ئاياللار ئەزەلدىنلا بولمىغان بولسا..... ئەرلەرمۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆرە ماڭىدىغان "ئايال" دەيدىغان بىر خىل مەخلۇقنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن بولاتتى.... شۇڭا ھېچنىمە بولمايتتى..... ئۇ چاغدا ئاللاھ بەلكىم ئەرلەرنى ئۆزلىگىدىن تۇغۇپ كۆپىيىدىغان ياكى تۇخۇم باستۇرۇپ كۆپۈيىدىغان قىلىپ يارىتار ئىدى....
ئاياللار دەسلەپتە بار بولۇپ، كېيىن يوقاپ كەتسە... ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولاتتى.... ياكى كلون ئادەملەر زىمىننى قاپلاپ، ئەسلى نەسلى ئادەمىزات بولغانلار يوقاپ كېتىشى مۈمكىن...
"ناۋادا ئاياللار بولمىغان بولسا..." ، "ناۋادا ئەرلەر بولمىغان بولسا..." دېگەنلەرنى مۇنداقلا ئويلىيالايدىغان ئادەم نەتىجىسىنى پەرەز قىلالايدۇ..... شۇڭا بۇنداق خىياللارنىڭ ئەھمىيىتى يوق.... ئەگەر مۇشۇنداق سۇئاللارنى قويۇپ، ئاياللارنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولساڭلار بۇ بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟
