يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 9

ئىستاكاننى قويۇپ قويۇڭ ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىملىق تۇرمۇش سەنئىتى لېكسىيىسىدە پروفېسسور لىق سۇ قاچىلانغان ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغانلاردىن سوراپتۇ :
_ بۇئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىكتۇ ؟!
_ 50 گىرام ، 100 گىرام .... ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ كۆپچىلىك .
_ ۇنىڭ ئېغىرلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، لېكىن ئادەم ئۇنى كۆتۈرسە ھەرگىزمۇ ھارمايدىغىنىنى بىلىمەن، - دەپتۇ پروفېسسور .
_ يەنە بىر سۇئالىم - ئەگەر مەن بۇ ئىستاكاننى بىر نەچچە مىنۇت كۆتۈرسەم قانداق بولار ؟
_ ھېچنېمە بولمايدۇ - دەپتۇ كۆپچىلىك .
_ ياخشى ، ئەگەر بىر سائەت كۆتۈرسەمچۇ ؟!
_ بىلىكىڭىز تېلىپ ئاغرىيدۇ .
_ توغرا ، ئەگەر بىر كۈن شۇنداق كۆتۈرۈپ تۇرسامچۇ ؟!
_ ئۇنداقتا بىلىكىڭىز سېزىمىنى يوقىتىدۇ .
_ ياخشى ، مەن ئىستاكاننى كۆتۈرگەندە ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى ئۆزگەردىمۇ ؟
_ ياق !
_ ئۇنداقتا بىلىكىم نېمىشقا ئاغرىيدۇ ، بىلىكىمنىڭ ئاغرىشىنى خالىمايمەن ، قانداق قىلىشىم كېرەك ؟
_ بۇ بەك ئاددىيغۇ ، ئىستاكاننى قويۇپ قويۇڭ !
_ شۇنداق ، - دەپتۇ پروفېسسور تەستىقلاپ ، - ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر خۇددى قولۇمدىكى ئىستاكانغا ئوخشايدۇ ، بىرەر مەسىلىنى بىر نەچچە مىنۇت ئويلىساق ھېچقىسى يوق ، لېكىن داۋاملىق شۇ ئىشنى ئويلاۋەرسەك يۈرىكىمىز ئاجىزلىشىپ كېتىشى ، ھەتتا بارغانسېرى روھىي جەھەتتىن بىراقلا تۈگىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن . شۇ ۋاقىتتا بىز ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز . تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ، بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك ، لېكىن ھەمىشە شۇ مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ، شۇ ئىشلار ئۈچۈن غەم يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق . مۇۋاپىق پەيتتە شۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ئۆزىمىزنى يېنىكلىتەيلى ، بولمىسا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا غەملەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىمىز .
دوستۇم ، ئىستاكاننى قولىڭىزغا ئالغاندا ئۇنى قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ !

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بولغان تېمىدىن بىرنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز سىزگە كۆپ رەھمەت !
شۇنداق ، قولىمىزدىكى ئىستاكاننى قويۇشنى ئۇنتىغان ھالدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ قويىمىز- دە ئاخىرىدا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆرۈنمەس بىر قەپەزنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىنىمىز .
بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام ئىدىم بۇ تېمىنى نۇرغۇن ئىشلارغا تەدبىق قىلىپ ئۆتەركەنمەن .. ھېلىمۇ كېچىكمەيمەن ...سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:36:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىكى مۇشۇنداق ئاددىي مەسلىلەرمۇ ئادەمگە نۇرغۇننى قىلىشنى، نۇرغۇننى قىلماسلىقنى ئۈگىتىدۇ. يۇقىرىقىمۇ ناھايىتى ئاددىي ئىشكەن، ئەمما ۋاقتى كەلسە ئادەمنى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق، كۆڭۈلسزلىكلەردىن قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن.
   جۇلالىق خېلى پەيزى تېمىلارنى يوللاپ قويىسىز بولمىسا.

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:40:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشى  بەزىدە  قولىدا  ئىستاكان بارلىغىنى  ھېس  قىلالماي  جاپادا  ئۆتۇپ  كېتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە جانىم، مۇشۇ كەمگىچە مېنىڭ پەيزى تېما يوللايدىغانلىقىمنى بىلمىگەنما؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنداق بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەن.
كۆڭۈلنى غەش قىلدىغان ئىشلارنى ئامال بار ئويلىمايمەن. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئۇنۇتماق ئاسان ئەمەس، بىراق قىلاي دېسەڭ چوقۇم قىلالايسەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزىۋەتتىم ئۈستەلگە ئىستاكان دىگەندىن  مانچىنى ....ھىم !!!!!

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:59 دە يوللىغان
تىزىۋەتتىم ئۈستەلگە ئىستاكان دىگەندىن  مانچىنى ....ھىم !!!!!

ئىستاكان بەك كۆپ بوپ كەتسە، كېيىن قويۇپ قويمىقىڭىز بەسىي مۈشكۈلدۇر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ، مەن ئەمدى شۇنداق قىلاي، قولۇم تېلىپ سېزىمىنى يوقاتقۇچە ئىستاكاننى جايىغا قويۋالاي

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:58 دە يوللىغان

ئىستاكان بەك كۆپ بوپ كەتسە، كېيىن قويۇپ قويمىقىڭىز بەسىي مۈشكۈلدۇر.

جانىم ، بۈگۈنگە قەدەر چېقىلىپ ئىككى تاللا قېلىپ قالدى ئىستاكاندىن ... ئاللاھ ئاسانلىق بەرسە ئۇلارنىڭمۇ ئورنى چىقىپ قالار

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:27 , Processed in 0.057836 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش