمنى بىر ئاللاھ، بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ يۈرەك بولسىلا ئۇمۇ ھېس قىلار. چۈنكى يۈرەك يۈرەكنىڭ بەخىتتىن دۈپۈلدەپ سوقۇشىنى بىلەلمىسىمۇ، ھىجراندىن، ئەلەمدىن تىترىشىنى بىلەلەيدۇ ئەمەسمۇ!؟
    مەن باش-ئاخىرى يوق چەكسىز خىياللار ئىلكىدە قىينىلىۋاتىمەن. ئىككىمىزنىڭ ئىجىل-ئىناق، مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىزنى تولا ئەسلەپ ئەقلىمدىن ئادىشايلا دەپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزۈمچىلا باشقىلارنىڭ بولۇپ كېتىشىگە قىيالماي ئاخىرى ئۆلىۋېلىش قارارىغا كەلدىم.
    ھاياتلىقتا ياشاشنىڭ يوللىرى كۆپ بولغىنىدەك، ئۆلىۋېلىشنىڭمۇ يوللىرى بەك كۆپ. مۇڭ باسقان غېرىپ ھۇجرامنىڭ ئىشىك-دېرىزىسىنى چىڭ تاقاپ دورا يەپ ئۆلىۋالايمۇ ياكى ئۆزۈمنى بىنادىن تاشلىۋالايمۇ؟
    ئۇنداق قىلسام بىچارە ئانامنى خەلقى-ئالەم ئالدىدا قارا يۈز قىلىۋەتمەمدىمەن؟ توك تۇتۇپ، سۇغا غەرق بولۇپ...ياق، ياق!ياق ھېچقايسىسىنى تالىيالمىدىم، توغرىسى جۈرئەت قىلالمىدىم. ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ مەست بولۇپ، خالىغانچە يول يۈرۈپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماشىنىغا سوقۇلۇپ...ئۆلۈۋېلىشنىڭ شۇنچە كۆپ يوللىرىنىڭ بىرەرىدىمۇ ماڭالماي ئاخىرى يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ قاچان، قانداقلارچە ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمنىمۇ ئۇقماي قاپتىمەن.
    ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچى نۇرى يۈزۈمگە چۈشكەندە چۆچۈپ ئويغىنىپ ھەيرانلىقتا دېرىزىدى سىرتقا قارىدىم.
    قۇياش ئۇپۇقتىن يەنىلا مەغرۇر چىقىپتۇ. يەر شارى يەنىلا ئۆز ئوقىدا غەمسىز ئايلىنىۋېتىپتۇ. كۆيۈمچان ئانام مەن ئۈچۈن چاي دەملەپ پايپېتەك بولۇۋېتىپتۇ. ئاخشامقى خىياللىرىمدىن، بىمەنىلىكىمدىن ئەندىكىپ كەتتىم.ئانامنىڭ لەۋلىرىمىنى، يۈرىكىمنى كۆيدۈرگۈچى ئىسسىق چېيىدىن ئىتتىك-ئىتتىك ئوتلاپ ئۆزۈۈمنى دۇنياغا قايتىدىن تۆرەلگەندەك ھېس قىلىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل ئارمانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. چۈنكى بۇ دۇنيادا مەن قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ ئىكەن
.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:43:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دالىي كارنگ ئېيتقان:" يىراقتىكى غۇۋا نىشانغا قارايمەن دىسەڭ، شۇنچىلىك ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە چارچاش، ئىشەنچىسىزلىكتىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيسەن، كۆز ئالدىڭدىكىنى قەدىرلە، پۇرسەتنى چىڭ تۇت، يىراقتىكى غۇۋالىققا ئېسىلىۋالما، ئۇ سېنى ھالاك قىلىدۇ."

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتۈپ كەتكەن ئەسلىمىلەرنى كەينىڭگە تاشلىۋېتىپ، كەلگۈسىگە قاراپ ئىنتىلىپ ياشا. شۇندىلا ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلەلەيسەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئۇستاز، تۆنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ پەرقى نىمە؟
-تۆنۈگۈنگە باقما، بۈگۈننى قەدىرلە، ئەتە ئۈچۈن كۈرەش قىل.
- . . .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:54 , Processed in 0.049480 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش