جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:03:41

بالىلىرىمىزنى تەبىئەتكە قويۇپ بېرەيلى

توختاشگۈل ئۆمەر

ھەممە ئادەمنىڭ ئوي–خىيالى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، مېنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلۇممۇ باشقىچە. ئۆيىمىز سەھرادا بولغاچقا، ئەتراپىمىزدا تەبىئەتنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكى، تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلاتتى. ئوغلۇم يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭغا ئاجراتتىم. نۇرغۇن ھېكايە– چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ باتۇرلار، قەھرىمانلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇردۇم. ئاق–قارىنى چۈشەنگىدەك بولغاندا تۇغۇلغان كۈننى ئاددىي، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بېرىشكە باشلىدىم .

ئوغلۇم بەش ياشقا كىرگەن يىلى مەن ئۇنىڭغا : ئوغلۇم، بۈگۈن سىز بەش ياشقا كىردىڭىز، سىزگە ھەم ماڭا مۇبارەك بولسۇن، چۈنكى سىز ساق–سالامەت، ئەقىللىق چوڭ بولدىڭىز، مەنمۇ دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن تولغاق يەپ سىزدەك ئوماق، ئەقىللىق ئوغۇلنى تۇغۇۋالدىم. بۈگۈن مەن پۈتۈن كۈن ئىشقا بارماي سىزگە ھەمراھ بولىمەن، نېمە ئارزۇيىڭىز بولسا دەڭ، ئورۇنلاشقا تەييارمەن، دېدىم.

بۇ قېتىم تاغقا چىقايلى، دېدى ئوغلۇم خۇشاللىقىنى باسالماي،ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئاۋۇ تاغقا.

ئوغلۇمنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى يېڭىلا ياغقان ئاپپاق قارغا چۈمكەلگەن تاغقا قاراپ ماڭدۇق. بىز ھاسىراپ– ھۆمىدەپ ئاران دېگەندە تاغ باغرىغا چىقىپ ئارام ئالدۇق. ئوغلۇم قورام تاشلار ئۈستىگە ياغقان ئاپپاق قارلارغا ئىسمىنى يېزىپ، نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزدى. توشقان، كەكلىك، كەپتەرلەرنىڭ قاردا قالدۇرغان ئىزلىرىنى بويلاپ ئۇلارنى قوغلىدى. مەن ئېلىۋالغان نەرسىلىرىم بىلەن مەھەللىمىزدىكى ئوۋچىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە ئوغلۇمغا دالا تامىقى ئېتىپ بەردىم. ئوغلۇم شوخ، مىجەزى ئوچۇق بولغاچقا، تاغقا چىقىپ تېخىمۇ ئېچىلىپ، قىن –قىنىغا پاتماي ئويناشقا باشلىدى. بىز تاغ ئۈستىدە نەچچە سائەت ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپ مەھەللىگە قاراپ ماڭدۇق. ئوغلۇم تاغدىن چۈشكىچە شوخلۇق قىلىپ پەسكە دومىلاشقا باشلىدى. مەن ئۇزۇن يۇڭ شارپام بىلەن ئۇنىڭ بېلىدىن باغلاپ بىر ئۇچىنى ئۆزۈم تۇتىۋېلىپ، ئوغلۇم بىلەن تەڭ دومىلاپ چۈشتۈم. بىز يازدىن بېرى تاغ باغرىدىن سۇ ئېقىتىپ چۈشكەن دۆۋە– دۆۋە قۇملار توشقۇزۇۋەتكەن غول ئېرىق ئىچىدە بىر– بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. چۈنكى ئوغلۇمنىڭ يۈزى سوغۇقتىن قىزىرىپ، بۇرنىدىن ماڭقىسى ئېقىپ قالغانىدى. مېنىڭمۇ چاچلىرىم چۇۋۇلۇپ، كىيىملىرىم توپا– قارغا مىلىنىپ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەنىدىم. بىز يەنە قۇمدىن قۇم شەھەر ياسىدۇق، ئوغلۇم ئۇ شەھەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ بەك كۆڭۈللۈك ئوينىدى. گەرچە ئۆي يىغىشتۇرۇش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇشتەك ئىشلار كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىپ تۇرسىمۇ، ئوغلۇمنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا سائەتلەپ ئولتۇردۇم .

چۈشتىن كېيىن دادىسىمۇ رۇخسەت سوراپ كېلىپ ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا، خامان ئېلىۋاتقان ئايدىڭ كېچىلەردە بالىلار بىلەن «ئېشەك مىنىش ئويۇنى» ئويناپ قانداق يىقىلىپ چۈشكەنلىكى، مەھەللىدىكى سۇ تۈگمىنىدە ئويناۋېتىپ چاقپىلەككە قانداق ئىلىنىپ قالغانلىقى... دەك قىزىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەچ ئوغلىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇنى مۇز تېيىلدۇرۇپ ئويناتتى.

تاغ باغرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوغلۇم پۈتۈنلەي ئۆيگە قامالدى. بىنالىشىش، ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى بالىلارنى گۈزەل تەبىئەتتىن ئايرىپ كومپيۇتېر، تېلېۋىزورغا بەنت قىلىۋەتكەنىدى. يەسلىدە بىر كۈننى ئاران ئۆتكۈزۈپ كەچتە ئالغىلى بارسام چاپىنىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆزىنى سىرتقا ئوقتەك ئاتىدىغان ئوغلۇمنىڭ ھالەتلىرىدىن ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ئاساسەن چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىگە خۇشاللىق، پەرزەنتلىرىگە يالغۇزلۇق ۋە تۈگىمەس زىرىكىش ئېلىپ كېلىدىغان، بارسىمۇ بولىدىغان، بارمىسىمۇ بولىدىغان چاي، ئولتۇرۇش– يىغىلىشلارنىڭ مەرىدىن كېچىپ، بالىلىرىمىزغا كۆپرەك ھەمراھ بولايلى، ئاشۇ بەزىبىر ئىشلارغا كەتكەن ئىقتىساد بىلەن ۋاقىتنى، شەنبە– يەكشەنبە كۈنلىرىمىزنى بالىلارغا سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى يازلىق لاگىر، ئائىلىۋى ساياھەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرساق، بالىلىرىمىزمۇ ئاشۇ بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇپ، شەيئىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇرى بويىچە كۆزىتىپ، تەبىئەتتىكى ئۇچار قۇش، دەل– دەرەخ، گۈل– گىياھلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۇلار بىلەن بالىلىق قەلبى بويىچە سىرداشسا، گۆدەك قەلبىدە ئۆچمەس خاتىرىلەر قالىدۇ. شۇندىلا بالىلىرىمىزنى ئىنسانلارنى، تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالايمىز .

كېلىش مەنبەسى: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تورى

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:32:04

جۇلالىق خانىمنىڭ تولىمۇ ئوبدان بىر تېمىنى مۇنبەرگە يوللىغىنىدىن خوش بولدۇم.دىمىسىمۇ ھازىرقى تۇرمۈش رېتىمىنىڭ تېزلىگىدىن بالىلارنى تەبىئەتكە قۇيۇپ بېرىش،تەبىئەتكە يېقىنلاشتۇرۇش،تەبىئەتتىن ھۆزورلىنىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولىۋاتىدۇ.
بۇ يىل سىنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،مەن ئىككى قىزىمنى ئېلىپ تەڭرى تېغىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلېرىغا ساياھەتكە ئېلىپ باردىم.يول بويى قىزلېرىم خۇددى ئۈچۈم بولغان بالا قۇشتەك ،خوشاللىقتىن قىن قىنىغا پاتماي كەتكىنىنى كۆرۇپ ئۆزۈممۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
دىمەك،ۋاقىت يار بەرسىلا بالىلارنى تەبەئەتكە قۇيۇپ بېرەيلى...........

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:26:00

بالىلار ئېغىر سومكىللىرىنى كۆتىرەلمەي ، بىز ھەرخىل بېسىملار تۈپەيلى بېلىمىزنى رۇسلىيالماي يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە بۇ تىما بەكمۇ ياخشى يوللىنىپتۇ ، تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق .

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:53:18

ھازىر خەنزۇ مەكتەبتە 3-سىنىپقا ئۆتۈپ بولغان ماتېماتىكا دەرسلىكىنى ئۇيغۇر مەكتەبلەردە 6-سىنىپقا ئۆتۈۋاتىدۇ، ئىمتىھان مائارىپى ھۆكۈمران بۇ يىللاردا بالىلارنى دالىغا قويۇۋېتىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس، بېسىم يەنىلا بولغىنى ئەۋزەل، رىقابەت بەك كەسكىن بولۇۋاتقان بۇنداق چاغدا بوش قويۇۋېتىشكە ھەرگىز بولماس!
بەت: [1]
: بالىلىرىمىزنى تەبىئەتكە قويۇپ بېرەيلى