ئويغۇر تائاملىرىدىن _ ئۇماچ
خۇرۇچلىرى : قۇناق ئۇنى ، قوي گۇشى ، چامغۇر ، كاۋا ، باش پىياز ، تۇز .تەييارلاش : قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ ، گۆش ، كاۋا ، چامغۇر ، پىيازلارنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا ، توغراپ سۇغا سېلىپ ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ، ئاندىن ئوتنى پەسەيتىپ ، بىر قولدا قوناق ئۇننى ئاستا سېپىپ يەنە بىر قولدا چوكا بىلەن ، ئتتىك چالىمىز(ئارلاشتۇرمىز)، قازاندىكى سۇ سەل قۇيۇلغاندا ، ئوتنى سەل ئېچىپ ، سۇس ئوتتا مىل -مىل قاينىتىپ ، ئاش پىشقىچە داۋاملىق چالىمىز .
ئەسكەرتىش ؛ قوناق ئۇنىنى سەپكەندە چوقۇم چوكا بىلەن تېز سۇرەتتەچالمىسىڭىز ، ئۇماچ كاللەك بۇلۇپ قېلىپ كۆڭلىڭىزدىكىدەك پىشمايقالىدۇ.
ئالاھىدىلىكى : بۇتائام ، قەنىت سىيىش كىسىلى بارلار ، سەمىرىپ كەتكەنلەر ، قان بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلەر ئستىمال قىلسا ئۇنۇمى ناھايتى ياخشى بۇلدۇ.
بۇتائام ھازىرقى .ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا يۇزلىنۋاتىدۇ. قىشتا ھەر سەھەر ئۇماچ ئىچىپ بەرگەندە ، ھەم سالامەتلىككە پايدىلىق ھەم ئىشقا ماڭغىچە توڭلىماي ئىسسىق بارىسىز .
تۈنۈگۈن ئەتتىگەن ئەتكەن ئىدىم. كاۋا سالمىدىم. چامغۇر،گۆش، سوڭپىيازلارنى سېلىپ تازا قاينىتىپ بولۇپ ئۇننى سالسام تاس قاپتىمەن ئۇماچ ئەمەس كۇمىلەك قىلىۋەتكىلى. ئۇماچ ئەتكەندە، ئۇننى نورمال سالمىسا ئۇماچ قويۇق بولۇپ قېلىپ ياخشى ئەتكىلى بولمايدىكەن. راس ئۇننى مۇئاپىق سالمىسىڭىز ، قاينىغانسىرى قۇيۇلۇپ كىتىدۇ . مېنىڭ بالىلىقىم ماۋزىدۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەخت-سائادەتلىك زامانلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كەلگەن ئىدى.
ئۇ چاغلاردا ئۇماچنى كۆپ ئىچەتتۇق. ئوماچ چالالايدىغانلار باركەندە؟ مەن تېخى ھازىرقى بۇ ئاياللار توپى زامان تەرەققىي قىلغانسىرى ئۇنتىغاق بولۇپ
تائاملىرىمىزنى بىر - بىرلەپ ئۇنتۇپ كېتىپ بارامدىكى دەپتىمەن.
پەقەت بىزلەر ئانى يەيمەن، مانداق تاماق ئەت دىمەي، نېمە بولسا مەيلى، ئۆزىڭىز بىلىپ بىر ئىش قىلمامسىز دەپ
رايىغا قويۇپ بەرگەچكىلا شۇنداق بولۇپ كىتىۋاتقان ئوخشايدۇ. Jewlaniy بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:07 دە يوللىغان /images/common/back.gif
ئوماچ چالالايدىغانلار باركەندە؟ مەن تېخى ھازىرقى بۇ ئاياللار توپى زامان تەرەققىي قىلغانسىرى ئۇنتىغاق بولۇپ ...
جەۋلانىي، بىز خانىملارنى بۇرۇنقى تاماقلىرىمىزنى ئېتىشنىمۇ ئۇقمايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇدە.
قوناق تائاملىرىدىن ئۇماچ، كۇمىلەك، قوناق چۆچۈرىسى، قوناق ئۈگرىسى قاتارلىقلارنى خېلى ياخشى ئېتەلەيمەن.
بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا ئانام تونۇرغا زاغرا ياقسا، يېڭى پىشقان مىزىلىك زاغرىنى شۇنداق ھۇزۇر بىلەن يەيتتىم. ئانام ياشىنىپ قېلىپ، ئۇنداق تەمدىكى زاغرىمۇ يەپ باقماپتىمەن. زاغرىنى مەنمۇ بەك ياخشى كۈرەتتىم . ئۇماچ ئىتىشكە مەن بەك ئۇستا . :P
مەنمۇ تەجىرىبەمنى سۆزلەپ ئۇتەي : ئاۋال قازاننى قىزىتىپ يېرىم چۇمۇش ماي قۇيۇپ قىزدۇرسىز ، ئاندىن توغراپ تەييارلىۋالغان باش پىيازنى سېلىپ كۆيدۇرۋەتمەي قورۇيسىز . ئاندىن ئۇنىڭ ئۇستىگە مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىسىز . سۇ قاينىغاندىن كىيىن ئۇششاق توغرالغان گۆشنى سېلىپ قاينىتىسىز . گۆش پىشقۇچە چامغۇرنى كىچىكرەك توغراپ چاناپ تەييار قىلغان شۇخلا بىلەن ئايرىم قاچىغا ئېلىپ ئۇستىگە مۇۋاپىق تۇز قۇيۇپ مۇجۇپ ئارلاشتۇرسىز . ( شۇخلا چۇقۇم ئۇششاق چانالغان بۇلىشى شەرىت ) بۇنداق قىلغاندا ئەتكەن ئېشىڭىز بەك تەملىك چىقىدۇ . گۆش پىشقاندىن كىيىن ئارلاشتۇرۇلغان شۇخلا چامغۇرنى قازانغا سالىسىز .
يۇقارقى باسقۇچلار تاماملانغاندىن كىيىن قوناق ئۇنىنى چېلىشنى باشلايمىز . كويزا بىلەن چالسىڭىز قۇلىڭىزنى كۆيدۇرۇپ قۇيىسىز ھەم كاللەك چىقىپ قالىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇنلىقى 40 سانتىمىتىر ، توملىقى باش بارمىقىڭىزدىن سەل چوڭراق ياغاچ بولسا ئاندىن ياخشى ( تاللا بازىرىدا سېتىلىدۇ ) . ئۇننى قازانغا سەپكەندە ( ئۇننى بەك جىق سىقىمدىۋالماڭ ، ئازراق بىر سىقىم ئۇننى ئېلىپ مۇشتۇمىڭىزنى تۇگۇپ بىر نەرسىنى ئۇۋىغان ھالەتتە توختىماي ھەركەتلەندۇرسىڭىز ئۇن ئاز - ئازدىن چۇشىدۇ ) يەنە بىر قۇلىڭىز بىلەن كويزا ياكى باشقا تەييارلىۋالغان ياغاچ ئارقىلىق توختىماي چالىسىز . ئوتنى بەك كۇچلۇك قىلىۋەتمەڭ ، بولمىسا ئۇماچنى كۆيدۇرۇپ قۇيىسىز .
مۇشۇ بۇيچە ئىتەلىسىڭىز ئىشىنىمەنكى ئەتكەن ئېشىڭىزنىڭ تەمى چۇقۇم ئاغزىڭىزدا قالىدۇ ( خۇرۇچلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشيەلىسىڭىزلا ) ئۇماچ ئىتەلەيدىغانىمنى ئايالىم بىلمەيدۇ . ئۇ ئۆيدە يوق ۋاقىتلاردا دوسىتلىرىم بىلەن بىللە ئۇماچ ئىتىپ ئىچىپ ھۇزۇرلىناتتۇق :lol ھەممە ئەرلەردە، سىزدە بار ھۈنەر بار بولغان بولسا ھە!:lol
بەت:
[1]
2