Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:56:47

زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ ؟

زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ ؟
يالقۇن روزى

يېقىنقى يىللاردا شېئىر-قوشاقلاردا، سەھنە- ئېكرانلاردا "ئانىلار ئۇلۇغ" "جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا""ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ"دېگەنگە ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سۆزلىرى خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.بۇنەڭ تۈرتكىسىدە ، كنشنلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىستېمال قىلىدىغان بولدى. كىشىلەر ئانىلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارا قويۇق ئۇلۇغلايدۇ؟ مېنىڭچە ئۇلار ئومۇمەن مۇنداق قارايدۇ. "ئانىلار توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغىدۇ. يەنە بالا ئېمىتىدۇ.بالىنى پەرۋىشلەپ چوڭ قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك ئىنسانلار "
قارىماققا ، ئانىلارنى بۇنداق ئۇلۇغلاشنىڭ مەلۇم ئاساسى باردەك قىلىدۇ. ئەمما ئانىلارنى مۇشۇ ئۆلچەم ، مۇشۇ شەرتلەر بويىچە ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە ، بۇنداق "ئۇلۇغلاش" چۈشەنچىسىدىن كەم دېگەندە مۇنداق تۆت تۈرلۈك زىددىيەتلىك پىكىر تۇغۇلىدۇ1- ئانىلار ئۇلۇغ بولسا ، دادىلار ئۇلۇغ .ئەمەسمىكەن؟ شۈبھىسىزكى بۇ بىر ئورۇنسىز تالاش- تارتىشنى پەيدا قىلىشتۇر. بىلىش لازىمكى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولۇپ ، ئەرلىرى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلۇغلۇق ئادەمنىڭ جىنسى، يېشى، نەسەبى، مىللىتى ئاساس قىلىنىپ ئايرىلىدىغان مەسىلە ئەمەسئ شۇنىڭدەك، ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قانداقتۇر" ئۇچار قاناتلاردىن جان –جانىۋارلارغىچە بولغان پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى چىشى جىنىسلارغا ئورتاق بولغان تۇغۇش،بېقىش ، ھىمايىسىگە ئېلىش، ئاسراش- پەرۋىش قىلىشتەك جەريان بىلەنللا چەكلەنسە كۇپايىلەنمەيدۇ".ئانىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ ئانىلار بار، دادىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇلۇغ دادىلار بار. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ "ھەممىسىلا ئۇلۇغ" ئەمەس.ئانىلارنى ئۇلۇغلاپ ئاجايىپ پاساھەتلىك مىسرالارنى تۈزگەن ،ئانىلارنى مەدھىكەپ ناخشا- قوشاقلارنى ئېيتقان ۋاقتىمىزدا، بىز بۇنداق ھاياجانلىق ھېسسىياتنىڭ قانداق ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىشى لازىملىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق "بالا تۇغۇش"بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئىدىيىنى، ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانا ،قىيىن تاللاشلارغا توغرا كەلگەندە توغرا يول تاپالايدىغان ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ، ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان جەڭگىۋار روھى بىلەن ،كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋە قايىل قىلىدىغان پاكلىقى بىلەن،ھۆسنىگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى بىلەن،يىمىرىلمەس قورغاندەك ئېتىقادى بىلەن ئۇلۇغ بولىدۇ. بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا ،مەيلى ئەر، مەيلى ئايال،مەيلى دادا ،مەيلى ئانىغا نىسبەتەن بولسۇن،"ئۇلۇغ"لۇقنىڭ ئەڭ ئالىي شەرتى-خەلقچىقلىق .قانچىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئادەم بولسا، شۇنچە ئۇلۇغ بولىدۇ....مۇشۇنداق شەرتنى ھازىرلىغان ئانا ئەمەس،بەلكى ئىنىكئانا بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.ئەگەر ئانىلار قارىغۇلارچە ھالدا ئۇلۇغلانسا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى "بالا تۇغۇش ،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش" قىلە باغلاپ قويۇلسا، ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاپ،ئۆزىگە قويىدىغان تەلىپى تۆۋەنلەپ، بىخودلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.چۈنكى ئانىلارنىڭ بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمايدىغان مەسئۇلىيىتى –ئائىلە ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىگى بولغان بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر،دۇرۇس تەربىيە بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان ياراملىق ئىزباسارلارغا ، ئانا ۋەتەننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالىدىغان،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەزىمەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بالزاكنىڭ" مىللەتنىڭ كېلەچىگى ئانىلارنىڭ قولىدا" دېگەن مەشھۇر سۆزى دەل ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىشى ياكى ئادا قىلالاماسلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان.

ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا ئۆلچەم ھېسابلىنىدىغان يۇقىرىقى شەرت ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ، "ئۇلۇغ"دېگەن سۈپەتنى، پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىكى ئانىغا ئاتا قىلېۋېرىش- بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىنىڭ مۇجىمەللەشكىنلىكىنىڭ ئىپادىسى.ئەگەر ئانىلار قارا قويۇق ئۇلۇغلىنىپ ، ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئوقۇلۇۋەرسە، ئانىلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئېڭى تېخى يېتەرلىك ئويغانمىغان مىليونلىغان نادان ئانىلار خاتا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئائىلىدە ئەرلىرى مەرتىۋە ۋە باراۋەرلىك داۋاسى قىلىدىغان ئاقىۋەت ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.ئەگەر بۇنىڭغا "ئەر-ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر" دېگەن قانۇن تەشۋىقاتىنى خاتا چۈشىنىپ ،ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا،ھەممە ئىشتا تەتبىقلاشقا ئۇرۇنۇش خائىشى قوشۇلسا، "ئائىلە" دىن ئىبارەت ئىمارەتكە ئىچىدىن دەز كېتىشكە باشلايدۇ.ئېنىقكى، بىر ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار ئوتتۇرسۇدا ئۆز ئارا تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇق،ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت مەۋجۇت. ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت "قانۇنىيەت"تىن ئىبارەت مۇقەددەس مىزان ئۈستىگە قۇرۇلغان."قانۇن" بىلەن "قانۇنىيەت" ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ئاۋۋال قانۇنىيەتنىڭ مىزانىغا بويسۇنۇش،ئاندىن قانۇننىڭ نىزامىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.ھەرقانداق ئائىلىدە بۇ خىل"قانۇنىيەت ئېڭى" ئاجىزلاپ ،"قانۇن ئېڭى" كۈچىيىپ كېتىدىكەن، ئۇنداق ئائىلە رىقابەتلىشىۋاتقان رەقىپلەر سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزە ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغانسالايىتىنى ئېنىق تونۇسا،يەنى دادا دادىلىق،ئانا ئانىلىق،ئەر ئەرلىك، ئايال ئاياللىق ،بالا بالىلىق سالاھىيىتىنى ئېنىق تونۇسا ۋە شۇ ئاساستا مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسا،بۇنداق ئائىلە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر جەمئىيەتنىڭ،بىر مىللەتنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۇرىدۇ.

"زامانىۋىلىشىش"نى يېتەكچى شوئار قىلغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، ئىنسان تەبىئىتىگە يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىش، ئەر بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق كۈنسايىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ."ئەركىنلىك"" باراۋەرلىك"شوئارى ئاستىدا ، ئەرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،"ئائىلە" دىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىسىنى تاشلاپ قويۇپ،ئۆزىنى سىرتقا ئېتىۋاتقان ئاياللار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.... مۇشۇنداق نامۇۋاپىق يۈزلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا.ئائىلە نىزامى جەھەتتە ئەركىنلەشكەن ئائىلىلەر ناھايىتى مۈشكۈل ئەخلاق كىرىزىسىگە پاتماقتا.ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قان كېچىپ قۇربان بېرىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئەركىنلىك بار، شۇنداقلا يەنە ئالىقىنىڭدا تۇرسىمۇ، ئىككلەنمەي چۆرۈپ تاشلىۋەتسە بولىدىغانئەركىنلىكمۇ بار. شۇڭا "ئەركىنلىك" مەسىلىسىنى ئائىلىگە تەتبىقلىغاندا، باشقىچە ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.مېنىڭچە، ئاشۇنداق ئەركىنلىكنى ئەمەس،"مەجبۇرىيەتنى" نى شوئار قىلغان ئائىلە- پالاكەتچىلىكتىن يىراق ئائىلە.

ئىككىنچى،ئانىلارنى قارىقويۇق ئۇلۇغلاش ھادىسىسى- ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك،ھەتتا ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەگەر ئانىلار بارلىق ئانىلارغا ئورتاق بولغان "بالا تۇغۇش،بالا ئېمىتىش، بالا چوڭ قىلىش"تەك ئومۇمى شەرت بىلەن ئۇلۇغلانسا، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ، باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىدىغان،ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىككىلەنمەي قۇربان بېرىشكەتەييار تۇرىدىغان پىداكار، باتۇر، غۇرۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچانئانىلارغا قىلىنغان ئادالەتسىشلىك بولىدۇ.ئانىلار ئارىسىدا،ئەۋلادلىرىنىڭ ستىقبالى ئۈستىدە كېچىلىرى كىرپىك قاقماي ئويلىنىپ،گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال ۋە غالىپ ئاقىۋەتلەرنىڭ ئارزۇسىدا يىلاندەك تولغىنىپ، ئوت-ئاتەش بولۇپ يانىدىغان ئانىلارمۇ بار.تاڭ ئاتقۇچە ئەيش-ئىشرەت كۇلۇبلىرىدىكى كۆلچەكلەردە ئۈزۈپ،ئۆزگىلەرنىڭ كارىۋاتلىرىدا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئېغىناپ، ئەر ۋە بالىلىرىنى نومۇس دەرياسىغا غەرق قىلىپ،ھاقارەت ئوتىدا كۆيدۈرۈپ پۇچىلاۋاتقان ئانىلارمۇ بار. ھايات- ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ غېمىنى يەپ،ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بارلىق پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ۋە بارلىق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر ئانىلارمۇ بار.يولدىن ئازغانلارنىڭ كېچىدە ئادىشىپ قالماسلىشى ئۈچۈن گۈلخان ياقىدىغان، ئۇلار ماڭماق بولغان چۆللەرگە قۇدۇق كولاپ ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئانىلارمۇ بار.ئەجدادلىرىنىڭ تارىخى شۆھرەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ ،ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار روھىدىن كۈچ-مەدەت ئېلىپ،ئەجدادلىرىنىڭ شەنىگە نۇر بېغىشلاش كويىدا ئىزدىنىپياشايدىغان پەخىرلىك ئانىلارمۇ بار. ئۆز ئەجدادىنىڭ قاتىلىنى ئۆز قوينىدا ھۇزۇرلاندۇرۇپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن لەنەتگەردى ئانىلارمۇ بار.

ئانىلارنى مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە پرىنسىپ بويىچە ئۇلۇغلىماي،"بالا تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش" تەك شەرتنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈنلا،قارىقويۇق ئۇلۇغلاش-مىللى پسىخىكىمىزدا پەرۋاسىزلىق،مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنچىكە،پۇئىتا ئىش كۆتۈشروھى ئاجىز،پەرق تۇيغۇسى مۈجمەل،مەسىلىلەرنى ھەقىقەت نەزىرى بىلەن كۆزىتىشكە ئادەتلەنمىگەن بىر مىللەتنىڭ قىممەت تارازىسىدا، كۆپ ھاللاردا "گۆھەر"بىلەن "تاش"نىڭقىممىتى ئوخشاش.بىزگە ئوخشاش، يۈكسىلىشنىڭ كويىدا كېچە-كۈندۈز تىپىرلاۋاتقانبىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلۇغلاش ئوبىكتىنى توغرا بېكىتەلمەي،"ئۇلۇغ"دېگەن بۇ ئالىي ماركىنى كىمگە چاپلاشنى ئاڭقىرالماي قايمۇقۇپ يۈرۈش بەكمۇ بىچارىلىكتۇر.

ناۋادا،"بالا تۇغۇش،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش"تەك شەرتنى ھازىرلىغانلقنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپئانىلارنى ئۇلۇغلاشقا توغرا كەلسە، ئېسىمىزدە بولسۇنكى، جاللات شىڭسىسەينىڭ ئانىسىمۇ بۇ ئۆلچەمگە پۈتۈنلەي چۈشىدۇ. ئاياللار تۈرمىسىدىمۇبۇ شەرتنى ھازىرلىغان ئاياللار كۈرمىڭ. ئەمما ئاشۇلار، "ئۇلۇغ ئانا>، دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىمدۇ؟ كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، ئانىلارنى كەلسە-كەلمەس ئۇلۇغلاش-ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلارغا قىلىنغان ئوچۇق ھاقارەت.

ئۈچىنچى،ئانىلار"بالا تۇغۇش،ئېمىتىش، چوڭ قىلىش" شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى "ئۇلۇغ" دەپ سۈپەتلەنسە، بۇ سۈپەتلەش،فىزىئولىگىيىلىك سەۋەب تۈپەيلىدىن پەرزەنت ككرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بولۇپ ھىسپلىنىدۇ. تۇغۇش –ئاياللارنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى،شۇنداقلا ئورتاق فىزىئولىگىيىلىكخۇسۇسىيىتى.بىر جەمئىيەتنىڭ ئانىلارنى بۇنداق بىمەنە ئۇلۇغلىشى ئالدىدا،پەرزەنت كۆرەلمەسلەك قىسمىتىئەئە مۇپتىلا بولغان ئاياللار نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.گۇناھسىز ئاياللارنى ئوڭايدىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانبۇنداق مەنتىقسىز ئۇلۇغلاش ھادىسىسىنىڭ باشقىلارغا كەلتۈرىدىغانبېسىمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.ئەمەلىيەتتە نوقۇل ھالدا بالا تۇغۇپ ئانا بولۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋىيەيكى ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنمايدۇ. ھەتتا بۇ ئىش بەزى گاس-گاچا ئاياللارنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقلىنىڭ ،روھىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولدسىلا، نامدىكى"ئانا"لارنىڭ سېپىگەقوشۇلۇشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.بىراق، ئۆز پەرزەنتىنى ئىنساندەك ياشاشقا ئىگە قىلىشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلاش باشقا بىر گەپ.بۇنداق شارائىت ھەر بىر ئانىدا پاك ئەقىدە ۋە مۇئەييەن نىشان،بەلگىلىك ساپاۋە سۈپەت،قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە جاپا-مۇشەققەتتىن،ھەتتا ئۆلۈمدىن قوقمايدىغان روھ ھەمدە ئۆزگە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر مەنىۋى كۆز بولغائىدا،ئاندىن ھازىرلىنىدۇ.مانا شۇنداق ئانىنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلار بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسىگە ھاياتى كۈچ بولۇپ قېتىلىدۇ. بۇنداق شەرتنى ھازىرلىمىغان ئانىلارنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆپىچىسى، گېزى كەلگەندە، بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈنقىلچە ئىككىلەنمەي سېتىلىدۇ.

تۆتىچى،ئانىلار "بالا تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش" شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلۇغلانسا،بۇنىڭدىن "قانچە كۆپ بالا تۇغسا، شۇنچە ؟؟لۇغ ئانا، قانچە ئاز بالاتۇغسا،شۇنچە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇلۇغ ئانا، تۇغمىسا ئۇلۇغ ئەمەس"دېگەن بىمىنە يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.ئويلاپ باقساق،پادىچىنىڭ قىممىتى پادا سانىنىڭئاز-كۆپلىگىدە ئەمەس،بەلكى ئۆز پادىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدە كۆرۈلىدۇ.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئانىنىڭ قىممىتى، ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى، يەنى پەرزەنتلىرىنى زاماننىڭ تەلىپىگە،مىللەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ،ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەگەر ئانىلارنى ئۇلۇغلاشتا، "بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، چوڭ قىلىش" شەرت قىلىۋېلىنسا، ھەر قانچە بىلىملىك،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايال بولسىمۇ، بۇ خىل ئۇلۇغلۇق شەرتىگە يېقىنلىشالمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈللەر ئانا ئەمەس، بەلكى قىزلاردۇر. ئۇلار نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇلماي ئۇلۇغلىنىدۇ؟ ئۇلار ھۆرلۈك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلغانلىقى،ئۆزلىرىنىڭ .ئىنسانىي قەدىر- قىممىتىنى ھەممىدىن ئالىي بىلگەنلىكى، باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن پىداكارلىك بىلەن قۇربان بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلىنىدۇ. بىز يۇقۇرۇقى "شەرت" نى ئاشۇ ئۇنتۇلماس قەھرىمان قىزلىرىمىزغا قويۇشقا پېتىنالايمىزمۇ؟.
تەڭرى ئاتا قىلغان تەبىئىي ئىقتىدار ۋە ھەممە ئاياللارغا ئورتاق بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپلا، "ئانىلار ئۇلۇغ" دېيىش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. ھەر قانداق قىز بالاغەتكە يەتكەندە، فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئانا بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن بىز ئۇلارنى "ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر" دەپ ئېيتساق مۇۋاپىق بولامدۇ؟

بالا تۇغقان ،ئېمىتكەن،چوڭ قىلغان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،"ئانا"دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. شۇ تۈپەيلى ئانىلارنى قارىقويۇق ھالدا ئۇلۇغلاش-نورمالسىزلىق. ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشى، كۈتۈشى ھەتتا "ئانام -دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا"دەپ چۈشىنىشى ئۆزىنىڭ ئەركى. بۇنداق ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. "ئانام ئۇلۇغ" دېگەن سۆز بىلەن"ئانىلار ئۇلۇغ" دېگەن سۆزنىڭ خاراكتېر ۋە مەنە پەرقى ناھايىتى زور.

arman-taxkin يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:42:54

مىنىڭچە مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن ئانىلارنى ۋە ئانىلىرىمىزنى چىن دىلىمىزدىن ھەقىقى ھۈرمەتلىشىمىز ، ئىززەتلىشىمىز ، ئاسىرشىمىز كىرەك دەپ قارايمەن .

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 13:13:41

بۇ ماقالىنى ئالدىرىماي تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.
بىر قىز توي قىلىپ بىر ئائىلىگە باش بولدى دىمەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەندى دېمەكتۇر. توي قىلىشتىن بۇرۇنقى تەنتەكلىكىڭگە خاتىمە بېرىدىغان ۋە ئەرنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك چىدامچانلىققا ئىگە بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. توي قىلغان ئىكەنسەن بالا تۇغىسەن ۋە "ئانا "دىگەن مۇقەددەس نامغا ئىگە بولىسەن.
بەزىبىر قىزلىرىمىز باركى توي قىلىشنى تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرىيىتى، بالا تۇغۇشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدىغان، بالىنى تۇغۇپلا قويسا ھېساپ. بالىنى قانداق تەربىيەلەش توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ قويمايدۇ. راستىنى دېگەندە بالىسىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئويلىنىشقا ۋاقتى يەتمەيدۇ. بالىسىنى ئۆيىدە چوڭلارغا تاشلاپ قويۇپ بازار ئايلىنىپ كىيىم تاللاشقا ۋاقتى چىقىدۇكى بىرەر سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ بالسىغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ.
بۇنداق قىزلىرىمىز تەربىيەلەپ چىققان بالىلار كېيىنچە جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەسكىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
دىمەكچىمىزكى ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بەكلا ئېغىر.
دادا، پۇل تېپىش ۋە ئايىقى چىقماس خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ بالىغا كۆپ ھەمراھ بولالمايدۇ، بالا بىلەن دائىم بىللە بولىدىغىنى، تەربىيەلەيدىغىنى يەنىلا ئانا.
بىر ئانىنىڭ بالسىغا بولغان مەسئۇلىيىتى، بالىنى بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىققاندىن باشقا سەن كىم؟ كىم ئىدىڭ؟ مىللىتىڭ نېمە؟ دىنىڭچۇ؟ چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەن ۋە مىللىتىڭ ئۈچۈن  قىلىدىغىنىڭ نېمە؟ "ئەلۋەتتە،بىر ئادەم پۈتۈن دۇنيانى ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايدۇ. بىراق بىر كىشىلىك ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلىشى كېرەك"دىگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تاپالايدىغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى لازىم.
شۇنداق ئانىلار ئۆتكەنكى، بالىسى جەڭگە ماڭسا "بالام جەڭدىن ھايات قايتىپ كەلمە! دۈشمىنىڭنى يېڭىپ ئەل–ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بول!" دەيدىغان بىزنىڭ ئانىلىرىمىزدىنمۇ شۇنداق ئانىلار بارلىققا كەلگۈسى!

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:22:41

"ئوغلۇم، كەينىڭدىن ئوق يېسەڭ ، بالام دېمەيمەن..." دېگەندۇ؟ "ھايات قايتىپ كەلمە~!...." دېمىدى چوقۇم.. :)

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:58:10

سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:22 دە يوللىغان /images/common/back.gif
"ئوغلۇم، كەينىڭدىن ئوق يېسەڭ ، بالام دېمەيمەن..." دېگەندۇ؟ "ھايات قايتىپ كەلمە~!...." دېمىدى چوقۇم.. :)
ھايات قايتىپ كەلمە! شېھىتلىك ماقامىغا يەت دېگەنىكەن.............

Jilwe يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:40:27

يالقۇن روزى ئەپەندىم ، تەنقىدى مەزمىندا ئوبزور يىزىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن . تور دۇنياسىدا بەزىلەر ، بۇ كىشى ئادەم تىللايدىغان ، ئىچى تار ئادەم دەپ باھامۇ بەرگەن .
بۇ ئەسىرىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ .  نۇرغۇن سېلىشتۇرمىلاردىن بىزنىڭ بىر ئاددى ئانادىن ئۇلۇغ ئانا شەرتلىرىگە توشۇش ئۈچۈن . ئانىلارنىڭ قانچىلىك قۇربان بېرىدىغانلىقىنى ، يەنە شۇ ئاددى ئانىلارنىڭ ئۆز نەپسىنى دەپ ئۆزىنىڭ بىر ئانىلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى ، ناھايىتى ئەمەلى مەزمۇنلار بىلەن يېزىپ چىقىپتۇ .
بۇ ھېلىقىدەك شەنبە - يەكشەنبىنى قولدىن بەرمەي شەھەر ئاتلاپ سورۇن ئوينايدىغان ، مىھمان كۈتىدىغان ئانىلار بىلەن  ئۆز پەرزەنتتى ئۈچۈن بىر بورىكىنى بېرىدىغان ، قان سېتىپ كېسەل داۋالىتىغان ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى .

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:48:15

دىمىسىمۇ راس بالا تۇغۇپ ، ئانا ئاتالغان ھەر بىر ئانىنىڭ ، ئۇلۇق ئانا دىگەن شەرەپلىك نامنى قولغا كەلتۈرمىكى ئاسان ئەمەس ، بۇ ماقالىنى ئانا بولمىش ھەربىر ئايال تەپسىلىي ئوقۇپ چىقساق بولغۇدەك .

Aychiwer يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:58:30

<<  مىكائىل ، بۇنداق خوتۇنلارنىڭ قىلچە ئانا بولغۇدەك سالاھىيىتى يوق ! >> -- دېدى نازپەرۋەر .
-- شۇنداق ، ئاپام ناھايىتى باغرى قاتتىق ئايال ئىكەن . " چىشى يىلان جېنىدا بالىسىنى يىمەيدۇ ، ئەركەك يىلانلار بالىلىرىنى يېيىش ئۈچۈن خىرىس قىلغاندا ، چىشى يىلان ئۇلارنى جان تىكىپ قوغدايدۇ " دەپ ئاڭلىغانىدىم ، لېكىن بىزنىڭ ئاپىمىز يىلاندىنمۇ زەھەرلىك ئىكەن ، ئۇ بىزنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى .>>
-----------------------
<< جىنايەت ۋە نەپرەت >> ناملىق كىتابتىكى بۇ دىئالوگ  ئېسىمدە شۇنداق قاپتىكەن . مەنچىمۇ يالقۇن روزى مۇشۇ خىلدىكى قىسمەن  ئانىلارنى كۆزدە تۇتۇپ يازغان بولىشى مۈمكىن ~ دەپ ئويلىدىم .
بەت: [1]
: زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ ؟