يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 7

ئېرىڭىز ئۆز ئۆيىنى راھەت ھېس قىلسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرىڭىز بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ،ئۆيگە قايىتپ كەلگەندە كۆرگىنى قانداق بىر كەيپىيات؟قانداق ئائىلە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ،روھىنى ئەسىلىگە كەلتىۈرۈپ،تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قىللايدۇ؟بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېرىڭىزنىڭ ئىش ئوقىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنىمۇ بەك مۇناسىۋەتلىك.
         مىنىڭ بىردوستۇمنىڭ ئېرى ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىدىغان بولىۋالدى،بەزىدە تېخى خوتۇنىنى قاتىتق ئۇرۇپ سالىدۇ.دەسلەپتە مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالدىم،چۈنكى ئۇ دوستۇم شۇنداق چىرايلىق،رەتىلىك،پاكىز،خىزمەتتىمۇ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن.ئەجىبا مۇشۇنداق بىر ئايال ئۇ ئەرگە يەنە تېتىمايۋاتقانمىدۇ دەپ خاپا بۇلدۇم،بىر كۈنى ئىككسى يەنە قاتتىق ئۇرۇشۇپتۇ ۋە ئەر يەنە دوستۇمنى ئۇرۇپ،يۈز-كۆزىنى كۆكەرتىپ،بۇرنىنى قانىتىۋېتىپىتۇ.دوستۇمنىڭ ئېرى ماڭا تېلېغون قىلىپ،بىر كېلىپ كەتسىڭىز دېگەندىكىن،مەن دەررۇ تاكسى بىلەن .ئۇلارنىڭكىگە يىتىپ بارسام،ئۇ ئەر غەرق مەسىت،دوستۇم بۇرنىغا پاختا تىقىۋالغان،يەرلەر قان بولۇپ كەتكەن.بۇ ئەھۋالدىن نېرۋام ئۆرلەپ،چېچىلىپ كېتىپىتىمەن.لېكىن ئۇئەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشىڭ تېگىگە يەتتىم.
    ئەسلىدە ئۇ دوستۇم زىيادە پاكىزلىقىدىن ئېرى ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە ئايىغىڭىنى ئېيتىمىدىڭ،ئۆيىدە تاماكا چېكىپ،تاملارنى ئىس قىلىۋەتتىڭ.بىزنى زەھەلىدىڭ،پايپىقىڭنى قالايمىغان تاشلىدىڭ،ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنى بۇزۇۋەتتىڭ،سەن بولساڭلا ئۆي قالايمىقانلشىپ كېتىدۇ...دەپ كوتۇلدايدىكەن.ئەر ئۆيگەبىرەردوستىنى ئەكىرىپ بولغۇچە،پول سۈرتكۈچنى كۆتۈرۈپ،پولنى سۈرتۈشكە باشلايدىكەن.سافانىڭ ياسىتۇقلىرىنى كىرقىلىۋېتىدۇ دەپ ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىۋالىدىكەن،ھەممە نەرسە چېچىلىپ كەتتى،ئۆيۈمىنى ئاران تازىلاپ قويسام بۇزۇۋەتتىڭلار دەپ خاپا بولىدىكەن...ئىشقىلىپ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ دېمىم سىقىلىپ،نەپەس ئالالمايلا قالدىم.ئۆز دېگەن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇرسا،ئېرىڭىز ئۆز ئۆيىدە راھەت ئولتۇرالمىسا،ئۇ نەگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ؟باشقا خوتۇنلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇلتۇرسا خۇش بولامسز-يە؟
   ئەرلەرگە يىنىك،ئازادە،رەتلىك،ئۆزى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىدىغان،گېزىت،كۈلدانلىرىنى تاشلايدىغان،پۇتلىرىنى ئەركىن قويىدىغان ئۆي كېرەككى،ھەرگىزمۇ ھىچقانداق ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايدىغان ئوردا-ساراي كېرەك ئەمەس.شۇڭا،ئېرىم تاشلاپ كەتمىسۇن دېسىڭىز،ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىنى راھەت ھېس قىلدۇرۇڭ.

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگىنىڭىز ھەقىقەتەن تۇعرا،ئۉي دىگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەننىتى بولىشى كرەك،لىكىن ئەر-ئايال دىگەن بىر بىرىگە كۅيۅنىشى،بىر -بىرىگە يار يۅلەك بۇلىشى،بىر- بىرىنىڭ ئەمگىكىنى ھۉرمەت قىلىشى كرەك،شۇندىلا بۇ ئۉيدە ھەممە ئادەم ئۅزىنى راھەت ھىس قىلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېمىنى ئەسلى نۇسخىسى بىلەن بىر ساقلىۋالاي، كېيىنلەرتىن ئۆينى قاراڭغۇ قىلىۋەتتىڭ، جىن ئالۋاستىلارنى يىغىۋەتتىڭ، ئۆينى "يەتتە قىز" بىلەن تولدۇرۋەتتىڭ دەپ قالسا، مۇشۇ تېمىنى بىزنىڭ " فاڭدۇڭ"غا كۆرسىتىپ قويمىسام .

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ ئۆينى پاكىز رەتلىك تۇتىشى يامان ئىش ئەمەس، لېكىن يۇقۇرقى ئايالدەك بەك ھەدىدىن ئاشۇرۋەتكەندە كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.
مېنىڭچە ئەرگە ئادەم يوق يەردە ياكى كەيپى چاغ ۋاقتىدا تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى دەپ قويۇش يەنىلا ئاڭلىمىسا مەيلىگە قويۋېتىش كېرەك، مېھمان كەلسە پۇتىغا قاراش تولىمۇ ئەدەپسىزلىك ئەلۋەتتە، ئەمدى پاكىزلىق قىلدىم دەپ ھەدىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ يۇقۇرقىدەك ئاقىۋەتكەن قالغاندىن يولدىشىمۇ، ئۆزىمۇ، بالىلىرىمۇ ئازادىلىك ھېس قىلغۇدەك يوسۇندا تۇتسا بولار ئۆينى، قالغانلار قانداق قاراشتىكىن ئاڭلاپ باقايلى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلارغا ھۆرمەت قىلىپ، كۈلدان ۋە پايپاقلىرىمىزنى قالايمىقان تاشلىمايمىز، يەر ئاستى ئۆينى مەخسۇس سورۇن تۈزۈيدىغان ئۆي قىلىپ ئاجرىتىپ، ئۆيىمىزنىڭ مۇھىتىنى قوغداشتىن باشقا يەنە بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش، دەم ئېلىشلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىمىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:17:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىزلىق قىلىمەن دەپ بۇنچىۋالا ئاشۇرۇۋېتىش ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
مەن مۇنداق بىر ھېكايەتنى ئاڭلىغانىدىم.
بىر سېستىرا قىز توي قىلىپ قورساق كۆتۈرۈپتۇ، بۇ قىز ئەزەلدىن پاكىزلىققا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا قورساق كۆتۈرگەندىن تارتىپ ئۆزىنىڭ پاكىزلىقىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىپتۇ. ئاي-كۈنى توشۇپ بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغۇپتۇ. بوۋاق تۇغۇلغان كۈندىن تارتىپ، ئۇنىڭ ئاستىغا سېلىپ بەرگەن لاتىلىرىنى ھەر بىر قېتىم سىيىۋەتسە ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، دىزىنفىكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىدا دىزىنفىكسىيەلەپ يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ئاندىن بالىنىڭ كۆرپىسى ئۈستىگە سېلىپ بېرىدىكەن. بالىغا ئالتە ئايلىق بولغاندا بالا تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئەر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيى ئۇنىڭ خوشلۇقى بولالمىسا، ئۆيىدە ئەركىن-ئازادە ئولتۇرالمىسا بۇ ئۆينىڭ تۈرمىدىن نېمە پەرقى؟
ئايال كىشى پاكىزلىقنى ئەلا بىلمىسىمۇ ئەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆينى پاكىزە تۇتمىدىڭ؟ دەپ ئايال كىشىگە تاپا قىلىشى مۇمكىن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:08 دە يوللىغان
بىزمۇ سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلارغا ھۆرمەت قىلىپ، كۈلدان ۋە پايپاقلىرىمىزنى قالايمىقان تاشلىمايمىز، يەر ئاستى ئۆي ...

سايە بىلەن توي قىلغان ئايالنىڭ جېنىغا ۋاي!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرەپلەرنىمۇ بىلىۋالدىم.
لىكىن ئاياللار ئوي بىلەن كارى بولماي يۇرسە تىخىمۇ جىدەل چىقار؟ھەر ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى،شۇمداقمۇ يا؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:28 , Processed in 0.048304 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش