maymah يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:59:55

ئىسسىز شېئىر (مايماق)

چىكىپتىمەن زېرىكمەستىن نەچچە يىل،
گاھى تاشلاپ ،گاھىدا بولۇپ ئىجىل.
مەسچىتلەردە پۇرىقىڭدىن مەن خىجىل،
ئاھ تاماكام! ساڭا نۇرغۇن گېپىم بار.

چەكمە! دىسە ،ئەرگە زىننەت دەپتىمەن،
مەكرۇھ! دىسە، ماڭا نىئمەت دەپتىمەن.
ئىسراپ!دىسە،مەنكى بىر مەرت دەپتىمەن،
ئاھ تاماكام! پۇشايماندا يېشىم بار.

ساڭا سالدىم نەچچە يىللاپ مەبلەغنى،
باي قىپتىمەن مىنى قەسلەر ئەبلەخنى،
ساپ ئۆپكەمگە كەپلەپ زەھەر،ئەخلەتنى.
ئاھ تاماكام!مىڭ بەت ئەرز ،خېتىم بار.

كەلمەيسەنغۇ پۇل چىقمىسا يېنىمدىن،
شۇڭا قالدىڭ <<سادىق>>دىگەن ئېتىڭدىن.
ۋاپاسىزغا ئۆچمەن ئىچ-ئىچىمدىن،
ئاھ تاماكام!دوسلۇق ئەمەس سېتىم بار.

مانا سىنى چەكمەي يازدىم شېئىرنى،
تۇتساخۇمار چايناپ كەمپۈت سېغىزنى.
ئۆزۈم خۇشال خۇشبۇي قىلغاچ ئېغىزنى،
ئاھ تاماكام!سەنسىز دوستۇم ،مېلىم بار.


خاتىمەم:
تاشلا دىگەچ كۈتسەڭ ئۈمىد مىھىردىن،
خاتالىقى ئۆتكەچ نەچچە پىكىردىن.
ۋەدە بەردىم يىراق ھىلە مىكىردىن،
ئاھ تۇرسۇنئاي!سىزگە ۋەدەم ئىشقىم بار.

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:38:48

مۇشۇ ئەرلەر تاماكىنىڭ نەرىنى ئەتىۋارلايدىكىن تاڭ، ئىسنىڭ سېسىقلىقىدىن زادى.
بۇنى چەككەنلەر بىر چېكىپ قالسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تاشلىيالمايدىكەن.
بۇ قېتىملىق شېئىرنى يامان ئەمەس يېزىپسەن.

saltanat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:50:07

ياخشى يېزىپسىز!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:34:42

مۇشۇ تاپتا مەن ئىسنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئىنكاس يېزۋاتىمەن:( .

زەپەر يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:38:08

مۇشۇ تاماكا دېگەن  ئۆزىمىز پۇل تۆلەپ،ئۆزىمىزنى قەستلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.

tamqa يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:41:30

مايماق ئەپەندىدىن ئۇگۇنۇڭلار ياشلار،شئېرنى ياخشى يېزىپسىز:victory:
بەت: [1]
: ئىسسىز شېئىر (مايماق)