زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرەلىرى
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرەلىرىساداقەتجان ھاجى
(بۇ «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»نىڭ تەۋەرۈك تىمىلىرىدىن بىرى بولۇپ، «يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى»نىڭ ھۆرمىتىگە سۇندۇم)
ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋان ھىكمەت»، «خەزائىنۇل مەئانى»، «دىۋان مەشرەب»، «دىۋان گۇمنام»، «دىۋان زەلىلى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر شېئىرىيەت نەمۇنىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ شېئىرىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىپ كەلدى.
نۇرغۇن شائىرلىرىمىز مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالدى. گەرچە كىلاسسىك شېئىرىيەت بوستانىمىزدا بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسىغا جۆر بولۇپ، بىر تۈركۈم قىزىلگۈللىرىمىز ئۆزگىچە خۇشپۇراقلارنى چېچىپ، روھىيەت گۈلزارىمىزغا گۈزەللىك ئاتا قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ئىدى. شۇنداقلا بەزى گۈللىرىمىزنىڭ ئىسمىدىن خەۋەردار بولساقمۇ، ئىجادىيەت غۇنچىلىرىنى كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ئىدۇق. چۈنكى، جاھالەت ۋە قاباھەت بورانلىرى بۇ غۇنچىلارنى توزۇتۇپ، دەۋرىمىزگە يەتكۈزمىگەن ئىدى.
دەۋرىمىز 20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت مىۋىلىرى خەلقىمىز بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشەلەيدىغان بولدى. شېئىرىيەت ئىخلاسمەنلىرى شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ساقلاش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتى. ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا شېئىر ئىلان قىلىۋاتقان شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ سانى كۆپەيدى. نۇرغۇن نادىر شېئىرلارمۇ ۋۇجۇتقا كەلدى. شېئىرىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى چىمەنگۇل ئاۋۇتقا ئوخشاش بىر تۈركۈم تالانتلىق شائىرەلىرىمىزنىڭ ئەجرىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.
مەن ئۆتكەندە، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ «زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى» دىگەن تىزىملىكنى تۈزۈپ، ئاساسلىق بىر نەچچە تور بىكەتلەردە ئىلان قىلغان ئىدىم.(ئەلۋەتتە، بۇ تىزىملىككە 150 نەپەر شائىرنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تولۇق ئەمەس ئىدى.)
بۇ قىتىم شائىرەلىرىمىزنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم، ئېسىمدە قالغانلىرى بويىچە تۇرغۇزغىنىم ئۈچۈن، بۇ تىزىملىكنىمۇ تولۇق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. يەنە ئىزدىنىپ داۋاملىق تولۇقلايمەن. بۇ تىزىملىك ئاساسەن مەتبۇئاتلاردا شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان شائىرەلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. تور دۇنياسىدىكى شائىرەلەرنىڭ ئەسلى ئىسمىنى بىلىش قىيىن بولغاچقا، ھازىرچە ئۇلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بىلىدىغان تورداشلار ئىنكاس قەۋىتىگە تور دۇنياسىدىكى شائىرەلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسا، تىزىملىككە تولۇقلىۋىتىمەن. (چۈنكى تور دۇنياسىدىمۇ شۇنداق ياخشى يازىدىغان شائىرەلىرىمىز بار)
بۇ تىزىملىك تولۇقراق تۇرغۇزۇپ چىقىلسا، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى بىر مەنبە بولۇپ قالىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
‹ئا›
ئادالەت ئابدۇرىھىم
ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت
ئاتىكەم مۇھەممەد
ئامانگۇل ئەزىز
ئامانگۇل ئىلى
ئامىنە دۆلەت
ئامىنە قادىر پىراقى
ئامىنىگۇل ھىكىم
ئايىمنىسا سۇلايمان
ئايتۇرا سادىر
ئايسىمە ئىدرىس
ئاينۇر (ھىلالە)
ئايگۈل مۇتىللا
ئايگۈل ھەمدۇللا
‹ئە›
‹ئى›
‹ئو›
‹ئۆ›
‹ئۇ›
‹ئۈ›
‹ب›
بىلىقىز تاھىر
بىلىقىز سۇلايمان
بۇۋىھەجەر نىمشىھىت
‹پ›
پاتىگۈل ئابدۇللا
پاتىگۇل قاسىم تۆرىبەگ
پاتىگۇل مەقسەتوۋا
پاتىگۇل مۇھەممەد
پاتىگۇل نىياز (ئىپارە)
پاشاگۈل ئىسمايىل
‹ت›
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
تۇرسۇنئاي بەختى
تۇراخان توختى
تۇنىسا ئابلىز
تۇنىسا ئوسمان
تۇردىگۇل ئىلى
تۇرنىسا رېھىم
‹ج›
جەناگۈل قىيۇم
‹چ›
چىمەنگۇل ئاۋۇت
‹خ›
خاسىيەتگۈل (نالە)
‹د›
دىلبەر قىيۇم
‹ر›
رابىيەم غوپۇر
راھىلە كامال
رەشىدەم سىيىت
رەيھانگۈل غىنى
رىزۋانگۈل ھۈسەيىن
رىسالەت مەردان
رۇقىيە مامۇت
رۇخسارى يەھيا
‹ز›
زەينۇرە ئەيسا
زۆھرەگۈل ئەھەد
زۆھرەگۈل غوپۇر
‹س›
سەنەۋۋەر ئابدۇراخمان
‹ش›
‹غ›
غەلىبە مۇھەممەد
‹ق›
قۇندۇز مۇھەممەت
‹ك›
‹گ›
گۈلئەنبەر يۈسۈپ (زىبا)
گۈلباھار مۇسا
گۈلزار ئابلەت
گۈلسۈم ئوسمان
گۈلسۈم توختى
گۈلباھار مۇھەممەدئىمىن
گۈلبوستان ئابدۇرىھىم
‹ل›
‹م›
مەريەم سەپەربايىۋا
مەريەم ئەھەت
مەلىكە زىياۋۇدۇن
مەڭنىساگۇل ئوسمان
مىھرىبان نىياز چوغلۇق
مۇكەررەم ئەبەيدۇللا
مۇنەۋۋەر قۇربان
‹ن›
نۇرىيە ئىلاخۇن
نىگارئاي ئۆمەر
نۇرئامىنەم ئەھەت
نۇرگۇل مىجىت
نۇرگۇل ھىيىت
نۇرگۈل يۇنۇس
‹ھ›
ھاجى ئاتىكە مىرەخمەت
ھاۋاخان ئەخمەت
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
ھەجەر قادىر
ھەجەر قاسىم
ھەمراگۇل غوپۇر
‹ۋ›
‹ي›
*************************************
(بۇ تىزىملىك داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ. تىزىملىككە كىرمىگەن شائىرەلەرنى تورداشلارنىڭ ئىنكاس قەۋىتىگە كۆرسىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن)
(ئەسكەرتىش: باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ)
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34745474.html
************************************* ھازىرچەئېسىمگە كەلگەنلىرى :
1. ئامىنە مەتقۇربان
2. ھۆريەت مۇھەممەت
3. بۇخەلچەم تۇردى
4 . ھەلىمە تۇردى
5 . گۈلگىنەماھمۇت
6. مىھرىگۈل ئابلىز
7 .گۈزەلنۇر ئەمەت «يەتتە قىزلىرىم»نىڭ شائىرەلىرىمۇ ئۆزلىرىڭلارنى ئاشكارىلاڭلار ئەمدى.
بولسا قىسقىچە تەرجىمىھالىڭلارنى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئىلان قىلىش ئەھۋالىڭلارنى ئىنكاس قەۋىتىگە قالدۇرۇپ قويۇڭلار. بۇ شائىرلاردىن، مۇنبىرىمىزدىكى شائىرەلەرنىلا بىلىدىكەنمەن.
كەتمانباينىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!
ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز. مىنەۋۋەر مۇختەرنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ كەتمەنباي. مۇنبەرلەردە قاپىيە قوغلىشىپ << شېئىر >> يازىدىغان قوشاقچىلارمۇ باركەن ئىچىدە . مۇنداق دېسەم مېنى ئىچى تارلىق قىلدى ~~ دېمەڭلار . مەن پەقەت << زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرەلىرى >> دېگەن ماۋزۇ تەلىۋىگە ، ئۇ قوشاقچىلارنىڭ ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق ئىنكاس يازدىم . گېپىمنىڭ تۈزلىگىدىنغۇ ... ماڭا جىق ئادەم ئۆچ بوپ كەتكەن توردا ;P Aychiwer بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:21 دە يوللىغان /images/common/back.gif
مۇنبەرلەردە قاپىيە قوغلىشىپ > يازىدىغان قوشاقچىلارمۇ باركەن ئىچىدە . مۇنداق دېسەم مېنى ئىچى تارلىق قىلدى ~~ دې ...
بولسا يەتتە قىزلىرىمدىمۇ تۈز گەپنى تولا قىلىپ بىزلەرنى بىر ئۆچ قىلىۋېتىڭە.:lol
ئايچىۋەر بەكلا ئېسىل يازمىلارنى يوللايىتتى،بۇرۇن ئېسىل تېمىلىرىڭىزنىڭ دائىملىق ئوقۇرمەنى ئىدىم. يەتتە قىزلىرىمدا ھېچ كۆرمەيمەنغۇ؟:) ئايچىۋەر : مېنى دىدىڭىزمۇ يە قوشاقچى دەپ ؟ ھى ھى ھى
كىرىپ تۇرۇڭ ئۇنداق قىلماي. تېتىملىق يازمىلىرىڭىزنى سېغىندۇق. مەن بۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى ئەزاسى، بىلگەنلىرىمنى دېگەچ تۇراي:
سائادەت ساتتار
ساجىدە سۇلايمان
زۆھرە تۇرسۇن راس ئايچىۋەر ھەدە ، يوقاپلا كەتتىڭىز ئادەمنى سېغىندۇرۇپ ، بولسا بۇ مۇنبەردىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىللىرىڭىزنى كۈرۈپ تۇرايلى .
بەت:
[1]
2