چەتئەلنىڭ قىزىقارلىق قانۇنلىرى
چەتئەلنىڭ قىزىقارلىق قانۇنلىرىھەر بىر دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى شۇ دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلگەن بولىدۇ، دۇنيادا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقىرىلغان بەزى قىزىقارلىق قانۇن بەلگىلىمىلەرمۇ ئاز ئەمەس.
(1) ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ نوم شەھىرىدە ئادەملەرنىڭ ئىتقا قاراپ ھەييارلىق قىلىشى جىنايەت ھېسابلىنىشى جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن، ئەگەر ئىتقا ھەييارلىق قىلغىنى بايقىلىپ قالسا ياكى جەرىمانە قويۇش ياكى تۈرمىدە يېتىش جازاسى بىرىلىدىكەن.
(2) ئامېرىكىنىڭ ئو خېئو ئىشتاتىدا توي قىلغىنىغا بىر يىل بولمىغان ئەر ئايروپىلانغا يالغۇز چىقسا جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن.
(3) ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا ئايرودۇرۇمدا كېكىرىش چەكلەنگەن ئىكەن.
(4) ئامېرىكىنىڭ دېلاۋرا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا ئايرودۇرۇمدا چۈشكۈرۈش چەكلەنگەن ئىكەن.
(5) ئامېرىكىنىڭ مىننېسپتا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا ئايرۇپىلاندا غەرب ئەللىرى گالما ئويۇنى(تياۋ چى) ئويناش چەكلىنىدىكەن، چۈنكى ئايروپىلاندا گالما ئوينىغاندا كىشىلەرنىڭ خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋىدىكەن.
(6) لۇئىز ئاننا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا باشقىلارنى چشلەش «ئاددىي زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى» ھېسابلانسىمۇ، يالغان چىش بىلەن باشقىلارنى چىشلەش «ئېغىر زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى» ھېسابلىنىدۇ.
(7) تولا ئىككىلىنىدىغان ئاياللار دىققەت قىلىڭلار، سىلەر ھەرگىز ئىللىنويىز شىتاتىنىڭ چىليە بازىرىغا نەرسە ئالغىلى بېرىپ قالماڭ، چۈنكى بۇ بازاردىكى بىر كېيىم دۇككاندا سىنىغان كېيىمىڭىز ئالتە قۇردىن ئېشىپ كەتسە، شۇ يەردىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىسىز.
(8) ئەگەر سىز سان فىرانسىسكودا كېچىدە قاتتىق ئاۋازنى ئاڭلسىڭىز ھەيران قالماڭ، ساقچىغا تېلفۇن قىلىشقا ئالدىرماڭ، چۈنكى خوشنىڭىز گېلەم قېقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. سان فىرانسىسكودا يېرىم كېچىدىن ئەتىگەن سائەت 8 گىچە بولغان ئارلىقتىن باشقا ۋاقىتتا، پىيادىلەر كوچىسىدا گېلەم قېقىشنى چەكلەيدىكەن. سان فىرانسىسكودا كەچتە گېلەمنى قېقېپ يېرتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق چاڭ سۈمۈرگۈچ ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدىكەن، ئەگەر يېرىم كېچىدىن ئەتىگەن سائەت 8 گىچە بولغان ئارىلىقتا چاڭ سۈمۈرگۈچنى ئىشلەتسڭىز تۈرمىگە كىرىشىڭىز مۇمكىن.
(9) سەئۇدىي ئەرەبىستاندا، ئەر كىشى ئايالىغا قەھۋەنى ۋاقتىدا تەمىنلىمىسە، ئايال كىشى سوتقا ئەرز سونۇپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن.
(10) ئەمدى ئەخلەت تۇڭىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق يۇمۇرنى ئېيتىپ بېرەي. ئامىرىكىنىڭ يېڭى ئورلېياندا ئەخلەت تۇڭىنى تەپسە قانۇنغا خىلاپ دەپ بەلگىلەنگەن. سېئاتىلدا كۆپچىلىكنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بولمىسا ئەخلەت تۇڭىنىڭ ئاغزىنى ئۆز مەيلىچە ئاچسا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن. ئالاباما شىتاتىنىڭ مونتگومېرى شەھىرىدە ئەخلەت تۇڭىدا ئولتۇرسا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن. گېئورگىيە شىتاتى، چاۋاننېس شىتاتىدا ئىككىنچى قەۋەتتىن ئەخلەت تاشلىسا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.
(11) ئافرىقىدىكى تانزانىيە دۆلىتىدە ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ بىر سانتېمىتىردىن ئۇزۇن ئۆسۈپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدىكەن، ئاياللار بولسا يالغان چاچ كىيىۋالسا ياكى قېنىق گىرىم قىلىۋالسا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن، ئەگەر يۇقارقىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە، بىرىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئاندىن چېچىنى مەجبۇرى چۈشۈرىۋىتىپ، تۆت قامچا ئۇرىدىكەن. قايتا كۆرۈلسە ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى، ئېغىر بولسا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىدىكەن.
(12) ئامېرىكىنىڭ مسسىپى شىتاتىدىكى ساقچى جىكسون يېقىندا مۇنداق غەلىتە ئىشقا ئۇچرىغان، بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتقاندا بىر ماشىنىنىڭ نورمالسىز ھەيدىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ماشىنىنى توسۇپ قارىسا، بىر قارىغۇ ماشىنىنى ھەيدەۋېتىپتۇ، سەۋەبى: دوستى مەست بولۇپ كەتكەچكە، ماشىنىنى قارىغۇ دوسىتىغا ھەيدەتكۈزۈپ ئۆزى يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
(13) ئېرلاندىيە قانۇنىدا توي قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرلاندىيەلىكلەر توي قىلغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدىكەن، شۇڭا ئېرلاندىيەدە كېچىكىپ توي قىلىش تورمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قاپتۇ.
(14) سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ بىر رايۇنىدا توي قىلغاندا ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە بېرىدىغان تويلۇقى 100 ئەنگىليە پۇلىدىن ئېشىپ كەتسە ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسى ياكى جەرىمانە بېرىلىدىكەن.
(15) فىرانسىيەدە توڭگۇزغا «ناپالىيون» دەپ ئېسپ قويۇش قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.
(16) ئسىرالىيەدە شەنبە كۈنى بۇرنىنى كوچىلاشقا يول قويۇلمايدىكەن.
(17) ئەنگىلىيەنىڭ قانۇنىدا ھامىلدار ئاياللار ھەرقانداق يەردە كىچىك تەرەت قىلسا بولىدۇ، ھەتتا ساقچىنىڭ بۆكىگە كىچىك تەرەت قىلسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
(18) ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ مىئامى شەھىرىدە ھەرقانداق ئادەم ھايۋاننى دورىسا قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدىكەن.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=292
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
[ ketmenbay بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 19:54 دە تەھرىرلىگەن. ] راسلا قىزقارلىق قانونلاركەن! تېمىڭىزغا رەھمەت! ئىتقا قاراپ ھەييارلىق قىلىشقا بېكىتىلگەن قانۇن قاملاشمىغان قانۇن ئىكەن.
توي قىلغىنىغا بىر يىل بولمىسا ئايرۇپىلانغا چىقىشقا رۇخسەت قىلمىسا، بۇ كىشىلىك ھۇقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدىغاندۇ؟
ئالماشتۇرغان كىيىم ئالتە قۇردىن ئېشىپ كەتسە، جازا بېرىدىغان قانۇن بولىدىغان قانۇنكەن.;P
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىلەرگە چىقرىدىغانغا قانۇن قالمىغان ئوخشىمامدۇ؟ نېمە دىگەن تېتىقسىزلىق، قانۇن قىلاي دېسە قۇرئان، ھەدىستە نۇرغۇن قانۇنلىرىمىز بار. قانۇن قىلماي، يات ئەلنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ، قىلاي دېسە شۇمۇ ئىشتە.:Q
ئىككىنجى قەۋەتتىن ئەخلەت تاشلىسا جازالاش قانۇنىنى بىزنىڭ ما يەرلەردە ئەمەلىيلەشتۈرسە بوپتىكەن، بىزگە بولىدىغان قانۇنكەن. بۇ قانۇنلارنى ئوقىۋېتىپ نەچچىنى كېكىرىۋەتتىم دېسە...:lol ketmenbay بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:52 دە يوللىغان /images/common/back.gif
چەتئەلنىڭ قىزىقارلىق قانۇنلىرى
ئسىرالىيەدە شەنبە كۈنى بۇرنىنى كوچىلاشقا يول قويۇلمايدىكەن.
ھەقىقەتەن بىر بىرىدىن قىزىقارلىق قانۇنلاركەن بۇ ;P ;P بەزىلىرىنى جۇلالىقنىڭ دىگىنى بويىچە بىزنىڭكىگە يۆتكەپ كەلسە تازا ئوبدان بولاتتىكەن .....
بەت:
[1]