يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1251|ئىنكاس: 5

ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا قانداق كىردى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 19:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا قانداق كىردى؟

بىر كۈنى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئېرى ھوجرىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ. ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشىكنى چېكىپتۇ.
- كىم؟ - سوراپتۇ ئېرى.
- ئايال پادىشاھ. - تەكەببۇرلۇق بىلەن جاۋاب بىرىپتۇ ۋىكتورىيە. بىراق ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئۇ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
- كىم؟ - سوراپتۇ ئېرى يەنە.
- ۋىكتورىيە، - دەپتۇ ئايال پادىشاھ. بىراق يەنىلا ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئايال پادىشاھ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
- كىم؟ - سوراپتۇ ئېرى يەنە.
- سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، - دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال پادىشاھ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. بۇ قىتىم ئىشىك ئېچىلىپتۇ.
^^^^^^^^^^^^


ھەقىقىي ئايال كىم؟

بىسمارك--گىرمانىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى مەشھۇر سىياسىئونى.
بىر كۈنى ئۇ سانكىت پىتىربورگدا بىر خانىم بىلەن تانسا ئويناۋىتىپ، ئۇ خانىمنى «پەرىشتىدەك چىرايلىق ئىكەنسىز» دەپ ماختاپتۇ.
- دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە زادىلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپتۇ ئۇ خانىم.
- نىمىشقا؟
- بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ «بولىدۇ» دىگىنى - «مۈمكىن» دىگىنى. «مۈمكىن» دىگىنى - «بولمايدۇ» دىگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولمايدۇ» دىگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق كىشى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولالمايدۇ.
- خانىم، دىگىنىڭىز تامامەن توغرا. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كىرەك. بىزگە شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق. لىكىن، سىلەر ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
- بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ ئاياللارنىڭ «بولمايدۇ» دىگىنى - «مۈمكىن» دىگىنى. «مۈمكىن» دىگىنى - «بولىدۇ» دىگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولىدۇ» دىگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق ئايالنى ھەقىقىي ئايال دىگىلى بولمايدۇ.
^^^^^^^^^^^^


ئەر-خوتۇننىڭ ئىش تەقسىماتى

پومپىدو فرانسىيەنىڭ پرىزدىنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە بىر كىشى ئۇنىڭغا: «يېقىندىن بىرى خوتۇنۇم مەن بىلەن بەك ئۇرۇشىدىغان بولۇپ كەتتى» دەپ دەرت تۆكۈپتۇ.
- مەن ئەزەلدىن خوتۇنۇم ئۇرۇشۇپ باققان ئەمەس،-دەپتۇ پومپىدو ئۇ كىشىگە بىر مۇنچە نەسىھەت قىلغاندىن كىيىن، - چۈنكى، ھەر قانداق مۇھىم ئىشنى ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ساياھەتكە بېرىش، بىرەر نەرسە سېتىۋىلىش، تاماق بۇيرۇتۇش، ئۆي جاھازىلىرىنى تاللاش، ئويۇن ۋە كىنو كۆرۈش قاتارلىقلار. مەن پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىشلارغىلا مەسئۇل.
- قانداق ئىشلار ئۇ؟ دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى.
- گۆش ۋە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى، ئىشچىلارنىڭ مائاشى، قورال ئىمپورت قىلىش، پۇل پاخاللىشىش دىگەندەك ئىشلار. - دەپتۇ پرىزدىنت.
^^^^^^^^^^^^


http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=313
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(«مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەزىللىرى» دىگەن كىتاپتىن تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

[ ketmenbay بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 19:51  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېمىغا قاراپ، تېپىشماق ئوخشايدۇ دەپ يۈگرۈپ كىرىپتىمەن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تېخى تېپىشماق بولسا جاۋابىنى تېپىۋېلىپ مۇنبەردىكىلەرگە ئەقىللىقلىغىمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويارمەن دەپتىكەنمەن

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
31
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 17:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3# مەرۋەرى نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

تولىمۇ ئەپسۇس قېرىنداش--مەرۋەرى--بۇ تېپىشماق بولماي قاپتۇ، ئەمما كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ~~~~~~~~~
ئەمما باشتىكى 1-،2- ھېكىمەتلىك ھېكايەتنى خانىم-قىزلارغا پايدىلىق ھېكىمەت دەپ قارايمەن~~~~~~~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى ھەر قانچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەتسۇن ياكى مىليونىر بولۇپ كەتسۇن، ئۇ ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا، مەڭگۈ ئەر كىشىنىڭ خوتۇنى، ئەردىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ.باشقىلارغا قىلغان تەكەببۇرلۇقنى ئېرىگە قىلغان ئايال، ئەدەب-ئەخلاقنى، ھۆرمەت قىلىشنى ئۇقمايدىغان بىلىمسىز ئايالدۇر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەزنىڭ ئىمزاسى  نىمانداق قىزىق ... كۈلۈپ يىتىپ قاپتىمەن .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:55 , Processed in 0.054526 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش