ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مايسىخاندىن سالام!
ئۇچتۇرپاندىكى جىگدە يېغىلىقى ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ قورقماسلىقى، جاسارىتى بىلەن 7 قىزدىن تەركىپ تاپقان قىزلار قۇشۇنىنى تەشكىللەپ، دۈشمەننىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتا غالىپ كىلىپ، ئەڭ ئاخىرى مۆلجەرتاغ چوققىسىدىن دۈشمەننىڭ توپ-زەمبىرەكلىرى ئىچىدىمۇ تەسلىم بولماي ئۆزىنى تاغ چوققىسىدىن تاشلاپ شېھىت بولغان 7 قىزلىرىمنىڭ قىز بېشى بولغان مايسىخان نامىدا تىزىملاتقان (مايسىخان)دىن بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە ئوتلۇق سالام!بۈگۈن تېخى مۇشۇنداق ياخشى بىر مۇنبەر بارلىغىنى بىلدىم ، شۇڭا مايسىخان نامى بىلەن تىزىملاتتىم .
نۇزۇگۇم ، ئىپارخان ، ئاماننىساخان ، كىرورەن گۈزىلى دىسە ھەممىمىز بىلىمىز، مايسىخان دىگەن ئىسىمنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، شۇڭا مەن ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە بىلەن بۇ ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى دوستلارغا بىلدۈرۈپ قويغاچ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ سالام يوللىدىم. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مايسىخان
سىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە كىرگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ھەمدە يەتتە قىزلىرىم سەردارى مايسىخاننىڭ نامى بىلەن كىرگەنلىكىڭىزدىنمۇ خۇرسەنمىز. يەتتە قىزلىرىم سەردارى نامىدا كىرگەن ئىكەنسىز، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدە ھەر ۋاقىت بار بولىشىڭىزنى، نادىر تېما،ئىنكاسلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.:handshake مايسىخاننىڭ قەدىمىگە مەرھابا! مايسىخاننى قىزغىن قارشى ئالىمىز،خۇش كېلىپسىز.قېنى تۆرگە مەرھەممەت. مايمىخاننىمۇ ئەسلەپ قالدىم.:loveliness: قەدىمىزگە مەرھابا !
مېنىڭ ئىسمىمگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپسىز شۇ :handshake :lol بىلمىدىم جىلۋە بىلەن مايسىخاننىڭ قانداق ئوخشاشلىقى باركىن ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مايسىخان كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! ئايرىم تېما يوللىمايلا مايسىخاننىڭ تىمىسىغا ئىنكاس يېزىپلا بارلىق قېرىنداشلارغا سالىمىمنى يوللىۋېتەي.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار مۇشۇنداق ياخشى مۇنبەرنى كېچىكىپ بولسىمۇ كۆرەلىگىنىمگە خوشالمەن. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ دائىملىق مېھمىنىڭلار بولۇپ قالىمەن كوپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىپ قوياسىلەر!
گۈلسەنەم يەتتە قىزنىڭ ھەم گۈلى ھەم سەنەمجانى بولۇشقا تىرىشىدۇ:lol گۈلسەنەم، ئايرىم تېما يوللاپ سالام بىلەن كىرمىگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئېغىر جازا بار.:lol
يەتتە قىز، يەتتە يىگىت قازانى ئويلاشسۇن.:P
گۈلسەنەمنىڭ يەتتە قىزلىرىمغا كىرگەن قەدەملىرىگە مۇبارەك!
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىمىزنىڭ گۈلى ۋە سەنەمجانى بولۇپ، نادىر تېمىلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرىۋەتكەيسىز!:handshake