يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1115|ئىنكاس: 15

ئاياللار بولمىغان بولسا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

284_16094_d2307c88d0cc3a3.jpg


    دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۈلدۈرگە پىلاستىنكىسىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، ئادىل مىجىتنىڭ "ئەگەر سىلەر ئاياللار بولمىغان بولساڭلار بىز ئەرلەر ئىشتان كىيىپ نېمە قىلىمىز؟" دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم. پىلاستىنكىنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈپ بولغۇچە كاللامدا ھەر خىل خىيال، ھەر خىل ئويلار كېزىپ يۈردى ۋە بۇ ئوي-خىياللار مېنى قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى.
    راست گەپنى قىلغاندا ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىنى، ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئاياللارنىڭ سېھرى كۈچىدىن كەلگەن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئادەم ئاتىمۇ، ھەۋۋا ئانىنى بىر كۆرۈپلا خۇدىنى يوقاتقان، ھەۋۋا ئانىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويۇپ جەننەتتتىن قوغلانغان. ئادەم ئاتا جەننەتتىن كېچەلىگەن بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزدىن كېچەلمىگەن. قارىغاندا ھەۋۋا ئانىمىزدىكى بۇ سېھرىي كۈچ بىز ئاياللارغا مىراس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
    يەتتە ئاشىق-مەشۇقنىڭ بىرى بولغان پەرھادمۇ شىرىننىڭ ۋېسلىگە يېتىش ئۈچۈن تىلسىم تېغىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى ۋە قەيسەرلىكى ئارقىلىق خىسراۋ شاھنى قايىل قىلىپ، شېرىننىڭ ۋەسلىگە يەتمەكچى بولغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ، دېيىشىدىغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەرلىرىمىزدىن ۋايساپ، قاقشاپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟
   ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، پەقەت ئاياللار بولغان جايدىلا كېلىشكەن قەددى-قامەتنىڭ، يېتەرلىك مال-دۇنيانىڭ، نام-ئابروينىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، بىز ئاياللار ئۆزىمىزنىڭ ئەرلەرنىڭ قەلبىدە نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالساق بولىدۇ. شۇڭا بىز تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمىزنىڭ تېخىمۇ نۇرلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشمىز: ئاياللىق بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز: ئەرلىرىمىزگە ئۇلارنىڭ ھەر بىر نەتىجىسىدە، ئالغا ئىلگىرلەش مۇساپىلىرىدە ئۆزىمىزنىڭ كەم بولساق بولمايدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارغا نىسبەتەن بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز: دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆز ساپايىمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئەرلىرىمىزگە داۋاملىق يار-يۆلەك بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئەرلىرىمىزنى بىر ياخشى راۋاب دەپ قارىساق، بۇ راۋابنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىز. ئەگەر بىز ئۇستا سازەندە بولساق، بۇ راۋابتىن ناھايىتى ياڭراق، جۇشقۇن، كىشىنىڭ دىلىغا ھوزۇر بېرىدىغان ئاھاڭلارنى چىقىرالايمىز. ئەگەر چېلىشنى بىلمىسەك، بۇ راۋابتىن كىشىنى بىزار قىلىدىغان، قۇلاققا ياقمايدىغان ئاھاڭلارنىڭ چىقىشى تەبىئىي! ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلىمىزنىڭ پاسىبانى، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەرلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئۇلارنىڭ ئىشتانلىرىنى راۋۇرۇس كىيىپ، تاسمىللىرىنى چىڭ باغلاپ، جەمئىيەتتە، ئائىلىدە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرەيلى!

  


مەنبە: "شىنجاڭ ئاياللىرى" ژورنىلى

、ئاپتورى:ئامىنە ئابدۇۋايىت

[ قەھۋە بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:20  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 11:37:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز!

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى كىمكىنا؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:17:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي ئەرلىك غۇرۇرى بىلەن ياشىغان ئەر ئۈچۈن، ئاياللار قانچىلىك بەدەل تۆلىسىمۇ ئەرزىيدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 23:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بولمىغان بولسا بۇ ئەرلەر زار زار يىغلاپ قىيامەتنى تىلەپ كېتەر بولغىيتى
دۇنيا ئاياللار بولغانلىقىدن گۈزەلدۇر

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيەرنىڭ تەلەپپۇزىدىكى خەت بۇ نازىل خانقىز؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 00:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەيمەن : ئاياللار بولمىغان بولسا  ئەرلەر  ئۈلەتتى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بولمىغان بولسا  ئەرلەر  ئۈلەتتى

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:06:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم بولغاچ  ئاللاھىتاللا ئاياللارنى ئەرلەرگە جۈپ قىلىپ ياراتقان .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:34 , Processed in 0.117965 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش