مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:18:53

قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت

.
   ئابدۇكېرىم ئەخمەت، 3 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي ۋوگزال (西站) دە ئولتۇرۇشلۇق.
   2009-يىلى 12-ئايدا بالا سەۋەبسىز قىزىپ، قىزىتمىسى 39 گرادۇسقا چىققان. يەرلىك دوختۇرخانا لىمفا بەز ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكەشنى ئېيتقان ، لېكىن ئابدۇكېرىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمىگەنلىكتىن، كىچىك ئامبۇلاتورىيەلەردە داۋالاتقان. بۇ جەرياندا بالىنىڭ ئەھۋالى ئازراق ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. 2010-يىلى 6-ئايدا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ بالىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشقان. 2010-يىلى 10-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەن، بۇ چاغدا دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى ئېنىقلىنىپ بالنىستقا ئېلىنغان.
   بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-ئانىسى ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى سېتىپ، ئائىلە كومىتېتىدىكىلەر ۋە خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن چىقىم قىلىپ، بالىنى دااۋالىتىپ كەلگەن.
   «يوقسۇزلۇق تاشتىن قاتتىق»، «يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىمايدۇ» دېگەندەك بۇ پۇلمۇ دال بولمىغان.
   يەنە 5-6 قېتىملىق داۋالاش باسقۇچى بار بولۇپ، بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئامالسىز بۇ مۇراجىئەتنامىنى چىقارغان.
   ئابدۇكېرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى يۈرىكى خۇن ھالدا قېرىنداشلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشىنى، نارەسىدە ئوغلىنىڭ ئاۋۋال ئاللاھ، ئاندىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ بىزگە تەلمۈرۈۋاتىدۇ.
   بىز ياردەم ئون نەچچە يۈەن، 100 نەچچە يۈەن بىلەن ئابدۇكېرىمنىڭ كېسىلى ساقىيىپ كېتىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ «تاما-تاما كۆل بولار» .
   ئەسكەرتىش: بېكىتىمىز ھېچقانداق ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينىمايدۇ، قېرىنداشلارنىڭ تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئوقۇشۇپ بېقىشىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمىسىمۇ بىر-ئىككى ئېغىز تەسەللى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىمارنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى:
نۇرىيەم ساۋۇت (ئانىسى) : 13139971020
تۇرسۇن روزى (تاغىسى) : 15899227997

ياردەم قىلغۇچىلار ئۈچۈن بانكا ھېساباتى

يېزا ئىگىلىك بانكىسى: 9559980890664155912
كارتا ئىگىسى(دادىسى) : ئەخەت توختى  艾汗提.托胡提

سودا-سانائەت بانكىسى: 6222023002014149960
كارتا ئىگىسى (ئانىسى) : نۇرىيە، ساۋۇت  努尔叶木.莎吾提



مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار


/images/murajet/1.jpg
/images/murajet/2.jpg
/images/murajet/3.jpg
/images/murajet/5.jpg
/images/murajet/4.jpg

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:27:33

ئاللاھ بۇ نارىسىدە ئۇكىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلغاي!
قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:44:08

ئاتا-ئانا ئۈچۈن بالىنىڭ غېمىدىن ئارتۇق غەم بولماس!
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:03:16

ئۇلۇغ ئاللادىن بۇ نارسىدىگە شىپالىق تىلەيمەن !
«تاما-تاما كۆل بولار» دەپتىكەن ، مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىشخانىدىكىلەرنى ھەركەتلەندۇرەي .

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:43:38

بۈگۈن بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى قايغۇلۇق ھالدا شۇنى ئۇقتۇردى:
ئوغلىمىز كېسەللىك ئازابى تارتمايدىغان، مەڭگۈلۈك ماكانغا كەتتى...

ئۇقۇشىمىزچە، ئابدۇكېرىمجان 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ ئۇخلىغانچە ئەتىسىمۇ (نورۇز كۈنى) تۇرمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن مەزگىل كېسەل ئازابىنى تارتقان بۇ يىگىت ھەقنىڭ رەھمىتىگە كەتكەن.
قادىر ئاللاھ مەرھۇمنىڭ جايىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن!

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 18:03:44

نارەسىدىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلىدىكەنمىز مۇشۇنداق. ھەي........

arman-taxkin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 01:55:31

قىرىندىشىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن .

Nokiafun يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:49:07

ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن

sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:24:32

مەن بەك  ئەپسۇسلىنمەن  ئاران  3 ياش ئىكەنتۇق  ئەمەسمۇ
بەت: [1]
: قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت