tuman1973 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:55:07

قىزلارنى كەلتۈرۈشنىڭ 36 تەبىرى

1. نېملا يىيشىڭزدىن قەتئى نەزەر ، باشتا ئۇنى تېتىپ بىقىشقا تەكلىپ قىلىڭ .
  2. مەڭگۇ ئۇنىڭ يېندا بولۇڭ ، تاماق يىگەندىمۇ قولنى تۇتۇپ ئۆلتۇرۇڭ .
  3.ئەگەر ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا ، ئۇنىڭ بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ، سۇ ئۇزۇشكە بىللە بېرىڭ .
  4.قانچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئىشىڭىزنى تۇگۇتۇپلا ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلىڭ .
  5.تاققا ياماشقاندا ئۇ ھېرىپ قالسا يۇدىۋېلىڭ ، تەرلىرڭىز شۇرقىراپ ئاقسىمۇ ھاردىم دىمەڭ .
6.قوياش نۇردا قارداپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن سىرىتقا چىققاندا ئۇنىڭغا كۇنلۇك تۇتۇپ بىرىڭ .
  7.ئەگەر ئۇ پىچاقنى ئەپلەپ تۇتالمىسا ، مېۋە - چىۋلەرنى ئاقلاپ ، يۇتەلىگدەك قىلىپ كىسىپ بىرىڭ .
8.ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يەۋىتىڭ .
  9.بوران- چاپقۇنلۇق كۇنلەردە ، بېلىقنىڭ قىلتىرقىنى بىر - بىرلەپ ئايرىپ گۆشنى يىگۇزۇپ قويۇڭ .
  10.ئۇنىڭ بۇرۇننى ئېيتقان قەغەز - قولياغلىقلارنى يانچۇقڭىزغا سېلىپ قويۇپ ، مۇۋاپىق پۇرسەتتە تاشلىۋتىڭ .
  11.كىنۇ كۆرگەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ راھەتلىنپ كۆرشى ئۇچۇن مۇرىڭىزگە بېشنى قويۇپ كۆرشىگە رۇخسەت قىلىڭ .
  12.ئۇ باشقا دوسلىرى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە ، ئۇنى ساقلاپ قايتىپ كەلگىچە ئۇخلىماڭ ، ئۆيگە قايتىپ تېلغۇن قىلغاندىن كىيىن تېلغۇننىئاندىن ئىىتىپ ئۇخلاڭ .
  13.ئۇنىڭ بارلىق قىزقىشنى بىلۋىلىپ ، ئامال بار ئۇنىڭ خاھىشغا قاراپ ئىش كۆرۇڭ .
  14.خىزىمەت بىلەن سىرىتقا چىققاندا ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇڭ ، تېلغۇن قىلىڭ ، مۇمكىن بولسا سوۋغات ئالغاچ كىلىڭ .
  15.قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلشىڭىزدىن قەتئى نەزەر ، نىمە قىلۋاتقانلىقڭىزنى ، نەدىلكىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ .
  16.بارلىق ئىشلىتۋاتقان مەخپى نۇمۇرلىرڭىزنى ئۇنىڭغا دەپ بىرىڭ ھەم مەڭگۇ ئۆزگەرتمەڭ .
  17.ئامالنىڭ بارچە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىىڭغا ھەمرا بولۇڭ ، ۋاقىت بەك قىس بولسىمۇ ئۇنى يوقلاپ تۇرۇڭ.
  18.ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلغۇن قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلگۇچە پاراڭلىشىڭ .
  19.ئۇنىڭ سىزگە بەرگەن سوۋغاتلىرنى چوقۇم ياخشى ساقلاڭ .
  20.ئۇنىڭغا ئۇنى دەپ باشقا قىزلاردىن كىچەلەيدىغانلىقڭزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ .
  21.ئۇنىڭ رەڭگى - روھى ياخشى بولماي قالسا ئۇنىڭ بىلەن پەردازخانغا بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشى تۇگىگچە ئۇنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ .
  22.ئەگەر ئۇ ئاۋارچىلىققا يولۇقسا ئۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلنى تېپشىپ بىرىڭ ، تەسەللى بىرىڭ .
  23.ئۇنى ئابتۇبۇسقا سېلىپ قويغاندا ئۇنىڭ قارسى يۇتكىچە قاراپ تۇرۇڭ .
  24.ئۇنىڭ تېلۋۇزۇر كۆرسە كۆزى ئاغرىدىغانلىقنى بىلگەندىن كىين ئۇنىڭغا كۆز ئاسراش سۇيۇقلۇقى ئېلىپ بىرىڭ .
  25.ئۇنىڭ تىرنىقىنى ئېلىپ قويۇڭ ، ئەگەر ئاشقازنى ئاغرىپ قالسا ، ئاشقازننى قولڭىز بىلەن ئاغرىق توختىغىچە سىلاپ بىرىڭ .
  26.ئۇنىڭ ئاياغ - پايپاقلىرنى كېيگۇزۇپ قويۇڭ ، ئەگەر كۆچلاردا ئۇنىڭ ئاياغ بوغۇچى بوشاپ كەتكەن بولسا ، ئولتۇرغۇزۇپ چىگىپ قويۇڭ .
  27.ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرگۇزمەڭ .
  28.جۇمەگە كىرگەندە ئۇنىڭ ئۇچۇن دۇئا قىلىڭ .
  29.تورغا چىققاندا ئۇ ياخشى كۆردىغان يۇمۇر - چاقچاقلارنى ، ھېكايە ، نەسرلەرنى يادلېۋىلىپ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بىرىڭ .
  30.ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئۇچۇن بارلىق قىزىقىشڭىزنى تاشلاڭ ، ئويۇن ئويناشنى خىيالمۇ قىلماڭ .
  31.ئۇنى باشقىلار قوغلاشقاندا ناھايتى بىئارام بولغانلىقڭىزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ .
  32.ئۇنىڭ دوسلىرغا سەممى مۇئامىلە قىلىڭ ، ئۇلار قىيىنچىققا يولۇققاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىڭ .
  33.بىرگە چۇشكەن رەسىمىڭلارنى يىنڭىزدىن ئايرىماڭ ، ئەتراپىڭىزدىكلەرگە سىلەرنىڭ ئارلىشۋاتقالىقىڭلارنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ .
  34.ئۇنىڭ كۆز يېشنى كۆرۇپ ئازابلىندىقانلقڭىزنى ، كۇلكۇسنى كۆرۇپ شاتلىندىغانلقىڭزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ .
  35.ئۇنى دەپ ئۇخلىيالمىغان ، ئازابلانغاندىن باشقا يەنە مۆرتى كەلسە كۆز يېشمۇ قىلالايغان بولۇڭ .
  36.ئۇنڭغا بولغان ساداقىتڭىز، شۇنداقلا ئۇمۇرلۇك پىلانىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئىكەنلىكىدن ئىبارەت سەممىيتىڭىزنى ئۇنىڭغا بىلدۇرۇپ قويۇڭ .

مەنبە" http://uyxah.blogbus.com/logs/64796064.html

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:57:06

بۇنداق تەبىرلەر «تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە» ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
بۇ تەبىرلەردىن ئۈمۈد كۈتمەي، ئالدىمىزدا بارنى قەدىرلەپ، يوقنى ئىزدەپ يۈرمەي ئۆتكەن ياخشى.

soyqut يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:15:13

جۇلالىق بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:57 دە يوللىغان http://7qiz.com/images/common/back.gif
بۇنداق تەبىرلەر «تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە» ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
بۇ تەبىرلەردىن ئۈمۈد كۈتمەي، ئالدىم ...
بۇ تەدبىرلەردىن ئۈمۈد كۈتمەي ،بارىنى قەدىرلەيمىز،ئەمما يوق بولسا ئىزدىمىسەك بولماس.شۇندامۇيا؟:victory:

nurqut يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:16:32

قوشنا مىللەتنىڭ ئەرلىرىگە ماس كىلىدىغان خاس ئۇسۇللاردىن خېلى باركەن بۇنىڭ ئىچىدە. ئەمدى تۇرمۇشنىمۇ شۇ خەقنىڭ قېلىپىغا سالامدۇق؟ ئۇنداق قىلماي مۇنداق بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىگە خاس بولغانراق ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلمامسىلەر ؟ ... بىزدەك بويتاقلار يول تېپىۋالايلى :lol

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:56:39

بىزنىڭ بىرلا ئۇسۇل: ھۆل چىۋىق بىلەن 40  كۈندە بىر ....

يەتتە قىز چانىۋەتمەستە قاچاي ئىنكاسنى يېزىۋېتىپلا...:L :lol

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:16:35

ھەقىقەتەن  بەزىلىرى  چەكتىن  ئېشىپ  كەتكەن  ئۇسۇللاركەن :P :P شەخسەن مەن  بەزى  ئۇسۇللارغا  قارىتا  ، راس  شۇنداق  قىلىپ  قالسا  ئەكسىچە  ئۆچ  بوپ  قالىمان ، يىگىت  يىگىتتەك  بولىشى  كېرەكتە ;P ;P ;P ئەڭ  مۇھىمى  خاسلىغىنى  ساقلاش  كېرەك !!!!

saltanat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:14:06

بۇ خىل قىز كەلتۇرۇش ئۇسۇللىرى پەقەت كىنولاردىلا بولسا بولغۇدەك،،،،،،،،،،،
ئەڭ  ئۈنۈملۈك قىز كەلتۈرۈش ئۇسۇلى،راسىتچىل-سەمىمى بولۇش،ئەرلىك خارەكتىر  ۋە جاسارىتى بولۇش،،،،
مېنىڭچە،بۇلار ئەڭ جانلىق ،ئەڭ ئەمەلىي ئۇسۇل!

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:04:40

سۆيقۇت، بەزەنلەر باركى كۆز ئالدىدىكى بەخىتنى قەدىرلىمەي، يىراقتىكى شەكلەن چىرايلىقلارنى ئىزدەپ ئاۋارە بولىدىغانلار، شۇنىڭغا قارىتا دېگەنىدىم.

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:08:48

سامسىپەز، ھازىرقى زاماننىڭ خانىم-قىزلىرىنى 40 كۈندە بىر ئەمەس، 40 ئايدىمۇ بىر ساۋىيالماي قالارسىزمىكىن؟:lol
يەتتە قىز، سىزنى چانىۋەتسەك، مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئىنكاسلارنى بىزگە كىم يېزىپ بېرىدۇ؟ باشقا قىزلار چانايمىز دېسىمۇ مەن ھەرگىز ئۇنىمايمەن.:P

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:29:15

نۇرقۇت ئىنىم، بۇنداق ئۇسۇللارنى ئىزدەپ تاپىمەن دەپ ئولتاسىڭىز، بۇ يېقىنلاردا بويتاقلىق تۇرمۇشىڭىزغا خاتىمە بېرەلمەيسىز.:lol
بەت: [1] 2
: قىزلارنى كەلتۈرۈشنىڭ 36 تەبىرى