يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 771|ئىنكاس: 13

ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى ھەرقايسى رايونلاردىكى كىشلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تەبئىي، ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ يەنە ............. سەۋەبلەر تەسىرى ئۆزىگە خاس مىجەز- خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن. ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى مىزاجى: كىلىماتنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە نەملىكى، مېۋە- چىۋە ئىستىمالىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىق، دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىشقا بولىدۇ.(  خىلىتى: ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ خىلىت ئېتىبارىدىن بەلغەم، سەۋدا، قان، سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر دەپ بۆلۈش مۇمكىن، ئومۇمەن ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى، ھەركەت ئالاھىدىلىگى، پسىخىك سۈپىتىمۇ ئۇشبۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. چىراي شەكلى: ئاقپىشماق، سەل- پەل بۇغداي ئۆڭ، بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ گۆشلۈك، چاچلىرى قارا ۋە دولقۇنلۇق، قوي كۆز، يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال- بۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ھال، بۇرنى كەڭرەك ۋە تۈز، پېشانىسى كەڭ بولىدۇ، كىشىلىرى ئوتتۇرا بوي كېلىدۇ، خام سېمىز كىشىلەر مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.8 مېڭىش- تۇرۇشى: ئالدىرىماي ئۆز خىيالىدا ماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە مۇلايىملىق ۋە ئۆزرە بىلەن كۆرۈشىدۇ.كىيىنىشى: ئاددى- ساددا پاكىز كىيىنىدۇ، دوپپا ۋە بۆكنى ئەتىۋارلايدۇ، ئاياللىرى ئۇزۇن ۋە زەر تۇتقان گۈللۈك رەختلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.  يېمەك- ئىچمىكى: ئاقسۇنىڭ كۆپىنچە رايونلىرىدا بۇغداي، شال تېرىلىدۇ، مېۋە- چىۋىلەردىن ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار، خورما، ئالما، قوغۇن، تاۋۇز، ئاق ئۈجمە قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ، كۆكتاتلاردىن سەۋزە، ياڭيۇ، چامغۇر، كەرەپشە، يېسىۋىلەك قاتارلىقلار يىتىشتۈرىلىدۇ، مېۋە- چىۋە ئىستىمال قىلىش ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەك- ئىچمەك مەنبەلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. - قىممەت قارىشى: ئاقسۇنىڭ سۈيى ئەلۋەك، مېۋە- چىۋىسى مول بولۇپ، كىشىلىرى ئاددىي- ساددا، تۈز، كەلمتەر، شۈكرىچان كېلىدۇ، دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ، ئادەتتە باغۋەنچىلىك، تېرىم ئىشلىرىغا ماھېر كېلىدۇ، كۆڭۆلچەك، تۈز، خالىس تەرەپلىرى كۆپ، جىددى ئەمەس، لېكىن باشقا يۇرتقا بېرىپ ئوقۇغان ۋە تۇرۇپ قالغان كىشىلىرى تىرىشچان، كۈچلۈك بولۇپ يىتىشىدۇ، ئەدەبىيات- سەنئەتكە ھېرىس، مېھماندۇست، ناخشا- ئۇسسۇل ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ باشقا تۈرلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى يارىتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللى پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن." كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى: دېھقانچىلىق، سودا- سېتىق، ھۈنەرۋەنلىك ۋە باشقا پائالىيەتلەر.  ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى: ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدا پسىخىك توسالغۇ كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۆپكە، يۈرەك، قول- پۇت ھەمدە تېرە كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ.8 تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: ھەر بىر سوئاللىق ئاياغلاشقان پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «يا» قوشۇلىدۇ، بېرىپ، قىلىپ، ئېيتىپ .....قاتارلىق سۆزلەردە چوقۇم «ي» ھەرپى پېئىلىنىڭ ئاخىرقى ھەرپىنىڭ ئالدىغا «يېرىم ھەرپ» شەكلىدە قوشۇلىدۇ، مەسىلەن: قىيلىپ (قىلىپ) قاتارلىقلار، بىر- بىرىنى سىلى، ئۆزلىرى دەپ ئاتىشىدۇ.2@ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: قارى، بارسىلا (بېرىشسىلا)، كەتكىيلا (كىتىۋەرسىلا) ...قاتارلىقلار.ياش بالىلار ئارىسىدا «سىلەر» نى كۆپ ئىشلىتىدۇ.ئۆزئارا «سەن» دېيىشىش ئاز، ئۆزئارا «سەن» دئېيىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ.لېكىن كەلپىندە كىچىك بالىلارمۇ 80- 70ياشلىقلارنى سەن دەيدۇ. (پۈتۈنلەي شۇنداق).

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قوشنىمىز ``

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:41:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاقسۇ دىيارىدىن كىرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ يازمىغا ئۆز قارىشىڭلارنى بىر تۆكىۋەتمەمسىلەر

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاقسۇغا پەقەت بىرىپ باقمىغان لىكىن ئىسىمدە قىلىشىچە بىزنىڭ مەھەلىدە ئاقسۇدىن  كۆچۈپ كەلگەن خوشنىمىز بار ئىدى، بىز داۋاملىق ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە ئوينايتۇق ،يوق نەرسىنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالساق ،خوشنىلارنىڭ كەپسىز بالىلىرى ئۇلارغا <<كاۋاڭدىن ئىلىپ چىقساڭ ئۇينىتىمىز،بولمىسا ئۇينىمايسەن>> دەپ ئ يولسىزلىق قىلاتتى...........
كەچۈرۈڭلار ئاقسۇ دىيارلىلىق دوسلۇرۇم  رەنجىمەي ئىيتىپ بەرگەن بولساڭلار<< ئاقسۇدا راستلا كاۋا كۆپمۇ؟>>  ....... مۇشۇ ياشقىچە شۇ سۇئالغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ تاپالمىدىم................خالىساڭلار  سىلىەر بىلەن دۇست بولۇشنى بەكمۇ خالايمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:37:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەسىرىدىكى ئۇچۇرغا تەققاسلانغان بولسا كېرەك، ئەمما ئاساسەن توغرا ئىكەن، شۇغىنىسى بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇ شەھىرىگە خاس پۇقرالارنىڭ مەنبەسى كۆپەيگەن، يەنى ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيەلەرنىڭ بارچىسىدىن بار، ناۋادا مەن يەنە ئىككى كۈن يەيدىغان نېنىم بولغان بولسا ئاقسۇلۇق بولۇپ كەتكەن بولاتتىم، شۇ ئىككى كۈنلۈك ناننى دەپ ئۈرۈمچىدە قېلىشقا مەجبۇر بولغانمەن.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:16:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېزكەن. 2007-يىلى قىشتا خىزمەت بىلەن ئاقسۇغا بارغان. كورلىدىن بىر ئۇخلىغان پېتى، ماشىنىمىز ئاقسۇنىڭ دەۋر مەيدانىغا كەلگەندە ئېرىنچەكلىك بىلەن ئويغىنىپ ماشىنىدىن چۈشۈپلا چۆچۈپ كەتتىم، توۋۋا مەن ئاقسۇدىمۇ ياكى ئۈرۈمچىنىڭ شىياۋشىمىنغا كېلىپ قالدىممۇ دەپ . قەد كۆتۈرۈپ كەتكەن ئىمارەتلەر، كەڭرى مەيدان ئىشقىلىپ تەرەققىيات ھەقىقەتەن زور ئىكەن.
  بىزنىڭ تۇرپاندىن چوڭكەن ئىشقىلىپ ئۇ يۇرت.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 19:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈڭلىنى يېرىم قىلماڭلا سايە ئاخۇن، ئىۋۇ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ لخاسا شەھىرى ئاران-ماران تۇرپانچىلىك كېلىدىكەن، مەن بېرىپ شۇنداغراق ھېس قىلىپ قالدىم، يەنە كېلىپ سىلىنىڭ تۇرپانلىق بۇرادەرنىڭ ئاشخانىسىدا غىزالاندۇق !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلتۇر 7-ئايدا قىزلىرىمنى ئېلىپ بېرىپ كەلدىم، بۇرۇن قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن كۆرگەن ئاقسۇ شەھىرى تولىمۇ رەتلىك ئىمارەتلەر سېلىنغان، گۈزەل بىر شەھەر بولدى، مەن چۈشكەن ئۇچتۇرپان ناھيىسى  ھاۋاسى تولىمۇ ساپ، ئازادە ئىكەن، ئاللاھ خالىسا يازدا يەنە بېرىپ كېلىشكە پۈرسەت بولۇپلا قالسا چوقۇم بارىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
128

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 00:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:16 دە يوللىغان
مەن بۇلتۇر 7-ئايدا قىزلىرىمنى ئېلىپ بېرىپ كەلدىم، بۇرۇن قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن كۆرگەن ئاقسۇ شەھىر ...

ئەمدى كىلىگە ئېرىڭىزنى ئېلىپ . بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ ھازىر

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 19:51 دە يوللىغان
كۆڭلۈڭلىنى يېرىم قىلماڭلا سايە ئاخۇن، ئىۋۇ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ لخاسا شەھىرى ئاران-ماران تۇرپانچىلىك كې ...


شىزاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزناسىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇن بىر ماتىرىيالدىن كۆرگەنىدىم. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەخمەت ئىسىملىك تارىخچى كىشى تىبەتلەر لاماسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىنى كىتاب قىلىپ يېزىشىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:09 , Processed in 0.049339 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش