ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن
يارالدىم رازىلىق بۇڭا يوق ئىدى ،ھاياتتا پەقەتلام ھەيرىتىم ئارتتى ...
يەنە مەن نارازى قايتتىم ، بىلمىدىم ،
كەلمەك ھەم ، تۇرماق ھەم ،يانماق مەقسىدى.*قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى ،
بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى .
دىيىشەر ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ ،
بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى .*ئۆچۈرگەي ئىسمىمىز ئۆمۈر دەپتىرى ،
بىر زامان يوق ئېتەر ئەجەل قوللىرى .
ئەي گۈزەل ، شاراپ بەر ، بەك گۈزەل ،گۈزەل .
تۇپراققا ئايلانغاي ھەممە ياش--قېرى .*بۇ ئۆرتەڭ ، ' ئالەم' دەپ ئاتالمىش ئېتى ،
كۈن ۋە تۈن --ئاق ،قارا ئاتلار مەنزىلى ،
نەچچە يۈز جەمشىتتىن قالغان بەزمە بۇ ،
قانچە يۈز بەھرامنىڭ بۇ قونالغۇسى ~؟*چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دىدى :
ئۇيقۇدا بەخىتتىن گۈل ئېچىلمىدى ،
سەن نىچۈن ئولۇمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟
ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى !*ئەسكىگە ئېيتمىغىن ، ساقلىغىن سىرنى ،
بىر قاراپ كۆزىگە ، بىل مۇغەمبەرنى ...
كىشى ئۆز جېنىغا نى قىلغانغا باق ،
يوشۇرۇن ئىپلاستىن تۇتمىغىن پىرنى ~*كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .
بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :
ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل !*كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ .رەببىم !
ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى ، سەن ئۇرۇپ رەببىم !
گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن ،
قالدىڭمۇسەن ياكى مەس بولۇپ رەببىم ؟!*بىر جامكى ، ئەيلىمىش ئىختىيار ئەقىل ،
قەدىرلەپ شۇ جانغا يۈزنى سۇندى،بىل...
'پەلەك 'نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ ، ئۇرىدۇ سىجىل .....*بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا ،
بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا ....
ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق ،
چۇراتتىم بىر پەلەك ----بىر يىڭى دۇنيا .*
كېچە مەن تۇيغۇندا ساماغا چىقىپ ،
دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ .
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ ، دوزاق ھەم بىھىش ،
ئۆزەڭدە!---دىدى ئۇ،---يۈرمىگىن ئېزىپ~!*
ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش ،
ئاقمىغاي ئاەمدە بىرىيا بولۇش ،
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم ،
كەتكۈزدى ، ئاھ-قازا ،تەدبىرىمنى بوش .*
خوشال ئۆت ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم ،
بۇ تۇپراق---تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم .
قىل قىياس بىر خىيال ، ئالدىنىش يا چۈش .
ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم. «ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ؟»
شۇنداق بىر ماقالە بار ئىدى، مەن ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە يوللىغان.
بۇ ماقالىنى ئۆزبەكىستاننىڭ كاتتا بىر ئۆلىماسى يازغان ئىدى. ھەييام مەينى ۋە مەيخورلۇقنى تەرغىب قىلمىغان بولسا كېرەك ! ئەمما ئوتتۇرا ئەسردە مۇسۇلمان پادشاھلىرىنىڭ مەيخورلۇقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھەر بىر يۇرت-شەھەرنى ئىستېلا قىلغاندا ئۆز نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ بولۇپ كاتتا مەيخورلۇق-مەجۈنخورلۇق زىياپەتلىرىنى باشلىۋېتىشىدىكەن...
بەت:
[1]