يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 304|ئىنكاس: 1

قۇتادغۇبىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقەددىمە

ئۇيغۇرلار - ئۇزۇن تارىخقا ، مول مەدىنىيەتكە ئىگە ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت . ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋە پارلاق مەدىنىيەتكە ئىگە مەملىكەت بولۇپ شەكىللىىشىدە ،ئۇيغۇر خەقىمۇ ، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ، تۈرلۈك تارىخىي دەۋرىلەردە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان ، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مول مەدىنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىشقا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى . ئەنە شۇنداق تۆھپىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىدۇر .
بۇ داستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت قۇبۇلىدىن كېيىنكى يازما ئەدىبىياتىدىن ھازىرغىچە زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئى ئەسەر ؛ 11 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ھەم قارا خانىيلار دەۋرى ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن ئىدىئولۇگىيسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسىدۇر . بۇ داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىيتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيتى تارىخىدىمۇ زور قىممەتكە ئىگە .


1
10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9-ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، اراپ ، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل
بالاساغۇن شەھرىنىڭ ئورنى : ھازىرقى سوۋېت قىرغىزىستانى توقماق رايونىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ.
قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ يېڭى دەۋر مەدىنىيتى ( تاكى 13- ئەسىرگىچە ) غەرپ مەدىنىيتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغلاردا قارا خانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئەبۇ ئابباس پەرغانى ، ئەبۇ نەسىر ارابى ، ئەبۇ رەيھان بىرونى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلار مەيدانغا كەلدى . شەرقتىكى بۇدداچى ، ئېدىقۇت ، ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ساڭقۇسالى تۇتۇڭ قاتارلىق بۇيۈك تەرجىمان ۋە ئالىملار يېتىشپ چىقتى . دىننى ئايرىمىلىقلاردىن قەتئىنەزەر ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن يۈكسەك سەۋىيگە ئىگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىنىيتى ۋۇجۇتقا كەلدى .
« قۇتادغۇ بىلىك » داستانى ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كەلدى .

2
2بۇ داستان قەشقەردە يېزىلغان بولۇپ ، مۇئەللىپنىڭ ئېيتىشىچە ، ھىجىرىينىڭ 462- يىلى 18 ئايدا تاماملانغان . شۇنىڭغا قارىغاندا ،داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى مىلادى 1070 _ 1069_ يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ . مۇئەللىپنىڭ ئۆزى بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، ئىجادى پائالىيتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن .

تەگۇردى مەڭا ئەلگىن ئەلگىن ئەلىگ ياشىم ،
قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم .
( تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم ،   
قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم . )

قوغۇ _ ئاققۇ .
بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ بۇ داستاننى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا ئەللىك ياشلاردىن ئاشقانلىقىنى ، داساتاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا ، تەخمىنەن مىلادى 1018- ياكى 1019 - يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
داستان يېزىلىپ بولغاچ ، مۇئەللىپ ئۇنى قارا خانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەنگ تەغدىم قىلغان ، ھەسەن بۇغرا خان مۇئەللپكە خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن .
داستاننىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق ، ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن كۆچۈرۈلگەن ۋېنا ، قاھىرە ، پەرغانە ( ياكى نەمەنگان ) نۇسخىلىرىدىن ئىبارەت .
ۋېنا نۇسىخىسى : مىلادى 1439 - يىلى ھىرات شەھرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمىس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرلۈپ ، مىلادى 1474 - يىلى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىن ئاۋىستىرالىيەلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال بۇ نۇسخىنى ۋېنا ئورادا كۈتۈپخانىسىغا كەلتۈرگەن ، بۇ ھازىرمۇ شۇ كۈتۈپخانىدا ساقلانماقتا ( بۇ نۇسخا ھىرات شەھرىدە كۆچۈرۈلگىنى ئۈچۈن ، ھىرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) . 1823- يىلى فىرانسۇز شەرقشۇناسى ژائۇبېرت ئامبېدى تۇنجى بولۇپ مەتبۇئاتتا « قۇتادغۇ بىلىك » ھەققىدە خۋەر ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن بەزى نەمۇنىلىرىنى نەشر قىلدۇرغان . 1870- يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ۋامبىرى شۇ نۇسخا بويىچە « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان . ]
قاھرا نۇسخىسى : ئەرەپ ھەرىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، قاھىرەدىكى ، ھىدىۋ ،( ھازىرقى قىرال ) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا ، بۇ نۇسخىنى 1896 - يىلى نېمىس ئالىمى مورىتىز تۇنجى قېتىم ئاشكارلىغان ھەم 1897 - يىلى مەشھۇر رۇس ئالىمى ھاجىپ _ (ئەرەپچە ) ئارىچى ، ۋاكالەتدار ، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى سۆز بولۇپ ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى تۈركچىسى ، تاياڭۇ ، يەنى تايانچ ، سەلتەنەت تايانچى ، دۆلەت تۈۋرۈگى دېمەكتۇر . ( « دېۋانى لۇغەت تۈرك »، وتۇ نۇسخا 230- بەت . )  
رادلوقا شۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەۋەتكەن ، رادلوف ۋېنا نۇسخىسى بىلەن بۇ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ، نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەندىن كېيىن ،1910- يىلى « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ تىرانسىكىرىپىسىيسى بىلەن نېمىس تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان . 1943- يىلى قاھىرە نۇسخىسىنىڭ 0وتۇ نۇسخىسىنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈپ ، قايتا بېسىلىپ چىققان .
پەرغانە نۇسخىسى ئەرەپ ھەرىىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ھەممىدىن تولۇق نۇسخا بولۇپ ، بۇ نۇسخىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى 1914 - يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسى كۈتۈپخانىسىدا كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىغان. 1924 - يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ۋە بىر يىلدىن كېيىن بۇ نۇسخا ھەققىدە ماقالا ئېلان قىلغان ، ئاندىن 1928 - يىلى بۇ نۇسخىنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى زۆرۈر ئىزاھلار بىلەن ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان . يۇقىردىكى 3 خىل كۆچۈرمە نۇسخىدا بېيىتلار سانى ھەرخىل ئىدى . مەسىلەن : قاھىرە نۇسخىسى 5.400 بېيىتتىن ، پەرغانە نۇسخىسى 6.095 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان . ۋېنا نۇسخىسى تېخىمۇ تولۇقسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، 3 نۇسىىدا دىگۈدەك كۆچۈرگۈچىلەردىن كەلگەن ئايرىم خاتالىقلارمۇ بار ئىدى . كېيىن ، تۈركىيە ئالىمى رېشىت رەھمىتى ئارات يۇقىردا بايان قىلىنغان 3 نۇسخىنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تولۇقلاش بىلەن 1947 - يىلى « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭA . نەسرى مۇقەددىمە ؛ B . نەزمى مۇقەددىمە ؛ C . باپلار مۇندەرىجىسى ؛ D . « قۇتادغۇ بىلىك » تېكىسىتى ؛ E . مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە لېرىكىدىن ئىبارەت تىرانسىكىرىپىسىيلىك تولۇق مەتىن ( تېكىست ) نى تۇرغۇزۇپ چىقتى . شۇ مەتىن بويىچە ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » داستانى 85 باپقا بۆلۈنگەن بولۇپ ، 6.645 بېيىت ، يەنى 13.290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان ( كېيىن قوشۇلغان نەسرى ۋە نەزمى مۇقەددىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا ) .
داستان ئايرىم تۆتلىكلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، مەسنىۋى ( ئىككىلىك ) شەكلىدە ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتاقارىپ بەھرىدە يېزىلغان بولۇپ ، 3.800- 3.801 - بېيىت بىلەن ئاخىرىدا ئىلاۋە قىلىنغان 3 لېرىكىنىڭ ئىككىسى مۇتاقارىپ مۇسەممەنى سالىم ( يەنى ھەئۇلۇن ، ھەئۇلۇن ، ھەئۇلۇن ، ھەئۇلۇن ،) ۋەزنىدە يېزىلغان .
ھ« قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ژانىر ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئۆز دەۋرى ئۈچۈن تامامەن يېڭى بىر بەدىئى ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ، شۇ زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ مۇجەسسەم قامۇسىدۇر . مەشھۇر سوۋېت ئالىمى س . ي . مالوفمۇ « قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىلغان يىلى مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئىسلام دىداكتىك مەزمۇنىدىكى يادىكارلىغىدۇر » ... ئۇنىڭ ئەرەپ ئىلىپبەسى بىلەن يېزىلغان نۇسخىلىرى 11 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى بىر قەدەر روشەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ دەيدۇ .

3
« قۇتادغۇ بىلىك » ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن بىر ئەدىبى ئەسەر ۋە ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر . ئۇنىڭدا لىرىكا ئامىللىرى بىلەن ئىپىك بايان ، دىراممىلىق ئېپىزوتلار بىلەن تەبىئەت تەسۋىرى ، ئوبرازلىق تەسەۋۇر بىلەن شەخس ( ئادەم ) خاراكتىرى ، پەلسەپىلىك تەپەككۇر بىلەن مەجاز ( مىتافورا ) ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان . لېكىن ئۇ مۇھەببەت داستانى ياكى قەھرىمانلىق داستانى ئەمەس . بۇ ئەينى زامان ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن زىچ باغلانغان ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن رىياللىغى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەدىبىي ئەسەردۇر . « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى
س . ي . مالوھ : « قەدىمكى تۈركى يېزىقلار يادىكارلىقلىرى » 229 - بەت . 1959 - يىل ، موسكىۋا لېنىنگراد .  
نۇرغۇن تەسۋىرلەردە زىئالىزىم نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ ، مۇئەللىپ ئۆز دەۋرىدىكى ئىجدىمائى تۇرمۇشنى قۇرۇق پەند- نەسىھەتكە تايىنىپ ئەمەس ، بەلكى بەدىئى ئۇسۇل بىلەن پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ ، كونكىرت ۋەقە ئېپىزوتلىرى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . ئەسەردىكى تۆت پىرسوناژ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ خاراكتىرىرىدىكى پەرقلەر پىرسۇناژلارنىڭ بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ھايات پەلسەپىسى ۋە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ . مانا بۇ نۇقتا « قۇتادغۇ بىلىك » داستانىنى باشقا ھەرقانداق پەندى نەسىھەت خاراكتىرىدىكى ئەسەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ .
ئەسەردىكى ھۆكۈمدار كۈنتۇغدى مۇئەللىپ تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە غايىۋىلەشتۈرۈلۈپ ئادىل قانۇننىڭ سىمۋولى قىلىنغان . ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ :

كونىلىك ئۇزەلە كەسەرمەن ئىشىگ ،  
ئادىرمازمەن بەكسىگ يا قۇلسىغ كىشىگ .
( قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن ،

ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ ئىشىن . )   
كەرەك ئوغلۇم ئەرسە ياقىن يا ياغۇق ،
كەرەك بارقىن ئەرسە كەچىگلى قونۇق .

( كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن ، يېقىن تۇغقىنىم ،
يولۇچى ، ئۆتكۈنچى ، بىرەر قونىغىم . )

تورۇدە ئىكىگۇ ماڭا بىر سانى ،
دەسەردە ئادىن بولماغاي ئول مىنى .

( ماڭا تەڭ ئىكىسى قانۇن ئالدىدا ،
بولەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا . )

ئەسەردىكى ۋەزىر ئايتولدى ئۆزىنىڭ بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ، ئەمما بەخت - سائادەتنىڭ قارارسىزلىغىنى ، تۇتۇشنى بىلمىسە ، ئۇنىڭ تېز قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بەخت - سائادەتنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى گۈزەل ئەخلاقىلىق بىر كىشى بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ .
ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئوگدۇلمىش ئەقىل - پاراسەت سىمۋولى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوبرازى ئاتسىنىڭ ئوبرازىدىنمۇ يارقىنراق ، ئۇ بىر مۇنچە ئالىجاناپ پەزىلەتلەرنى تولۇق ئىگەللىگەندىن تاشقىرى ، يەنە يۈكسەك ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىمگە ئىگە ھەم ئاشۇ ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم ئارقىلىق دۆلەت ۋە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بىر ئوبرازدۇر .

ئەسەردىكى قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش ھەممىدىن مۇرەككەپ شەخس . ئۇ زور ئالىم ، دانىشمەن ، پەيلاسوپ ، لېكىن ، رىيال دۇنيادىن قول ئۈزگەن زاھىت . ئۇ ، بۇ دۇنيانى بىر قونالغۇ ( ئۆتەڭ ) ، كىشى ئۈچۈن ئازغىنا يىمەكلىك بىلەن بەدەننى ياپقۇدەك بىر پارچە لاتا كۇپايە ، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك دەپ قارايدۇ . كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ساراي خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىپ يازغان خېتىگە قاتتىق جاۋاپ قايتۇرىدۇ . لېكىن ، ئاخىرىدا ئوگدۇلمىش بىلەن كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ : خەلققە پايدىلىق بولۇش كېرەك ، خەلققە خىزمەت قىلغان كىشىلەرلا ھەقىقى بەختكە ئېرىشىدۇ ، خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت دېگەن مەزمۇندىكى گەپلىرىگە قايىل بولىدۇ ۋە ئوگدۈلمىشكە : سېنىڭ ماڭغان يولۇڭ توغرا ، سەن شۇ يولدا مېڭىشنى داۋام ئەت ، دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ . C:0%5دىمەك ، مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بى رپۈتۈن ئىدىيە ھىسياتىنى ئەنە شۇ تۆت پىرسۇناژ ، يەنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى ئېلىگ ( ھۆكۈمدار ) ، بەخت - سائادەت سىمۋولى ئايتولدى ( ۋەزىر ) ، ئەقىل - پاراسەت سىمۋولى ئوگدۇلمىش ( ۋەزىرنىڭ ئوغلى ) ، قانئەت سىمۋولى ئودغۇرمىش ( زاھىت ) ئارىسىدىكى دىراممىلىق سۆھبەتكە سىڭدۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە جەمىئەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى نامايەن قىلىدۇ . ئۆز دەۋرىدىكى رىئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بىر قاتار ئىجدىمائى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، ئۇ ، قارا خانىلار دەۋرىدىكى يۇقىرى

تەبىقىغە مەنسۇپ شەخس بولسىمۇ ، ئىجتىمائى زىديەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن ۋە زىئاللىقنى پەدەزلىمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھمىسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ ھەم سۆكىدۇ . مەسىلەن :

ئەي ئېلىگ ، ئوتاچى سانى سەن بۇ كۇن ،   
بۇدۇن بارچا ئىگلىگ ساڭا مۇڭلۇغۇن .
( ئېلىگ سان تىۋىپقا ئوخشارسەن بۇ كۇن ،
ساڭا مۇھتاج ئېرۇر ئاغرىق - گلق پۇتۇن .قايۇسى كوتۇرمىش بولۇر كۇچ ئىرىنچ ،
ياقۇسى چىغايلىق بىلە يېر ساقىنىچ . ( بىرى چەككەچ زۇلۇم ،بەختى قارادۇر ،
بىرى يوقلۇق غېمىدە بىنەۋادۇر . )
قايۇ ئاچ ،قايۇسى يالىنمىش بولۇر ،قايۇ قادغۇ بىرلە ئۇنىمىش بولۇر .  

( بىرى ئاچ ، ئۇ بىرسى يالاڭغاچ يۇرۇر ،
بىرى قايغۇ - غەمدە پىغانلار چېكۇر . )

سېنىڭدە تۇرۇر ، كور ، بۇلارنىڭ ئەمى  
ئوتاغىل دارۇ بىرلە ، بولغىل قامى .

( سېنىڭدە تۇرۇر ، كور ، بۇنىڭ دورىسى ،
داۋالا بولۇپ سەن ھېكىم - ئۇستىسى . )

قالى قىلماسا سەن ئەمى يا ئوتى ،
بودۇنقا بولۇرسەن تىرگلىك يۇكى .( بېرىپ دورا - داۋاسىن قىلمىساڭ گەر سېنىڭدىن بۇ خەلققە پالاكەت تېگەر .)
مۇئەللىپ يەنە بىر قانچە بېيىتا شۇ ۋاقىتتىكى رىئال جەمىئەتكە بولغان كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ :   

ئەي بىلىملىك كىشى ، ئەتراپىڭغا بىر باق . نىمىلەرنى كۆرەرسەن ، بىلىملىكەر خارلانغان ، ئېتىۋاردىن چۈشكەن ، چەتكە قېقىلغان ....ئەقىللىقلار تىلسىز ، ئۇلار ئاغىزىنى ئاچماس .... ھالالنىڭ چەقەت ئېتىلا قالدى ، ھەممە ياقنى ھارام قاپلىدى ، بۇنى سەزگەن كىشى يوق .......ۋاپا ئورنىنى جاپا ئىگەللىدى ، توغرا يولدا ماڭغان كىشى نەدە ؟!
ئۆز دەۋرىدىكى رىئاللىققا قارىتا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياراتقان غايىۋى پىرسۇناژلار ئاغىزىدىن ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش ، بىلىم ، ئىقل - پاراسەت ۋە ئەخلاقنى ئىززەتلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجدىمائى غايىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . بۇنداق بىر ئىجدىمائى غايىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بىر ئوتۇپىيە ( خىيال ) بولسىمۇ ، شۈبھىسىزكى ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەينى دەۋىردىكى خەلق ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ۋە مەنپەئەتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ، تارىخى تەرەققىيات تەلىۋىنى ئىپادىلىگەن ، شۇڭا بۇ مۇئەييەن ئىلغارلىققا ئىگە . ئەنە شۇ نۇقتىلار بويىچە ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » باشقا بارلىق مۇنەۋەر كىلاسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئوخشاشلا روشەن خەلقچىللىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە ئەسەردۇر .
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش كېرەككى ، « قۇتادغۇ بىلىك » تىل ۋە شېئىرى ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ 11 - ئەسىردىلا خېلى يۇقىرى سەۋىيگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . مەسىلەن : ئەسكەر باشلىغى يۈرەكلىك ۋە جەسۇر بولۇشى لازىم ، شۇ چاغلدىلا ئۇنىڭ جەڭچىلىرىمۇ جاسارەتلىك بولالايدۇ ، دېگەن پىكىر مۇنداق گەۋدىلەندۈرۈلگەن :
كۆر ، ئارسىلان بولۇ بىرسە ئىتقا باشى ، بۇ ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئوز تۇشى .

قالى بولسا ئارسىلانغا ئىت باشچىسى ،  
ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقىشى ،
( بولىۋەرسە ئىتقا ، كور ، باش ئارسىلان ،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان ،  ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ،
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان . )
مۇئەللىپ ئادەمنىڭ مەنىۋى كامالەتكە ئېرىشىش ۋاقتى ياشلىق چېغى ئىكەنلىگى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ :

بودۇم ئوقتەگ ئەردى ، كوڭۇل ئەردى يا ،
كوڭۇل قىلغۇ ئوقتەگ بودۇم بولدى يا،
( بويۇم ئىدى ئوقتەك ، كۆڭۈل ئىدى يا ، كۆڭۈل قىلغۇ ئوقتەك ، بويۇم بولدى يا . )

تەبىئەت تەسۋىرىگە بىر مىسال :

قالىق يىرتتى كەدمىش قارا كوڭلەكىن ،
ئاچىلدى يارۇق يۇز كوتۇردى ئەگىن .
كۇلە باقتى ئورلەپ تانۇ قىز يۇزى ،
يارۇدى بۇ دۇنيا ئىرى ھەم قوزى .
( پەلەك يىرىتتى كەيگەن قارا كۆڭلەگىن ،كوتەرتىپ پەرەنجە ، ئۇ ئاچتى يۇزىن ،  كۇلۇپ باقتى ئورلەپ گۇزەل قىز يۇزى ،
يورىدى جاھاننىڭ ھەر ئىككى يۇزى .)

« قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى يەنە بىر مۇھىم تۆھپىسى شۇكى ، ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى بەزى نادىر ژانىرلار ( مەسىلەن : رۇبائى ، تەجنىس ، تۇيۇق ) نىڭ شۇ دەۋىرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىگى ، يەنى بۇ ژانىرلارنىڭ قەدىمدىن قالغان مىللى مىراسلىرىمىز ئىكەنلىگى روشەن نامايەن قىلىنغان . بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيسىدىكى بىزى چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .  

رۇبائىلارغا مىسال :  
نەگۇ ئەر بولۇر ، كور ، مىڭەر دۇشمانى ،
مىڭەر سوزلەمەسە كۇنىگە ئانى .  
بورىمۇ بولۇر كورگىل ئىتتە قايار ،
ئۇدۇلا ئىشتسە مىڭ ئىتلەر ئۇنى .
( نىچۇك ئەر سانالۇر مىڭەر دۇشمىنى ، مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەر كۈنى
كور ، ئىتتىن قاچقان ئۇ بورى بولۇرمۇ ،
ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۇنى . )

قۇت ئول بەگ ، بودۇنقا قۇتادغۇ كەرەك ،
قۇتادسا بودۇن قارنى تودغۇ كەرەك .  
ئىككى يۇزى- كۇنگەي ۋە تەسكەي .
بۇ بەگلەر تەڭىز ئول تۇپى يىنچۇلۇگ ،
تەڭىزكە ياغۇغلى بايۇغۇ كەرەك .
( بەگدۇر بەخت ، ئەلگە بەخت بەخش قىلماق كېرەك
بەخت بەرسە ، ئەل قارنىن تويدۇرماق كېرەك . بۇ بەگلەر دېڭىزىدۇر ، تۇۋى ئۇنچىلىك ،  دېڭىزگە يېقىنلاربېيىماق كېرەك . )  
مانا بۇ كۇبلىتلاردا رۇبائىينىڭ ھەممە ئالاھىلىدىكلىرى ، يەنى چوڭقۇر پەلسەپىلىك پىكىر ، مەنا جەھەتتىن مۇستەقىلىلىق ۋە تولغۇنلۇق ، تىل ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن پىششىق ھەم ئىخچاملىق ، شەكىل جەھەتتىن توتلۈك بولۇش خۇسۇسىيەتلىرى تولۇق ئىپادىلەنگەن .تەجنىس ۋە تۇيۇق ئۇمونىم سوزلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بىر خىل شېئىر شەكلى بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كەڭ تارقالغان بىر خىل نادىر سۆز سەنئىتىدۇر . بۇ خىل شېئىر شەكلى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە ، بەلكى تەرەققى قىلماقتا . « قۇتادغۇ بىلىك » تە مانا شۇ سۆز سەنئىتىگىمۇ ئاللىقاچان ئاساس سېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز .
مەسىلەن : ;قىز دېگەن سوز قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ھازىرقى مەنىسىدىن تاشقرى ، قىس كەم ، نادىر دېگەن مەنىلەرنى بېرەتتى . شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بۇنداق يازىدۇ :

بۇ مۇنداق كىشىلەر بولۇر ئىزى قىز ، بۇ قىز قىزلىغى قىلدى قىز ئاتى قىز .  
( مۇشۇنداق كىشىلەر بولۇر بەكمۇ قىز ، بۇ قىز قىزلىغى قىلدى قىز ئاتى قىز . )
ئىزى- ( قەدىمقى ئۇيغۇرچە ) بەك ، بەكمۇ .
ھىساپ دېگەن سۆز قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ساقىش دېيىلەتتى . ساقىش سوزىنىڭ ئىتمولوگىيسى ( كېلىپ چىقىشى ) ساق ئىش بولغاچقا ، شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇنداق يازغان :
ساقىش ساقلىغىن بولدى ئاتى ساقىش ،
كورۇ بارسا ساقىش ئىزى ئوك ساق ئىش . ( ھېساپ ساقلىغىدىن ئاتالدى ساقىش ،
كورۇرسەن ھىساپ ئۇ ئوزى بەك ساق ئىش . )

قەسىر ، ساراي ، ئوردا سۆزلىرى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا قارشى دېيىلەتتى . قارشى سۆزى يەنە ھازىرقى مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلەتتى . شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇنداق يازغان :

بۇ بەگلەر ئەۋى ئاتى قارشى تۇرۇر ،
بۇ قارشى ئىچىندەكى قارشى تۇرۇر .
( بۇ بەگلەر ئۆيىنىڭ ئاتى قارشى دۇر ،بۇ قارشى ئەھلى ئۆز - ئارا قارشىدۇر . )
ئوگ دېگەن سۆز قەدىمقى زاماندا ئەقىل - ئىدراك ، ماختىماق ، چوڭ ياكى بۈيۈك دېگەن مەنىلەردە قوللىناتتى ، شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ناھايتى ئوبدان تۇيۇق ( مۇختەمىلات ) يازغان :

قايۇ ئەردە بولسا ئۇقۇش بىرلە ئوگ ،
ئانى ئەر ئاتاغىل ، نەچە ئوگسە ئوگ .
ئۇقۇش ئوگ بىلىك كىمدە بولسا تۇگەل ،
ياۋۇز ئەرسە كەدتى ،كىچىك بولسا ئوگ .

( ئەگەر كىمدە بولسا ئاڭ -ئىدراك ۋە ئوگ ،ئۇنى ئەر ساناپ سەن قانچە ئوگسەڭ ئوگ . ئەقىل - ئاڭ ، بىلىم كىمدە بولسا تولۇق ، يامان بولسا خوپ دە ،كىچىك بولسا ئوگ .)
بۇ يەردە ئوگ سۆزى بىرىنچى مىسرادا ئەقىل ، ئىككىنچى مىسرادا ماختىماق ، تۆتىنچى مىسرادا چوڭ دېگەن مەنىلەردە كەلگەن .
« قۇتادغۇ بىلىك » تە مول ۋە كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان پەلسەپىلىك پىكرلەر شەرھىلەنگەنلىكى ، يۈكسەك بەدىئىيلىك ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا قارا خانىيلار تېروتورىيەسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ رايونلاردا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان . كىتاپقا شۇ دەۋىردە باشقىلار تەرىپىدىن ئىككى مۇقەددىمە يېزىلغانلىقى ۋە 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ياشىغان ئالتۇن ئوردا دۆلىتىنڭ مەركەزلىرىدىن بولغان سارايچىق شەھرى خارابىسىدىن 1909 - يىلى تېپىلغان بىر كوزىدا « قۇتادغۇ بىلىك » كە تەقلىدەن يېزىلغان مىسرالارنىڭ ئۇچرايدىغانلىقى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر .
12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئەدىپ ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ ئەتەبەتۇل ھەقايىق ( ھەقىقەت ئىشىگى ) ناملىق دىداكتىك داستانىنىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن « قۇتادغۇ بىلىك » كە ئوخشايدىغانلىقى ،« قۇتادغۇ بىلىك » تىن 250 يىل كېيىن نەسىردىن رابغۇزى تەرىپىدىن يېزىلغان « قىسسەسۇل ئەنبىيا » ناملىق ئەسەرنىڭ بېشىدىكى « باھار ھەققىدە مەدىھىيە » مۇ « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ دۆلەت ، سىياسەت ، ۋە ئىجدىمائى ئىدىيىلەر جەھەتتىلا ئەمەس ، بەلكى ئەدىبىيات جەھەتتىمۇ كېيىنكىلەرگە قانچىلىك كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
*****************************************
يۇقىردا بايان قىلىنغانلاردىن مەلۇم بولىدۇكى ، « قۇتادغۇ بىلىك » يېڭىدىن ئايىغى چىقىپ تاڭتايلاپ مېڭىۋاتقان بىر مەدىنىيەتنىڭ ئەمەس ، بەلكى قەدىمقى ۋە يۈكسەك بىر مىللى مەدىنىيەتنىڭ بىۋاستە مەسھۇلى . ئۇ ، ئەدىبى ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ھەم تارىخ ، ھەم پەلسەپە ، ھەم سىياسەتنامە ياكى دۆلەتشۇناسلىق ، ھەم ئىجدىمائى تەلىم - تەربىيە ۋە ئۇزاق ئۆتمۈش ھايات بىلەن قارا خانىيلار دەۋرىدىكى رېئال ھاياتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستىمىلىق بىر ئىلمى ئەسەر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ ، شەرق مەدىنىيتىنى ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تارىخىنى ، قەدىمقى ئەجدارتلارنىڭ پەلسەپە ، ھوقۇق ، ( قانۇن ) ، ئېتىكا ( ئەخلاق ) ، تەلىم - تەربىيە ، دىنىي ئېتىقات ، دۇنيا قاراش ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مەنبە : <<تارىخىي كىتاپلار تەزكىرىسى>> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى


ياقتۇرۇپ ساقلىۋالغان ئەسەر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقەددىمە

ئۇيغۇرلار - ئۇزۇن تارىخقا ، مول مەدىنىيەتكە ئىگە ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت . ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋە پارلاق مەدىنىيەتكە ئىگە مەملىكەت بولۇپ شەكىللىىشىدە ،ئۇيغۇر خەقىمۇ ، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ، تۈرلۈك تارىخىي دەۋرىلەردە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان ، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مول مەدىنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىشقا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى . ئەنە شۇنداق تۆھپىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىدۇر .
بۇ داستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت قۇبۇلىدىن كېيىنكى يازما ئەدىبىياتىدىن ھازىرغىچە زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئى ئەسەر ؛ 11 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ھەم قارا خانىيلار دەۋرى ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن ئىدىئولۇگىيسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسىدۇر . بۇ داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىيتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيتى تارىخىدىمۇ زور قىممەتكە ئىگە .

1
10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9-ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، اراپ ، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل
بالاساغۇن شەھرىنىڭ ئورنى : ھازىرقى سوۋېت قىرغىزىستانى توقماق رايونىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ.
قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ يېڭى دەۋر مەدىنىيتى ( تاكى 13- ئەسىرگىچە ) غەرپ مەدىنىيتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغلاردا قارا خانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئەبۇ ئابباس پەرغانى ، ئەبۇ نەسىر ارابى ، ئەبۇ رەيھان بىرونى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلار مەيدانغا كەلدى . شەرقتىكى بۇدداچى ، ئېدىقۇت ، ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ساڭقۇسالى تۇتۇڭ قاتارلىق بۇيۈك تەرجىمان ۋە ئالىملار يېتىشپ چىقتى . دىننى ئايرىمىلىقلاردىن قەتئىنەزەر ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن يۈكسەك سەۋىيگە ئىگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىنىيتى ۋۇجۇتقا كەلدى .


مەن پايدىلىنىدىغان مەزمۇنلاركەن ، ئەزىزىمگە تەشەككۇرلەر  ، ھارماڭ !!!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:53 , Processed in 0.057509 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش