خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:37:51

ئۇيغۇر تائاملىرىدىن _ گۆشنان

ماتىريال؛ ئۇن 1چىنە تۇخۇم 1دانە ، سۇ ، سۇماي، گۆش ، باش پىياز .
تەم خۇرۇچلىرى ؛ تۇز، ئاقمۇچ،قارامۇچ،زىرە كۇنجۇت
تەييارلاش ئۇسۇلى؛ خېمىرنى چىڭراق يۇغىرىمىز(تۇخۇم چېقىپ)توت دانە زۇۋىلا تەييارلاپ تىندۇرۇپ قۇيىمىز. گۆشنى ئۇششاق توغراپ باش پىيازنى چاناپ يۇمشىتىپ تۇز،ئاقمۇچ،قارامۇچ،زىرە قۇشۇپ تۇز تەمىنى تېتىپ قىيمىسىنى تەييارلىۋالىمىز زوۋۇلىنى نىپىز يېيېپ ،كۈنجۈتنى بىر تەرىپىگە سىپىپ (سىرتى تەرىپى )ئارىسىغا گۆش سېلىپ ئوخشاش يەنە بىر يېيىلغان خېمىرنى ئۈستگە يېپىپ ، گىرۋىكىنى بىرلەشتۈرۈپ  ئىچىگە تۈرۈپ تۈگىۋالىمىز .
http://www.axpaz.cn/rasim/131.jpg

پىشۇرۇش ئۇسۇلى؛ قازانغا ماي قۇيۇپ بوشراق قىزىغاندا تەييارلانغان گۆشناننى چويلىغا سېلىپ مايغا چىلىۋەتمەي ئۈستىدىن قىزىق ماينى قۇيىمىز بۇنداق قىلغاندا گۆشنان تۈز ، كۈيۈپ كەتمەي سۈپەتلىك بۇلىدۇ . كىيىن ئاستا ئاستا ياغقا چۈكۈرۈپ پۇشۇرساق بۇلىدۇ .
پىشىپ ، ئىككى تەرىپى تەكشى قىزارغاندا ئاندىن تەخسىگە ئېلىپ پارھىلاپ داستىخانغا ئەكىلىمىز ، ئىسىڭىزدە بولسۇن چۇقۇم ئوتنى سۇس قىلىش كىرەك ، بولمىسا كۈيۈپ كىتىپ مىھمانلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغاننى ئاز دەپ ئېرىڭىزدىن دەشنام يەيسىز .

مانا كۆپچىلىك گۆشنان تەييار بولدى ئېغىز تىگىپ بېقىڭلار .

http://www.axpaz.cn/rasim/130.jpg

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:06:02

پاھ ....پاھ .....گۆش نان دىگەننى مۇشۇ خوتەندە يىسە ھە !!!!!

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:08:39

خەپ - خەپ قانداق قىلسام بولار بۇ قىزچاقنى :(  ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىپ كەتتى .

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:11:13

خەپ دىمەڭە ، سىزنى گۆشنان بىلەن مىھمان قىلىپ كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋالاي .

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:15:50

خۇشچىراي بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:11 دە يوللىغان /images/common/back.gif
خەپ دىمەڭە ، سىزنى گۆشنان بىلەن مىھمان قىلىپ كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋالاي .

سىزگە مەن قەرزدارمەن :loveliness: رۇخسەت بولسا سىزنى ئاۋال مەن بىر مېھمان قىلاي .

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:17:38

ئۇنداق دىمەڭ ، ئالدىڭىزدا ئۆزىرلىكمەن ، پەقەت ۋاقىت چىقماي قالدى خىجىل بوپ تىلفۇنمۇ قىلالمىدىم . بۇدا مەن سىزنى مىھمان قىلىمەن .

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:24:40

نىمانچىلا تۈزۈت قىلىسىلەر ،بولدى سىلەرنى گۆش نان بىلەن  مېھمان قىلاي .

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:30:17

ئۆتكەن كۈنلەر بولسا شۇنداق قىلىڭە ، خۇشچىراي بىلەن ئىككىمىز تالاشماي سىزگىلا مېھمان بولايلى :P

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:27:13

otkankunlar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:06 دە يوللىغان /images/common/back.gif
پاھ ....پاھ .....گۆش نان دىگەننى مۇشۇ خوتەندە يىسە ھە !!!!!

گۆشناننى نەدە يىسەك بولۇۋىرىدۇ. لىكىن گۆشگىردىنى خوتەندە يەيمىز.

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:37:59

ئۇنداق بولسا خوتەنگە بېرىپ گۆش گىردە بىلەن مىھمان بوپ كەلسەك بولغىدەك .
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر تائاملىرىدىن _ گۆشنان